• 5/6/2010

    غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت شېئرلىرى - [شئېرى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63124708.html


    غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت



    (1)

    كۆزلىرىمدىن ئارمانىمنى كۆر ،
    كىرپىكىمدىن كارۋانىمنى كۆر .
    ئاڭلاپ ھايات قوشاقلىرىنى ،
    مۇزلاپ قالغان گۈلخانىمنى كۆر .

    ناماز ئوقۇر جېنىم تېنىمدە ،
    ئىمان ئېيتقان شەيتانىمنى كۆر .
    قايتار ھەممە ھەقكە ، رەھىمگە ،
    قايتىۋاتقان جەريانىمنى كۆر .

    (2)

    بىنالارنىڭ قورسىقى ئاچتى ،
    ئۇسساپ كەتتى كوچا-رەستىلەر .
    قوللىرىنى سوزار «گۇناھ» قا ،
    يۈرەكتىكى گۈللەر ، كەشتىلەر .

    ھۇررا توۋلاپ ئۆتەر كۆلەڭگە ،
    ئەگەشتۈرۈپ جىنلارنى پات-پات .
    ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى ،
    ساۋادسىز بوپ قالدى ئېتىقاد .

    (3)

    ئايغا قاراپ بولدۇم يالىڭاچ ،
    كۈنگە قاراپ قالدىم نائىلاج .
    گۈلگە قاراپ يارىمنى كۆردۈم ،
    تاقىۋاپتۇ خازانلاردىن تاج .

    داپتا بوران ، تەمبۇردا ئىسيان ،
    دۇتار چېلىپ قالدىم بالادا .
    كىيىپ جۇل-جۇل جەندە-كۇلانى ،
    ناخشا ئېيتار كۆڭلۈم تالادا .

    (4)

    تۇرار جايىم بولمىسا مېنىڭ ،
    بارار جايىم باردۇر ئەلۋەتتە .
    ياشار جايىم بولمىسا مېنىڭ ،
    ئۆلەر جايىم باردۇر خىلۋەتتە .

    ياماشقاندەك ئايغا مەجنۇنتال ،
    ياماشارمەن يارغا يا دارغا .
    تاڭلا باھارىم بولمىسا مېنىڭ ،
    قانداق دەسسەي گۇناھسىز قارغا ؟!

    تارىخ


    ۋاراقلىدىم تەن گۈلخانلىرىنى
    قۇياش مۇزلاپ ياتقان ئاسماننى كۆردۈم
    ۋاراقلىدىم چۆل بارخانلىرىنى
    يىلتىزى سارغىيىپ كەتكەن ئىماننى كۆردۈم
    ۋاراقلىدىم روھ ئىسيانلىرىنى
    مەشرەپ دارغا ئېسىلغان جەرياننى كۆردۈم.


    شەھەر سەھرالاردىن كەتتى يىراقلاپ،
    تاشلار سايدا ياتار يېلىڭ، يانچىلاپ،
    دەريالار ئاقار ئۈنسىز، قىرغاق قاغجىراپ...
    بىر سىقىم توپىنى ئالسام قولۇمغا،
    ئاتلار كىشنەپ كەتتى شۇئان جېنىمدا.
    ئېچىپ كۆكسۈمنى
    ئۆتمە – تۆشۈك بوپ كەتكەن قالقاننى كۆردۈم.
    ئېلىپ قالقاننى
    خۇدا ئۇخلاپ ياتقان ئايۋاننى كۆردۈم.


    شەھەردە ياشايمەن
    دەريا – كۆللەرنى ئۆيۈمگە باشلاپ
    دەرەخلەرنى شېشىگە قاچىلاپ يەيمەن.
    ئون قەۋەت بىنانىڭ پەلەمپىيىدە
    قاراپ سەدىقە تىلەۋاتقان ئىككى ئادەمگە
    ئۇيغۇر چۆلىدە
    تۆگىسىگە مىنەلمەيۋاتقان كارۋاننى كۆردۈم.

    جان ئارا جانان ياتۇر ئايەت ئوقۇپ

    (1)

    كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم.
    ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم.

    ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا،
    قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم.

    ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى،
    جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم.

    تۇرپاندا قەبرە، بولدۇم ھازىدار،
    شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم.

    كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ،
    ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم.

    (2)



    ئالمىخاننىڭ ئالمىسى بار، باغى يوق.
    لەيلىخاننىڭ گۈلى بار، گۈلزارى يوق.

    سايرىماڭلار غۇنچىخانغا تەلمۈرۈپ،
    ئېچىلىشقا بەھرى ئاپتاپ يازى يوق.

    تاڭغا يىغلاپ ئولتۇرىدۇ نۇرىخان،
    تۈندە كەلمەڭلار ئۇنىڭ چىراغى يوق.

    چىللىماڭلار ھۆرىخاننى بەزمىگە،
    ئاڭا ئاشىق يىگىتى - سەردارى يوق.

    تىڭشىماڭلار كۈيلىسە ئازادىخان،
    جان غېمىدىن كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق.

    (3)

    يارىم كېلىپتۇ كۆرۈپ كەتكىلى.
    ساچىنى چۇۋۇپ ئۆرۇپ كەتكىلى.

    جېنىمنى ئويناپ بارماقلىرىدا،
    بارماقلىرىمدا ئۆلۈپ كەتكىلى.

    دوزاق ئوتىدىن ئالغاچ كېلىپتۇ،
    ئۆچكەن قېنىمغا كۆمۈپ كەتكىلى.

    لەۋلىرى سەرسان، كۆكسىدە ئىسيان،
    يىغلاپ كېلىپتۇ كۈلۈپ كەتكىلى.

    سۇندۇر قەدەھنى، جىسمىم شاراپتۇر،
    يارىم كېلىپتۇ چۈمۈپ كەتكىلى.

    (4)

    گۈل ئېچىلدى، تاڭدا ئۇخلار بۇلبۇلى.
    تال يىشىندى، سۇدا ئوينار سۇمبۇلى.

    چۆل مۇقام چالۇر بوران پەنجى ئىلە،
    شەمۇ - شە ياڭرار مۇساپىر مەرغۇلى.

    ئەر بالاغەت دەشتىدە پىيادىدۇر،
    ئىنتىزار باغلاقتا كىشنەر دۇلدۇلى.

    جان ئارا جانان ياتۇر ئايەت ئوقۇپ،
    نۇر چاچار كۆزىدە ئىشرەت يوللىرى.

    ئەي خۇدا سەن كىمنى يار قىلدىڭ ماڭا،
    جىسمى خار، قەلبى مۇھەببەتنىڭ قۇلى؟!

    (5)

    تەرسالىقىمدا ئىتائەت ئۆلمەس.
    رەسۋالىقىمدا مۇھەببەت ئۆلمەس.

    ئۆلۇم دەشتىگە سالمىسام ئاتنى،
    ھايات باغچامدا ھالاكەت ئۆلمەس.

    مىڭ بىر كېچىگە ياقمىسام چىراغ،
    جىنلارنىڭ سۈرى - قاباھەت ئۆلمەس.

    رەقىپ ياشلىرىدا يۇيۇنمىسام گەر
    يۈرىكىمدىكى جاراھەت ئۆلمەس.

    قۇتۇلمىغىچە جان ھىجرانىدىن،
    روھىمدىكى جىنايەت ئۆلمەس.

    (6)

    ئۆزۈمگە بىر ئۆزۇم ھەقدا قەلەندەر مەن.
    ساپايەم زارىدىن سەۋدا قەلەندەرمەن.

    كېچىپ نىگاردىن كىم يەتتى ھىجرانغا،
    ئۇنىڭ ھۆر قان ۋە ياشىدا قەلەندەرمەن.

    ۋىسال ئارغامچىسىدا كىم باغلىنىپ يىغلار؟
    بەخت ئىچرە جۇداسىدا قەلەندەرمەن.

    بىراۋنىڭ تاجى كۈلپەتتۇر بۇ باشىمغا،
    شەھانە قۇل ئاراسىدا قەلەندەرمەن.

    بىھۇشلۇق چۆلىنى ئىستەيدۇ بۇ كۆڭلۈم،
    يېشىلسەم گۈل بازارىدا قەلەندەرمەن.

    (7)

    كۆنسە كۆزۇمگە كۈلپەت نە ئىلاج؟
    كۆنسە ئۆلۈمگە قىسمەت نە ئىلاج؟

    ۋەھىمە بىرلەن مەھكەم تاقالغان
    قەبرەئى دىلغا رىغبەت نە ئىلاج؟

    ھەقىقەت - قىلىچ، نۇرى - قىزىل قان،
    بىلمىگەن ئەرگە ھېكمەت نە ئىلاج؟

    ئۇنتۇپ ياشىغان ئۆلەر سېغىنىپ،
    سېغىنمىغۇچە ئىبرەت نە ئىلاج؟

    جان تەندە ئامان - قۇلۇڭدا جاھان،
    بىلمىسەڭ مەڭگۈ پۇرسەت نە ئىلاج؟

    (8)

    سېغىن باش ئۇرغىلى خۇدا ياخشى.
    ئاڭا يەتكىلى ھەم گۇنا ياخشى.

    ۋەتەنسىز قالمايدۇ ئىتمۇ ئاخىرى ھەرگىز،
    تىللىما زىكرىگە ھەمدۇ - سانا ياخشى.

    گادايلىق تونىنى سال ، دېدىڭ كىمگە؟
    بىراۋنىڭ تاجىدىن ئەسكى كۇلا ياخشى.

    قۇياشقا تەلمۈرۈپ ياتقان كېچەلەردىن،
    سەپەردە بولغىنىڭ جاندىن جۇدا ياخشى.

    غوجى جان ئايۋىنىدىن چىق قىلىپ ئىسيان،
    سايدىكى قارا تاشقىمۇ سادا ياخشى.

    (9)

    نەۋائىي ھەزرىتىم ياققان چىراغمەن.
    شاھ مەشرەپ چۆلىدە يالاڭ ئاياغمەن.

    جاھاننى تەلمۈرتۈپ مەيسىز، بادەسىز،
    ھەييامنىڭ قولىدا سۇنغان ئاياقمەن.

    كۆيىمەن دوزاخ مەندە بولغىچە ۋەيران،
    زېمىننىڭ قەلبىدە يانغان چىراغمەن.

    ئىسمىمدىن قان ئاقىدۇ، جىسمىمدىن جان،
    تۇلپار ئىزىغا قايتقان تۇپراقمەن.

    كەچۈر ئەي تەڭرىم ئازسا قەلىمىم،
    قۇياشقا يېقىن تاڭدىن يىراقمەن.

    (10)

    بىر دېسەڭ مىڭ بولۇپ چېچىلغايمەن.
    مىڭ دېسەڭ بىر بولۇپ يىغىلغايمەن.

    سىر دېسەڭ كۆز يېشىمنى چۈشەنمەستىن،
    قىپ - قىزىل قان بۇلۇپ ئېچىلغايمەن.

    ئۆلدى دەپ سۈرەن سالساڭ ئالىمىڭگە،
    قايتىدىن دارلىرىڭغا ئېسىلغايمەن .

    تۈن دىسەڭ ھاياتىمنى، تۈن كۆكسىگە
    نۇر دېگەن ئەشار بولۇپ يىزىلغايمەن.

    مەن بار مەن سېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭدا،
    تاكى سەن ئۆلمىگىچە ياشىغايمەن.

    (11)

    ئېگىلگەن باشقا ئۇرارمەن قېلىچ.
    ئېزىلگەن تاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

    ئەڭ چوڭ دۈشمىنىم بىچارىلىكتۇر،
    تۆكۇلگەن ياشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

    رەقىبىم بولسا ئامان قويمىسۇن،
    ئۇ بەرگەن ئاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

    ئۆتتى پۇشايماندا ھەر بىر كېچەم،
    ئارسىز قۇياشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

    قەبىھ قەيسەرلىكىمدىن مەۋجۇتمەن،
    تىترەپ ياشاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

    (12)

    ئۇھسىنىپ دەم - دەم دەرىزەمنى قاقار بىر كىم.
    پەرىشان كۆڭلۈمنى يەنە سۇندۇرۇپ چاقار بىر كىم.

    مۇھەببەت تۇندىكى بىر تال يۇلتۇزدا ئويغاق،
    خىيالىمنى ئېغىر ساپانغا قاتار بىر كىم.

    جېنىم سەرسانە ، ئۆلۈم دەرۋازىسىنى ئەتمەپتۇ،
    يۈرىكىمدىكى پىراق داۋانىدىن ئاشار بىر كىم.

    غىچىرلاپ سۆڭەكلىرىمدە ساناقسىز ھارۋا،
    مېنى قۇل بازارىدا تىنماي ساتار بىر كىم.

    تاكى تاڭ يورىغىچە سۆيگۈگە مەشغۇلمەن،
    پىلىك ئۇشلاۋاتقان زۇلمىتىمگە ئاقار بىر كىم.


    قېچىپ يۈرۈپ تۇتۇلغان جەرەن


    كۆز نۇرۇڭدۇر يۇلتۇزلار سېنىڭ
    تىنىقىڭدۇر سېنىڭ شاماللار.
    قۇچىقىڭدا ئەللەيلىنىمەن
    لەۋلىرىڭدىن شاراب ئىچىمەن.
    كىرپىكلىرىڭ ئورمانلىقىدا
    ئاچ بۆرىدەك ھوۋلاپ ئۆلىمەن...
    ئارام بەرمەس غالجىر خىياللار.


    تېنىڭ دەريا چۇڭقۇر ۋە سۈزۈك،
    يالىڭاچتۇر دەردىڭ، ھەسرىتىڭ.
    سەرەڭگىدەك ئۆچكەن يېنىپلا
    ئۈمىدلىرىڭ، بەختىڭ، شادلىقىڭ.
    بارلىقىڭمەن، تاجۇ-تەختىڭمەن
    چۈمۈلىدەك ھارماس ئىشچىمەن.
    قېچىپ يۈرۈپ تۇتۇلغان جەرەن
    چۈشلىرىڭدە ئۆلگەنمەن بەزەن.


    ئاي يىغلىسا ئىچ ئاغرىتار كىم،
    گۈل توزىسا چېكەر كىم پەرياد.
    سۆيۈش ئىكەن ئەسلىدە ھايات...
    سانسىز ئۆلۈم كەينىدە ۋىسال،
    ئادەم دېگەن زۇلمەتلىك جامدا
    چايقىلىدۇ جۇدالىق ھەيھات.


    ئالدىنىشلار تەكرار ۋە تەكرار،
    تىللاپ- تىللاپ ئۆڭۈپ كەتكەن سۆز
    يىغلاپ- يىغلاپ ئۆچۈپ كەتكەن كۆز...
    تاش قەلبىدە تاش باردۇر يەنە
    كۆز يېشىدا يوقتۇر ھېچنىمە.


    ئۇھ دېگۈچە ئارام بەر نەپەس،
    يوتقان يىرىتقان پۇتلىرىم قېنى؟
    سۆيگۈ كېسەل، كېسەل ھېسىيات،
    ئەتىرگۈلدۇر كېسەل كارۋىتى.
    مۇنچىدىكى قىپيالىڭاچ تەن
    سىمىۋولدىن يىراق كېلەچەك.
    بىر چىۋىننىڭ ئۆلۈمى بەزەن
    ھەممە نەرسە گۈزەل توساتتىن
    يىرگىنىشلىك توساتتىن ھەممە.
    ئېھ، شۇ تاپتا ئۆلۈۋاتقان كىم
    ئۇ مەن بەلكىم شۇنچە بىمەنە.
    ئېھ، شۇ تاپتا يىغلاۋاتقان كىم،
    ئۇ مەن ياكى ئادەم، پەرشتە.

    ....ئۆلدى


    شام ئالدىدا پەرۋانە ئۆلدى،
    نان ئالدىدا دىۋانەئۆلدى،
    ھەييام بىر ئۆمۈر مەي-شاراب ئىچمەي،
    جام ئالدىدا مەردانە ئۆلدى.

    ئاشىق تۈنلەرگە سۆزلەپ يۈرمىسۇن،
    ئاي ئوردىسىدا تىنەپ يۈرمىسۇن،
    مەشۇقى دىلىدا،ئىزلەپ يۈرمىسۇن...
    بۇلبۇل گۈل نازىغا ھەيرانە ئۆلدى.

    يىڭنە قۇلىقىدىن ئۆتتى كارۋانلار،
    ئۇستىخان سۆڭەكلەردىن قۇردى ئايۋانلار،
    تەن قالدى،روھىنى كۆمدى بارخانلار،
    ۋەتەنسىز ئۆز يېرىدە سەرسانە ئۆلدى.

    تىرىكلىك-پۇرسەتتۇر،بىلمىدى،كۆچتى،
    يۇرۇقلۇق -ھېكمەتتۇر،بىلمىدى،ئۆچتى،
    ئەرك-جەننەتتۇر،بىلمىدى،يېتتى...
    زەردارنىڭ قولىدا دۇردانە ئۆلدى.

    زەئىپ نالىلەردىن قەبرە ئېچىلماس،
    مەككىگە بارسىمۇ ئىمان تېپىلماس،
    ئېگىلگەن باشقا قىلىچ چېپىلماس...
    دېدى-دە،ئۆلدى،ھامانە ئۆلدى.

    1999-يىل،يانۋار،خوتەن

    ئۆلسەم

    يېتەتتى ۋەسلىگە جانىم،ئۆلۈمنى ئۆلتۈرۈپ ئۆلسەم،
    ئۆلۈمنىڭ باغرىدا بىر رەت جېنىمنى كۈلدۈرۈپ ئۆلسەم.

    ماڭا بۇ نەزمىخانلىقتىن نە شۆھرەت،نە ئادا بولغاي،
    سۆزۈمنى سۆزگە جەم ئەيلەپ لەھەتكە مۆكتۈرۈپ ئۆلسەم.

    كۆيۈپ مەن كېچە ھەم كۈندۈز،ئىشىقتىن قايتمىدىم ھەرگىز،
    يېتەتتى ئوتقا ئوت ئاندىن،بۇ ئوتنى كۆيدۈرۈپ ئۆلسەم.

    كۆزۈمدىن قۇرۇماس ياشىم،پىغانلىق ئىچى ھەم تاشىم،
    بولاتتى دۇر-گۆھەر تاشىم،بۇ ياشقا چۆكتۈرۈپ ئۆلسەم.

    قەتلەئى ناز ئىلە ئاھ،ئاھ باقار نەزمەم قۇرىدىن يار،
    تاپاتتى ۋەسلىنى كۆڭلۈم،ئۇنى مەن بىر كۆرۈپ ئۆلسەم.

    چېچىنى قامچا قىپ كەلسە،مۇھەببەت ھارۋىسى بىرلە،
    ئېتىمنى مەن ئاڭا قاتسام،سەپەردە مەن يۈرۈپ ئۆلسەم.

    نىگار قۇچاغىدىن ئۆزگە تېپىلغايمۇ ماڭا قەبرە،
    بۇ ئىشىق ئىچرە يارانلار يەنە مىڭ ئۆزگۈرۈپ ئۆلسەم.