-
2011年05月31日
دەيۈزلۈك ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى
ئىنسانلارنىڭ پەرۋازى زىمىن، ھاۋا ۋە سۇلارنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇردى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاسماننىڭ يىراق بۇرجىدىكى يۇلتۇزلار....سۇنئى ھەمراھلار يۇلتۇزلارنىڭ سىرلىرىنى چارلاپ، يەر يۈزىنىڭ ئەلپازىنى نىشانلىدى.
ئەسۋاپلار شۇ قەدەر نازۇك، يۈرەكنىڭ ئەنسىز سوقۇشلىرى، ئىچ - باغرىمدىكى ئاينىشلار، قان تىپلىرىمىز، گېن تۈزۈلۈشىمىزنىڭ ھەممىسى ئاشكارا، ھەر - بىر بوسۇغا، ھەر - بىر دوقمۇش ئارخىپىمىزغا يېڭى بىر مەزمۇن قوشىدۇ. بارغانسىرى كارتىلارغا ئايلاندىم، كارتىلار مىنى توشۇماقتا.
تېلىفۇن.......تېلىفۇنلاردا پارغا ئايلاندىم، كىملەردۇ مېنى سۈزمەكتە، لىكىن مەشۇقۇمنىڭ كارى يوق.
يالغۇزلۇق، ھىچكىمگە چۈشەندۈرەلمىگەن گەپلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن سوغۇق يالغۇزلۇق بازارغا ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزەمگە قېپقالدى.
مەنپەت مۇرەسسەلىرى ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇردى. يەتتە ئىقلىمدىن كەلگەن بىر توپ ئادەم بىر شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشتى، ئاندىن پاي چېكى، موھىت كىرزىسى، تېرۇرىزىم ھەققىدە گەپ قىلىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئوقۇش يېشىدىكى گېزىتچى بالىلار تېرۇرىزىمنى باش ماقالە قىلغان گېزىتنى توۋلاپ سېتىشىۋاتاتتى. دەل شۇ كۈنى بىر مايلامچى بالا قۇياشنى دوقمۇشتا كۈتۇۋېلىپ، يەنە شۇ دوقمۇشتا ئۇزىتىپ قويدى. ئۇنىڭ كۆرۇپ يېتەلىگىنى ئاياغلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ، چەملەرنىڭ ئاستىدىكى يوللارنى كۆرۈشكە ئامالسىز ئىدى.
كىتاپ كۆتۈرۈپ رەستىدە كېتىۋاتقانىدىم، رەستە بويىدىكى بىر تىلەمچى يېنىمدىكى بىر تىلەمچىگە مىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دىدى. ئۇلار كىر چىرايلىرىنى پۈرۈشتۇرۇپ كۈلدى. مەن ئۇلارغا ھومايدىم. -
2011年05月16日
ئۈرۈمچىدىكى قورقۇنۇشلۇق ۋەقە - [ئۇقتۇرۇش]
ئۈرۈمچىدىكى قورقۇنۇشلۇق ۋەقە
قورقۇنۇشلۇق ھىكايە
2003.يىللىرى جەنۇبلۇق مەلۇم بىر قىز شىنجاڭ مىدىستىنا ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا بېرىپتۇ،يۇرتتىن يۈكسەك ئارمانلار بىلەن ئوقۇشقا چىققان بۇ نامرات قىز ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن ئىجدىھات بىلەن تىرىشىپ ئوقۇپ،سنىپتا بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەپتۇ،ئۇدا تۆت يىل ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇپ،ئائىلىسىگىمۇ ھېچقانداق ئىقدىسادى بېسىم ئېلىپ كەلمەپتۇ،ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلىنىڭ ئالدىنقى مەۋسۇمىدە،مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ قىز بۇ قېتىممۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالىسا،مەكتەپنىڭ ئاسپرانتلىق سنىپىغا ئىنتىھانسىز ئېلىپ قالماقچى،كېيىنچە مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئېلىپ قالماقچى بوپتۇ. -
2011年05月15日
QQنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى - [ئۇقتۇرۇش]
QQنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى QQ2011 دىتالىنىڭ خەت نۈسخىسى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپلا قويۇلغان بولۇپ باشقا ھەر قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىمىغان.
بۇ QQ2011 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلىدى . ھەر قانداق شەخىس ۋە ئورۇننىڭ ھەر قانداق ئۇسۇلدا ھەقلىق تارقىتىشىغا بولمايدۈ .
بۇ QQ دىتالىنىڭ نەشىرى ھوقۇقى يەنىلا پىنگىۋىن شېركىتىگە تەۋە .
بىكىتىمىز بۇندىن كىيىن يىڭىدىن چىققان QQ نەشىرلىرى ۋە ياماقلىرىنىمۇ ھەر ۋاقىت ئامال بار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يىڭى نەشىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۈ .
تەرجىمە قىلىنغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز بۇ تېمىنى كۆرۈڭ -
2011年05月15日
سېغىنىش ئۇ مۇھاببەت ئەمەس - [ئەسەرلەر]
مۇھەببەت ۋە دوستلۇقتىن ھالقىغان ھېسيات دەل مۇشۇنداق سېغىنىشتۇر.
قەلبىڭىزنى توختىتىدىغان پورت تېپىڭ. شۇندىلا قەلبىڭىزنى خاتىرجەم توختىتىپ ئارام ئالدۇرالايسىز.
قەلبىڭىزنى قوغدايدىغان پەرشتە تېپىڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويمايسىز.
ئۇنى تاپقىنىڭىزدا، دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم سىز بولغان بولىسىز… -
بۇرۇن ئەيدىز كىسىلى دىسە ئافرىقىدىكى، ياكى ئامرىكىدىكى كىسەل دەپ ئويلايتۇق، ھازىرچۇ؟ ئەيدىز ئەتراپىمىزدىلا ، بىمالار ئەتراپىمىزدا، ئۇلارنڭ ئەسكى دەپ تاشلىۋېتەمدۇق؟ ئۇلارغا مېىرىبانلىق قىلمامدۇق؟ بىر خورما چاغلىق نەرسە بىلەنمۇ ياخشى ئىش قىلىڭلار دىگەن، شۇ بىزنىڭ سەمىمى ياردىمىزمىز ۋە مېىھرىبانلىق ئۇرغۇپ تۇرغان كۆزلىرىمىزدىن ئۇلار تەسىرلەنسە، توغرا يولغا يىتەكلەنسە تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئەيدىز كسىىلى بىلەن يۇقۇملارن بوۋاقلارمۇ ئەسكىمۇ؟ ئەجىبا ئۇلارمۇ ناشايان ئىش قىلغانمىدۇ؟ مىنىڭ "شۇ كۈنى " دىگەن ھىكايەمدە تەسۋىرلەنگەن تاساددىپى ھادىسىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان سېتىرا ھەدىمىزچۇ؟ ھاياتقا توغرا قارايلى، ھايات يەنىلا گۈزەل، تاشلانغانلار تاشلىنىىپ كەتمىسۇن، ئۇلارغا ئىللىق چىراي بولايلى، كۈلگەنگە، كۈلۈمسىرىگەنگە پۇل تۆلىمەيمىزغۇ؟.....شۇنداققۇ؟
-
2011年05月04日
بېنلادىنغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر - [ئەسەرلەر]
ئامېرىكا بېن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى
بىن لادېننىڭ جەسىتى دېڭىزغا دەپنە قىلىندى
بىن.لادېننىڭ يۈشۇرۇنغان جايى
بېن لادىن ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئېتىلىپ بېرىپتىكەن
-
2011年05月04日
بىن.لادېننىڭ ئۆلۈمى ئالاقە تورىغا زور تەسىر كۆرسەتتى - [ئەسەرلەر]
Twitter مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بۇ ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، مەزكۇر تور بېكەتنىڭ ئابونتلىرىنىڭ ئۇچۇر يوللاش مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر سېكۇنتىغا 4000 پارچىدىن ئۇچۇر يوللىنىپ، Twitter تارىخىدىكى ئۈچىنچى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇ يىلقى «دەرىجىدىن تاشقىرى قاچا» ئامېرىكىچە زەيتۇن توپ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقەسى مەزگىلىدە Twitter دا ھەر سېكۇنتىغا 4064 پارچە ئۇچۇر يوللىنىشتەك يۇقىرى سەۋىيە كۆرۈلگەن. ياپونىيىدە يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا ھەر سېكۇنتىغا 6939 پارچە ئۇچۇر يوللانغانىدى.
-
2011年05月04日
ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىغا مۇبارەك
5-ئاينىڭ 5كۈنى دوپپا بايرىمى
مۇبارەك ~! -
2011年05月04日
كۇماك چىش قىز - [پارچە خىياللار]
كۇماك چىش قىز
-
2011年05月04日
كۇچا خەلىق ناخشىسى - [پارچە خىياللار]
كۇچا خەلىق ناخشىسى
-
2011年05月04日
مەن ياقتۇرغان ناخشا - [پارچە خىياللار]
مەن ياقتۇرغان ناخشا