dunyablog.com
  • 2011年05月16日

    ئۈرۈمچىدىكى قورقۇنۇشلۇق ۋەقە - [ئۇقتۇرۇش]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/128592650.html

    ئۈرۈمچىدىكى قورقۇنۇشلۇق ۋەقە
    قورقۇنۇشلۇق ھىكايە


    2003.يىللىرى جەنۇبلۇق مەلۇم بىر قىز شىنجاڭ مىدىستىنا ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا بېرىپتۇ،يۇرتتىن يۈكسەك ئارمانلار بىلەن ئوقۇشقا چىققان بۇ نامرات قىز ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن ئىجدىھات بىلەن تىرىشىپ ئوقۇپ،سنىپتا بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەپتۇ،ئۇدا تۆت يىل ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇپ،ئائىلىسىگىمۇ ھېچقانداق ئىقدىسادى بېسىم ئېلىپ كەلمەپتۇ،ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلىنىڭ ئالدىنقى مەۋسۇمىدە،مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ قىز بۇ قېتىممۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالىسا،مەكتەپنىڭ ئاسپرانتلىق سنىپىغا ئىنتىھانسىز ئېلىپ قالماقچى،كېيىنچە مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئېلىپ قالماقچى بوپتۇ.

    كۈتمىگەن يەردىن بۇ قىزدا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپتۇ،قىز ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا يولدىن چىقىشقا باشلاپتۇ،كاللىسىدا بارا -بارا ئوقۇش قىزغىنلىقىنىڭ ئورنىنى،ئويۇن-تاماشا،ئەيىش -،ئىشرەت قاۋاق،دېسكوخانىلارغا بولغان ھەۋەس ئىگەللەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز ۋاقتىنى بارا -بارا شۇنداق جايلارغا بېرىش بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ،يۈرۈش تۇرۇشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ،بۇرۇنقى كىچىك ئوقۇغۇچى قىزلارچە كىيىنىشىنىڭ ئورنىنى ئېگىز پاشنىلىق ئاياق بىلەن 30سانتېمىتىرلىق يوپكا ئىگەللەپتۇ،قىزدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرگەنلەر بۇنىڭدىن ھەيران بولۇشۇپتۇ،بەزىلىرى قىزنى يەنە بەزىلىىرى مۇشۇ بۇزۇلۇپ كەتكەن جەمىيەتنى ئەيىبلەپتۇ،ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ قىزغا نەسىھەت قىلىپ بېقىپتۇ،مەۋسۇم ئاخىرى يېقىنلاشقانسىرى قىزنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ئاساسي جەھەتتىن يوقىلىپتۇ

    مەسۇملۇق ئىنتىھانغا بىر ئاي قالغان كۈنى كېچىسى قىز بىر چۈش كۆرۈپتۇ،چۈشىدە يېرىم كېچىدە كۆزلىرى پارقىراپ تۇرغان ئاجايىپ سۈرلۈك،چاچلىرى چۇۋۇلغان بىر موماي كىرىپ،قىزنىڭ يوتقىنىنى قايرىپتۇ،بۇ چاغدا قىز بۇنى سېزىپ،موماينى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپتۇ ۋە مومايدىن:
    -سىز نېمە قىلماقچى؟ دەپ سوراپتۇ
    موماي
    -سەن ئۆزۈڭگە كەلگەن شۇنداق پۇرسەتتتىن ۋاز كەچتىڭ،مەئىشەتنى ئىستىقبالىڭغا تېگىشتىڭ مەن سەندەك ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغىلى كەلدىم دەپتۇ
    قىز
    -موما مەن راس گەپنى قىلسام بۇنداق بولىشىنى ئۆزۈممۇ خالىمايمەن لېكىن قانداق كۈچكىن بىلمىدىم مېنى ئاشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ،مەن ئۆزۈمنى راستىنلا كونترول قىلالمىدىم دەپتۇ
    موماي
    -ئۇنداقتا ساڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرەي،سەن ئاشۇ كۈچنى يېڭىشقا تىرىشقىن ئەگەر سەن يەنىلا ئۇنداق قىلالمىساڭ
    مەن ئىككىنچى قېتىم ساڭا رەھىم قىلمايمەن دەپلا تۈتەككە ئايلىنىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.
    قىز ئەتىسى ئويغىنىپ چۈشىنى بىر ئەسلەپ كۆرۈپ،شۇنداق ۋەھىمىگە چۈشۈپتۇ دە،ئاشۇ غايىپ كۈچ بىلەن ئېلىشىپ بېقىش ئېرادىسىگە كەپتۇ،دە پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە قارىتىپتۇ،لېكىن بۇ بىر ھەپتىگىمۇ بارماپتۇ،بىر ھەپتىدىن كېيىن قىز يەنە ياسىنىپ دېسكوخانىلارغا قاتراشقا باشلاپتۇ،بۇ قېتىم تېخى جەمىيەتنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن مېھمانخانىدا قونۇپمۇ قاپتۇ.
    شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە موماي ئىككىنچى قېتىم كەپتۇ،قىز بولسا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشنى ئېيتىپ موماينى يولغا ساپتۇ،لېكىن قىز يەنىلا ۋەدىسىدە تۇرالماپتۇ.
    بىر كۈنى كەچلىك ممۇزاكىرە ۋاقتىدا قىز يەنە ياتاققا كىرىپ ياسىنىپ،دېسكوخانىغا ماڭماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئىشىك غىچىرلاپ ئېچىلىپ ھېلىقى موماي يەنە كىرىپتۇ،بۇ قېتىم موماينىڭ ئەلپازى بەك يامان ئىكەن،موماي يەنىلا ئالدىنقى قېتىم دېگەنلىرىنى تەكرارلاپ قىزغا قول سالماقچى بوپتۇ،قىز موماينىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ يىغلاپتۇ،بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىنى قەتئىي ئامال قىلالمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
    موماي
    -ساڭا بوپتۇ دەپ بېرەي،سەن كۆرپەڭنى قايرىساڭ،ئاستى تەرىپىدە بىر تەڭگىدەك چوڭلۇقتىكى قان دېغى بار سەن شۇ قان دېغىنى يۇيۇپ چىقىرۋەتسەڭ،ئۇ كۈچ سېنى كونترول قىلالمايدۇ دەپتۇ.
    قىز دەرھال قايرىسا راس بىر قان دېغى بار ئىكەن،شۇنىڭ بىلەن قىز دەرھال داستا سۇ ئېكىرىپ يۇيۇشقا باشلاپتۇ،لېكىن داغ يۇيغانسىرى كىچىكلىمەي يوغىناشقا،قېنىقلىشىشقا باشلاپتۇ،قارىسا موماي يوق،شۇنىڭ بىلەن قورقۇپ ۋارقىراپتۇ.
    -موما!بۇنى يۇيسام يۇيغانسىرى يوغىناپ كېتىۋاتىدۇ،قانداق قىلسام بولار ؟دېسە
    موماي كىرىپ :‹‹گۈزەل››ماركىلىق سوپۇن پاراشوكى ئىشلەت !دەپتۇ

     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us