• 5/15/2011

    راستىنلا « قازانغا يۇلۇقسا قارىسى، يامانغا يۇلۇقسا يارىسى » يۇقامدۇ؟ - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/128260588.html

    ئۇيغۇر ماقال تەمسىللىرى بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ئالاھىدە مۇھىم ئۇرۇنغا ئىگە بولغان،بۇرۇنقى ئەمگەكچان، ئەقىل پاراسەتلىك،مېھنەتكەش خەلقىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەنئەنىۋى ئىسىل مەدەنىيەت مىراسلىرى . نۇرغۇن ماقال تەمسىللەر ئەمەلى ئىش پائالىيەتلەر،ۋەقەلىكلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن :مازاقخور مازاقتا ئۈلەر،ئىش ئۆملۈكتە كۈچ بىرلىكتە... ئەمدى، مەخسەتكە كەلسەك،قازان بىز تائام ئىتىپ يەيدىغان، بىزنىڭ تاماقلىنىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم،كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدا ئەڭ زۈرۈر بولغان قورال. تاماق ئېتىش جەريانى بىر مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكە جەريان، ئوخشىغان تاماق ئادەمنى سۈيۈندۈرىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، دوستىخانغا بەرىكەت بېرىدۇ، ئاللاھ بەرگەن شۇ ئۇن،گۈرۈچ، سەي -كۆكتاتلارنى كۆيدۈرۋەتمەي،تۇز تەمىنى ئوبدان قىلىپ راسلاپ، دوستىخانغا ئىسىل تائام سۈپىتىدە ھازىرلاش جەريانىدا ئاپىلىرىمىز، ئاچا -سىڭىللىرىمىز، ھەتتا دادا ،ئاكا ئىنىلىرىمىز تۈجۈپىلەپ تائام تەييارلايدۇ، دىققەت قىلساق، ئۇلارنىڭ شۇ تاماق ئىتىش جەريانىدا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىۋاتقانلىغىنى، سەي توغراش جەريانىدا ،گۆش توغراش جەريانىدا قوللىرىنى كىسىۋالماي ئىش قىلىۋاتقانلىغىنى بايقايمىز. ھەم، سۇيۈنىمىز، قوللىرىمۇ (ھازىرغۇ شارائىت ياخشى بوپ كەتتى، ھەممە ئائىلىدە گاز بار،ياكى توك ئوچاق دىگەندەك) قاپ قارا بۇلۇپ كەتمەيدۇ، دىمەك، قازانغا يۇلۇقسا قارىسى يۇقۇش بۇ بىر تاساددىپىلىق.ۋە ياكى ئايرىم ئەھۋال. گەرچە مەن ئەر كىشى بولساممۇ، مەنمۇ ئۈزەم ئەتكەن پولو،سەي قورۇمىلارغا خېلى ئېپىم بولغاچقا، بەزىدە ئويدە ،ئايالىمنىڭ مىجەزى يوق بولسا قازان بېىشىدا بوپ قالىمەن، مىنىڭ قۇلۇممۇ قازاننىڭ قارىسى سۇگۇشۇپ قارا بولۇپ كەتمەيدۇ،دىمەك ،قازاننىڭ قارىسى يۇقۇشى بەكمۇ ئاز ساندىكى ئايرىم ئەھۋال،مۇتلەق ئەمەس. (قازان بېشىغا چىقىپ باقمىغانلار بەلكىم بىلمەيدۇ ،ئەتىمالىم. ھېھې....) ئەمدى، يامانغا يۇلۇقساڭ يارىسى يۇقار،دىگەنگە كەلسەك، كىچىك ۋاقتىمىزدا ،مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا ، ئاتا ئانىمىز، مۇئەللىملىرىمىز جەميەتنىڭ باللىرى بىلەن ئارىلاشماڭلار، يامان باللا بىلەن ئارىلاشماڭلار دەپ تەلىم تەربىيە بىرەتتى. ھەم كاللىمىزدىمۇ دەرستە ياخشى باللا ياخشى باللا، دەرستە ياخشى ئەمەس، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلىمەيدىغان باللا ئەسكى باللا بۇلۇپ ئويلايتۇق، كاللىمىز ئاددى ئىدى، شۇ چاغلاردا چۈشىنىش شۇنچىلىك بولسا كېرەك. لېكىن، شۇ چاغلاردا سىىنىپلار ئارا مۇسابىقە ئوتكۈزۈلسە، شۇ باللا يەنە سىنىپ ئۈچۈن جان كۆيدۇرەتتى، ئىرادە بىلەن قەتئىلىك بىلەن تىرىشاتتى، ئۇ چاغلاردا شۇلاردىن سۇيۇنەتتۇق، بىر قېىتىم، سىنىپتا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. ھەممە ئوقۇتقۇچىلار ئەسكى دەيدىغان بىر ساۋاقدىشىمىز بولىدىغان. لېكىن، مەن ئۇ ساۋاغدىشىمغا ئامراق ئىدىم، ئۇنىڭ قورقۇمسىز، ئىرادىلىك، بىر ئىشنى ئاسانلىقچە باشقا ئىېلىپ چىقمىسا بولدى قىلمايدىغان مىجەزى ماڭا ياقاتتى. بىر كۈنى سىنىپىزدىكى بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىمىزنىڭ كىسلى تۇتۇپ قالدى، ئۇ ساۋاقدىشىمىز، خۇددى توك تەپكەندەك قاتتىق قاتتىق سىلكىنەتتى، دەرس ۋاقتى بولغاچقا، بىز ھەممىمىز كۈرۈپ جىددلىشىپ كەتتۇق، قىزلار قورقۇپ چىقىرىشىپ كەتتى، مەنمۇ قورقۇپ كەتتىم،چۈنكى مەن ئۇنداق ئەھۋالنى كۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. شۇ چاغدا سىنىىپ مەسئۇلىمىزنىڭ يىتەكلىشى ئارقىسىدا ھېىلىقى، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئەسكى ھىساپلىنىدىغان ساۋاقدىشىمىز، كىسىلى تۇتۇپ قالغان ساۋاقدىشىمىزنى ھاپاش قىلىپ دوختۇرغا ئېىلپ ماڭدى، ئۇ چاغدا 120 نىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيتۇق. ھىچكىم يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالىمىغاندا شۇ ساۋاقدىشىمىز ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئالدىغا ئۈتۈپ ئۇنى كۈتۈرۈپ ماڭدى........دىمەك ، ئۇ ساۋاقدىشىمىز پۈتۈنلەي ئەسكى ئەمەس، ئۇ قىلغان بەزى ياخشى ئىشلارنى شۇ چاغلاردا مەكتەپنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى ھىساپلاپ يۈرۈيدىغانلارمۇ قىلىپ بولالمايتۇق، دەرسنى بىلىش ئۇ ئادەمنىڭ پۈتۈنلەي ئىسىل ئەخلاق سۈپەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ ئەلۋەتتە، خۇددى ، ھەممە ئادەم ئەلاچى بوپ كەتسە ئەلاچىىنى كىم تۇنۇيتى، كىم ھۈرمەتلەيتى(شۇ چاغدا مەن بىر ساۋاقدىشىمى دۆت دىسەم، شۇ ساۋاقدىشىم ماڭا شۇنداق دەپ جاۋاپ قايتۇرغان ئىدى. ) ھازىر ھەممىمىز قاقشايمىز، جەميەت بۇزۇلۇپ كەتتى، قىزلىرىمىز بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ.....زادى كىم بۇزۇلدى؟ نىمىشقا بۇزۇلدى؟ نىمىشقا تۈزەلمەيدۇ؟ نىمىشقا شۇنداق بۇزۇلغانلار بۇزۇلغان پېتى كېتىۋېرىدۇ؟، زاماندىن قاقشايمىز، ئادەملەردىن قاقشايمىز، قاقشاش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئېىنىق دىيىلگەن، كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۈرۈدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.ئاتا- ئانا بالىنى يامان بولسۇن دىمەيدۇ، ئۇنىڭغا ئۈزى توغرا دەپ قارىغان تەربىينى بىرىدۇ،گەرچە تەربىلەش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، بالىنىڭ قىلغان يامان ئەسكى ئىشىغا ئاتا ئانا ئىگە ئەمەس، ئەگەر ئاتا ئانا تەربىيە قىلغان بولىسىلا، بالا بالاغەتكە يەتكەن بولسىلا. ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۈيۈدۇ، ئاخىرەتتىمۇ ،ھەر كىم ئۈزىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا ياكى جەننىتي ۋە ياكى دوزىخى بولىدۇ، مىنى شەيتان ئازدۇرۇپتىكەن، رەھىم قىلسسىلا دىسە ئۇ ئاقمايدىغان ئىش، چۈنكى، قىلىش قىلماسلىق ئادەمنىك ئىلكىدىكى ئىش، چۈنكى،بىرسى ىسىزنى قۇلىڭىزنى تۇتۇپ،ماۋۇ ئەسكى ئىشنى قىل دەپ سۇرىيەلمەيدۇ، ھاراقنى ئىچمەيمەن دىسە، ئۇنىڭ گېلىغا قۇيمىغاندەكلا. ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭ قىلغان ئىشىغا ئۈزى جاۋابكار. ئەمدى شۇ يامان يولغا كىرىپ قالغانلارغا بىزمۇ ئارىلاشمىساق، توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانغا ئادەم چىقمىسا، ئۇ ئۆزگىرەي دىسىمۇ ،ياردەم قىلىدىغانغا ،ياخشى يولغا يىتەكلەيدىغانغا ئادەم چىقمىسا ئۇ يەنىلا شۇ يولدا كېىتىۋېرىدۇ. ياخشى سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ، دىلغا تەسىر قىلىدۇ، ياخشى ئىش ئىزلار بىلەن قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرۈپ،توغرا يولغا يىتەكلىسەك، جەميەت ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان بولىمىز. بۇرۇن ئەيدىز كىسىلى دىسە ئافرىقىدىكى، ياكى ئامرىكىدىكى كىسەل دەپ ئويلايتۇق، ھازىرچۇ؟ ئەيدىز ئەتراپىمىزدىلا ، بىمالار ئەتراپىمىزدا، ئۇلارنڭ ئەسكى دەپ تاشلىۋېتەمدۇق؟ ئۇلارغا مېىرىبانلىق قىلمامدۇق؟ بىر خورما چاغلىق نەرسە بىلەنمۇ ياخشى ئىش قىلىڭلار دىگەن، شۇ بىزنىڭ سەمىمى ياردىمىزمىز ۋە مېىھرىبانلىق ئۇرغۇپ تۇرغان كۆزلىرىمىزدىن ئۇلار تەسىرلەنسە، توغرا يولغا يىتەكلەنسە تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئەيدىز كسىىلى بىلەن يۇقۇملارن بوۋاقلارمۇ ئەسكىمۇ؟ ئەجىبا ئۇلارمۇ ناشايان ئىش قىلغانمىدۇ؟ مىنىڭ "شۇ كۈنى " دىگەن ھىكايەمدە تەسۋىرلەنگەن تاساددىپى ھادىسىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان سېتىرا ھەدىمىزچۇ؟ ھاياتقا توغرا قارايلى، ھايات يەنىلا گۈزەل، تاشلانغانلار تاشلىنىىپ كەتمىسۇن، ئۇلارغا ئىللىق چىراي بولايلى، كۈلگەنگە، كۈلۈمسىرىگەنگە پۇل تۆلىمەيمىزغۇ؟.....شۇنداققۇ؟ يامانلارنىڭ يارىسى بىزگە ئەمەس، بىزنىڭ ياخشى ئەدەب ئەخلاقىمىز، ياخشى گەپلىرىمىز،سۆزلىرىمىز، بىر سوم پىلانىدىكى ئىسىل ئىش ئىزلارنىڭ "يارىسى " ئۇلارغا يۇقسۇن...ئۇلارنى ساقايمايدۇ، شىپا تاپمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟ شىپا تاپمىسا، مېىھرىگىيادەك ئىسىل دورىلىرىمىز،تېۋىپلىرىمىز بار، ئۇلارمۇ شىپا تاپسۇن،بىزمۇ سۈيۈنەيلى، ئۇلارمۇ سۈيۈنسۈن. ھايات يەنىلا گۈزەل! دۇنيا رەزىللىكنى ياخشىلىق ئۈستىدىن يۇقۇرى قىلماسلىق ئاساسىدا يارىتىلغان.

    مەنبە:بوزقىر مۇنازىرە مۇنبىرى

    راستىنلا « قازانغا يۇلۇقسا قارىسى، يامانغا يۇلۇقسا يارىسى » يۇقامدۇ؟