• 5/4/2011

    بىن.لادېننىڭ ئۆلۈمى ئالاقە تورىغا زور تەسىر كۆرسەتتى - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/125419120.html

    شىنخۇا تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتىگەن خەۋىرى، بازا تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى قول ئاتامانى ئوساما. بىن.لادېن (Osama bin Laden) نىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىن، ئالاقە تورىنىڭ زىيارەت مىقدارىدا شىددەتلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش كۆرۈلگەن. 本拉登
    Twitter مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بۇ ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، مەزكۇر تور بېكەتنىڭ ئابونتلىرىنىڭ ئۇچۇر يوللاش مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر سېكۇنتىغا 4000 پارچىدىن ئۇچۇر يوللىنىپ، Twitter تارىخىدىكى ئۈچىنچى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇ يىلقى «دەرىجىدىن تاشقىرى قاچا» ئامېرىكىچە زەيتۇن توپ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقەسى مەزگىلىدە Twitter دا ھەر سېكۇنتىغا 4064 پارچە ئۇچۇر يوللىنىشتەك يۇقىرى سەۋىيە كۆرۈلگەن. ياپونىيىدە يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا ھەر سېكۇنتىغا 6939 پارچە ئۇچۇر يوللانغانىدى.
    يېقىندا تارقالغان دۇنيا خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارمۇ Twitter غا زور پايدا ئېلىپ كەلگەن، بىن.لادېن ۋەقەسى بۇنىڭ بىر جۈملىسىدۇر. ئاق ساراي ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد.رۇمسفېلد (Donald Rumsfeld) نىڭ ئالدىنقى شتاب باشلىقى كېيز.ئاربىن (Keith Urbahn) بۇ خەۋەرنى Twitter ئارقىلىق تارقاتقانىكەن.
    خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، باشقا ئاخبارات ئورگانلىرى تېزلىكتە Twitter نىڭ خەۋەرلىرىگە ئەگەشكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ تور بېكەتلىرىنى Twitter نىڭ مەزكۇر خەۋەرلىرى بىلەن تولدۇرغان.
    ئەمەلىيەتتە، ئاربىن بىن.لادېننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاشكارىلىغان بىرىنچى ئادەم بولماستىن، پاكىستانلىق سوھىب.ئەزەر ئىسىملىك IT مەسلىھەتچىسى بىن.لادېن ئۆلتۈرۈلگەن ئابوت ئابات شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تور نامى «ReallyVirtual» دېيىلگەن بىر تورداش تۇنجى بولۇپ، مەزكۇر ئۇچۇرنى ئېلان قىلغان. ھەمدە خالىغانچە ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن بىۋاسىتە بۇ ئىشىنى تارقاتقان.
    Google Trends «بىن.لادېن»، «بىن.لادېننىڭ ئۆلۈمى» لار  «يانار تاغ پارتلىغاندەك» ئاجايىپ تەسىر قوزغىغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىزدەلگەن ھالقىلىق سۆزلەر ئىكەن. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى بىن لادېننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گۇگېل تور بېكىتىنىڭ زىيارەت مىقدارىمۇ شىددەت بىلەن ئاشقان. 2006-يىلى 9ئاينىڭ 24-كۈنى فرانسىيە گېزىتى Est Republicain ئاساسىدىكى گۇمانلىق سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىغان ھۆججىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:«بىن.لادېن ئەسلى بىر ئاي بۇرۇن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن». ئارقىدىنلا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن فرانسىيە سىياسىي ھۆكۈمەت چاقمىقى ئىپادە بىلدۈرۈپ:«بۇ ئاخباراتنىڭ مەزمۇنى پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس» دېدى.
    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
    ئامېرىكا مەزمۇن بۆلۈپ تارقىتىش تور مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدىغان شىركەت Akamai ئاخبارات تور نۇقتىلىرىنى قوللايدىغان ۋە ئۇلارغا ئەگىشىدىغان مۇلازىمەتنى تەمىنلىگەن بولۇپ، بىن.لادېننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى خەۋەر ھەر سېكۇنتىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4 مىليون 100 مىڭ قېتىمدىن زىيارەت قىلىنغان. كۆرۈلۈش نىسبىتى Akamai  دىكى مەزمۇن كۆرۈلۈش ستاتىستىكىسىدا %20 نى ئىگىلەيدىكەن. مەزكۇر تور بېكەت نىيو يورك ۋاقىت گېزىتى تور بېكىتى، رېيتېر ئاگېنتلىقى تور بېكىتى، BBC تور بېكىتى ۋە بۈگۈنكى ئامېرىكا تور بېكىتى قاتارلىق تور بېكەتلەرنى قوللايدىكەن.
    بىرىنچى قېتىملىق زىيارەت مىقدارى يۇقىرى قىممىتى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى 23:00 ئەتراپىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئوباما ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئېچىۋاتقانىدى.

    مەنبەسى :نۇر