• 1/22/2012

    ئەيدىز پەسلىگە كىرىش - [شئېرى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/188718905.html

    ئەيدىز پەسلىگە كىرىش

     

    روھزات

    psujjj.jpg

     

    سەن يۈرىسەن كىملەرنى تالاپ،

    يەجۈجى

    مەجۈجىلەر كەلسە يەر يالاپ.

    سۈرمىلەردىن دوزاخنى تۆكۈپ،

    مۇھەببەتتىن ياتلىغان جالاپ.

    قارا سىياھ پۈركۈيدۇ كېچە،

    سۆيۈپ قويار ئايمۇ ئۇيقۇنى.

    تېرەك بېشى،

    تېنىگەن يۇلتۇز،

    جۆيلۈپ چىقار ئەمەس تۇيغۇنى.

    تېپىچەكلەر يۈرەك قىنىدا،

    خىياللىرىم تېرەك يېنىدا.

    تېنەپ قالغان بىر بۇزۇق ئايال،

    چۈشلىرىمنى قىلماقتا ھايال.

    تەنھا قەلەم، تاشلاندۇق شەھەر،

    قىزارغان كۆز، نەس باسقان سەھەر.

    قىزلىقىنى يوقاتقان بىر قىز،

    پويىز بىلەن كەلمەكتە تېز-تېز.

    ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ بوينىغا،

    سىڭىپ كەتتى

    ئۈرۈمچىنىڭ مۇزدەك قوينىغا.

    ئىس-تۈتەكسىز پۈتكەن تائاملار،

    گۇناھلارنى كۆتۈرگەن قولى.

    ئىزلىرىنى سۆيۈپ قويىدۇ،

    پەسلىكىدىن ئۆكۈنگەن يولى.

    ئايلىنىدۇ

    كۆڭلى قەي قىلىپ.

    تۈنەيدۇ

    تورخانىنى جەننەتتەك بىلىپ.

    ئاسمىنىدا تېنەيدۇ يۇلتۇز،

    ئاي يۈزىنى كۆرسەتمەيدۇ ئاي.

    سومكىسىدا ئۇخلايدۇ تاتلىق،

    لەۋ سۇرۇخ ۋە ئەرزان باھا ماي.

    يۈرىكىدە تاشلاندۇق ئارال،

    تاشلىۋەتتى ئۇنى كىملىرى.

    قاقاس قەلب،

    يوقلاپ كەلمەس يانچۇقچى يىگىت.

    چۈشكۈنلۈكتە ئاققان كۈنلىرى.

    كىمنى تىللاپ چىققان تۈنلىرى.

    ئاي قاراڭغۇ بولغان كېچىدە،

    ئۆكسۈپ قويار پەقەت ئىچىدە.

    مىڭ قارغايدۇ ئاۋات شەھەرنى،

    ئىپپىتىنى يوقاتقان بەدەن.

    دوزاخ يېقىپ كېلەر زېمىنغا،

    پاكار بوي،

    ئېگىز پاشنا توكۇلداپ قەدەم.

    كۆرۈنمەيدۇ ئىنسان كۆزىگە،

    جىن كۆرۈنەر ئۆزى ئۆزىگە.

    مۇشتۇمى چوڭ كاۋاپچى لوبەن،

    خىيالىدا تونۇش چاتاقچى.

    سەنئىتىنى ئىزلەپ ھاياتنىڭ،

    ئۆلمەك بولدى ئۇلۇغ شاپاقچى.

    سەن ئۆزۈڭنى كەتكەندە تالاپ،

    دېيەلمەيسەن مەن ئالىيجاناب.

    ئۆلۈۋېلىش بولسا بىرسەنئەت،

    پەرھات تۇرسۇن يۈرەمتى ھازىر،

    يەكشەنبىدەك قارا رەڭلىك كۈن،

    ئۇلۇغ كىتاب قىلالماس نازىل.

    ئاق يۆگەككە يۆگىگەن ئاپاڭ،

    كۆرۈنىدۇ ساڭا جىن بولۇپ.

    ئالىيىسەن گۈزەللىك ئۈچۈن،

    پاك مىسرالار پەسلىك تۇيۇلۇپ.

    غەپلەت باسقان سوغۇق شەھەردە،

    سەن ئۇيقۇنى قوغلاپ قويىسەن.

    بىلوگىڭغا سىزىپ ئۆلۈمنى،

    ئەزرائىلغا يىغلاپ قويىسەن.

    چۈشلىرىڭگە كىرگەن تۈن قۇشى،

    ئۈرۈمچىدە كىمنىڭ ھوقۇشى.

    سوغۇق شامال ئۇرۇپ قويىدۇ،

    سەن ئۇنتۇغان ۋوگزال تەرەپتىن.

    شامال بىلەن ۋاي كىمنىڭ ئىشى،

    خىيالىڭدا گۇگۇمنىڭ چۈشى.

    ئالماق بولۇپ بۇ ئالەمدىن ئۆچ،

    بۆرتۈپ چىقار بىر ئەسەبىي كۈچ.

    ئەيدىزىڭنى ساتتىڭ بىراۋغا،

    سىلكىنمەكتە كېچە سائەت ئۈچ.

    سىلكىنمەكتە جۇڭغار ۋە تارىم،

    «ئۇيغۇر بىلەن ۋاي نېمە كارىم»

    پاك بەدەنلەر بۇلغانغان كېچە،

    چۈشكۈنلۈكۈڭ كەتتى پەسلىشىپ.

    ئايلىنىدۇ يەنە يەرشارى،

    ئوخشاشلا

    بىر كۈن ئۆتمەك

    كەتسىمۇ گەر قانچە تەسلىشىپ.

    تەكلىماكان ئەخلەتلىرىدە،

    مۈگدىمەكتە سانسىز ئىشپىرىس.

    كەيپى سازكىن ئۇيغۇرنىڭ كىمدەك،

    كۇلىچىلار قىلغاندا خىرىس.

    بەرىكىتى يوقالغان ئەجىر،

    خەلق پۇلى كېتىدۇ يىغلاپ.

    ساقچىلارغا تۇتۇلغان ئوغرى،

    مىخ يەۋالدى ئۈچەينى تىغلاپ.

    پېتىكىنىڭ ئاستىدىن ئاستا،

    سۇغۇرىدۇ

    ئايىقىنىڭ تۆمۈرلىرىنى.

    قان قۇسقانچە يۇتىدۇ شۇنداق،

    نابۇت قىلىپ

    ھاياتىنى

    ئۆمۈرلىرىنى.

    بالىسىنى ساتتى ئۇيغۇرنىڭ،

    قىزلىرىنى بۇزدى ئۇيغۇرنىڭ،

    كۇلىچىلار ئېچىپ يېڭى بەت،

    ئۇيغۇر ئەمەس

    يېڭى بىر مىللەت.

    بۇزۇق قىزلار سېتىپ تېنىنى،

    ئاران بېقىپ يۈرەر جېنىنى.

    ئۈرۈمچىگە

    ئېلىپ كېلەر ئەيدىز،

    ئىشپىرىس.

    ئاق كېچىلەر قىلىدۇ خىرىس.

    يىغلىماقتا ئاقباش ئانىلار،

    قارىباشلىق بالىلار ئۈچۈن.

    قاغا قونغان قەبرە بېشىدا،

    ھېچكىمى يوق، يالغۇز قېشىدا.

    نارەسىدە جەسەت تېنىدە،

    تاماكىنىڭ كۆيگەن ئىزلىرى.

    يانچۇقچىنى تۇغۇپ يۈرىدۇ،

    ئىچكىرىدە ئۇيغۇر «قىزلىرى».

    مەن مېتروغا چىققانتىم بۈگۈن،

    ئازادە،

    ئەتراپىمغا كەلمىدى كىشى.

    سومكىسىنى چىڭ تۇتقان ئايال،

    خىيالىمنىڭ يوقىدى بېشى.

    يۇندىپۇرۇش ئارقا كوچىدا،

    يۇقۇپ قالسا ئەيدىز ناۋادا.

    ئۈرۈمچىدە تارقىتىدۇ توپ،

    ۋاقتى ئۆتكەن ئەرزان باھادا.

    ھازا ئېچىپ قانچىلىك ئادەم،

    ياش تۆكىدۇ نەچچە پاك ئايال،

    مۆلدۈرلىگەن سەبىي بالىلار،

    ئاھ، كۆڭلۈمنى قىلمىغىن مالال.

    ئاق چېكىدۇ كۇلىچى جالاپ،

    لوبەنلىرى يانچۇقچى چاناپ.

    قان تۆكمەيدۇ تۆكىدۇ يۈزنى،

    يۇندىسىدا مىڭ ئۇيغۇر خاراب.

    تۆكۈلگىنى ئۇيغۇرنىڭ يۈزى،

    ياشلانغىنى ئۇيغۇرنىڭ كۆزى،

    پۈچەكلىشىپ كىملەرنىڭ نەسلى،

    يېتىپ كەلدى كۇلىچى پەسلى.

    قەلەملىرىم قۇسۇپ ئۆتىدۇ،

    يانچۇقچىنىڭ يانچۇقلىرىغا.

    ياسالماقتا يېڭى بىر دوزاخ،

    ئەيدىز ساتقان قانجۇقلىرىغا.

    مىسرالاردىن كېتەر سەسكىنىپ،

    سىياھىنى قۇسقاندا قەلەم.

    يازغىنىم شۇ پەسلىكنىڭ دەردى،

    مىليون ئۇيغۇر كۆكسىدە ئەلەم.

     

                 xt.jpg

         

     

     

         گۈلدەك ياشلىق، سۈتتەك گۆدەكلىك زەھەرلەنمەكتە، ئۇپرىماقتا، چۈشكۈنلەشمەكتە!!! مىللەتنىڭ ئۇرۇقى پۈچەكلەشمەكتە! سېتىۋېتىلگەن بالىنىڭ دەردىدە ئانا كۆزىدىن قۇرىمىغان ياش، كىملەرنىڭدۇر جەننەتلىرىنى دوزاخقا ئۆزگەرتمەكتە. جاندىن تويۇش، نامراتلىق، كېسەل، سەمىمىيەتسىزلىك بەشىنچى پەسىلنى باشلاپ كېلىۋاتىدۇ!!! ئىسسىق ئۇۋىلار خانىۋەيران بولىۋاتىدۇ.

                               

     

     

    psu.jpg

    5 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
    چۈشۈرۈش(104.95 KB)