• 11/1/2011

    قارغىلىقتىكى " ئامېرىكا"

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/170725994.html

    قارغىلىقتىكى " ئامېرىكا"

    ئابدۇۋەلى ئايۇپ

    "ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار" نىڭ داۋامى

    يېقىندا خوتەن، گۇما ۋە قارغىلىقنى تاۋاپ قىلىپ كەلدىم. گۇمىدا بىرەيلەن قارغىلىقتىكى بىر جاينىڭ قارغىلىقتىكى ئامېرىكا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ جاي قارغىلىقتىن باشقا يەرلەرگە ۋە تېبەت (شىزاڭ) نىڭ ئالى ۋىلايىتىگە بارىدىغان قاتناش تۈگىنىگە جايلاشقان بولۇپ بۇزۇقچىلىق ئەۋج ئالغان يەر ئىكەن. بۇنداق مەركەزلەشكەن ۋە تارقاق بۇزۇقچىلىق سورۇنلىرى جۇڭگۇنىڭ شاڭگاڭ، ئاۋمىندىن باشقا ھەممە يېرىدە ئاشكارە لېكىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىشىدۇ. قىزىق يېرى مەن تۇرغان ئىچكىرىدىكى شەھەرلەردە بۇنداق بۇزۇقچىلىق بۇلۇڭلىرى ئامېرىكا دەپ ئاتالمايدۇ. پەقەت شاڭگاڭدىكى تەن سودىسى قانۇننىيلاشتۇرۇلغان قىزىل چىراقلىق رايۇن دېگەنگە ئوخشىتىپ ئاتىلىدۇ. قارغىلىقتىكى بۇزۇقچىلىق ئەزۋەيلەپ كەتكەن يەرلەرنىڭ ئامېرىكا دەپ ئاتىلىشى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بۇزۇقچىلىقنى باغلاپ چۈشىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. قەشقەرگە قايتقاندىن كېيىن دۇچ كەلگەن "ئامېرىكىدا بۇزۇقچىلىق ئېغىر، شۇڭا تەن سودىسى قانۇنلۇقكەن. ئامېرىكىدا كىشىلەر ئوچۇق كىيىملەرنى كۆپ كىيىدىكەن، شۇنداق تۇرسا بۇزۇقچىلىق يامرىماي قالامدۇ. ئامېرىكىدا جىنىسبازلىق ئەۋج ئالغان شۇڭا جىنىسداشلار (ئوخشاش جىنىستىكىلەر) نىڭ توي قىلىشىنى قانۇنىيلاشتۇرغان. ئامېرىكادا كىشىلەر ئەركىن بولغاچقا كۆڭلى خالىسا ھەرقانداق بۇزۇقچىلىقنى قىلىشتىن يانمايدۇ. ئامېرىكىدەك ئەركىنلىك بىزگە ماس كەلمەيدۇ، بولمىسا جەمئىيىتىمىزنى بۇزۇقچىلىق قاپلاپ كېتىدۇ، سىز يازمىلىرىڭىزدا ئامېرىكىنى داڭلاپ كەتتىڭىز، بىز ئامېرىكىچە ئەركىنلىككە ئەگەشسەك بۇزۇقچىلىقتا تۈگىشىمىز ..." دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىدىم. بۇلاردىن ئامېرىكىلىقلارلا ئەمەس، ئامېرىكىدىكى تۈزۈم، جەمئىيەت ۋە ئىددىيەلەرنىڭ ھەممىسى بۇزۇقچىلىقنىڭ مەنبەسى قىلىپ تەسەۋۋۇر قىلىنغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ. دەسلەپتە بۇنداق پاراڭلاردا بولغانلارنىڭ بەزىلىرىگە چۈشەنچە بېرىپ قويدۇم، بەزىلىرى بىلەن خېلى قاتتىق مۇنازىرىلىشىكە توغرا كەلدى. ئۇزاقراق كۆزىتىپ باقسام، بىر قىسىملار غەرپنى بۇزۇقچىلىقنىڭ مەنبەسى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىۋېلىغلىقكەن، پەقەت مېنىڭ خاتىرىلىرىمدىن شۇنىڭغا ئاساسلا تەلەپ قىلىشىدىكەن. مەندىن نارازى بولۇشلىرىنىڭ سەۋەبى مەن ئۇلار ئاڭلاشنى خالىغان" پاكىت" لارنى يازمىغىنىم بولۇپتۇ.  ئۇلار بىلەن دەۋاتقانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىيال ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىش مۇمكىن ئەمەسكەن.

    كۆرگەنلىرىمگە قاراپ باھا بەرسەم بەزى كىشىلەرىمىز بۇزۇقچلىق دەپ قاراۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكىغا قارىغاندا ئىچكىرىدە ئېغىر. مەن تۇنجى ئالى مەكتەپنى بېيجىڭدا ئوقۇغان. ئۇ چاغدا ئەڭ خوشۇمنى كەتكۈزىدىغىنى مەكتەپنىڭ ھويلىسىدىكى ئورۇندۇقلارنى ئىگىلىۋېلىپ كۈپ كۈندۈزدە چىرماشقان جۈپ گەدىلەر ئېدى. مەن ئوقۇغان مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدا پەرقلىق مەدەنىيەتكە مەنسۇپ ئوقۇغۇچىلار سەل بىر بىرىدىن ھايا قىلىدىغان بولغاچ تېخى مۇنداق ئىشلار كۆپ ئەمەس ئېدى. شۇ چاغدا بەزى مەكتەپداشلار "خەنسۇلارلا بار مەكتەپلەر جىق ئوچۇقكەن، ھىچ كىم بىلەن ھىچ كىمنىڭ كارى يوقكەن" دەپ شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇيغۇرلار يوق ئالى مەكتەپلەرگە قېچىشاتتى. ئامېرىكىدا مەن كانزاس ئۇنۋېرىستىتى، كانزاس شىتاتلىق ئۇنۋېرىستىتى، جون خاپكىنىس ئۇنۋېرىستىتى، ئورېگان ئۇنۋېرىستىتى قاتارلىق مەكتەپلەدە تۈرلۈك يىغىن ۋە باشقا سەۋەبلەردىن تۇرۇپ قالدىم لېكىن بېيجىڭدا كۆرگەن ئۇنداق شەھۋانى مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم. بېيجىڭدىكى ئاپتوبۇسلاردا، مېترو(يەر ئاستى پويىز)لاردا، باغچىلاردا باشقىلارنىڭ كۆزىچىلا داۋام قىلىدىغان ئۇياتسىزلىقلارنىڭ بىرىنىمۇ ئامېرىكىدا كۆرمۈدۈم.  بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىرخەنسۇ تونۇشۇمنىڭ "ئۇيغۇرلار ئوچۇق ئەمەسكەنسىلەر، ئاشىق مەشۇقلارنىڭ قىلىقلىرىنى توغرا چۈشەنمەيدىكەنسىلەر، بېيجىڭدىكى ئىككى ئۇيغۇر كوچىسى (بۇ كوچىلار كېيىن پۈتۈنلەي بەبات بولدى) نىڭ تاماقلىرى شۇنداق ياخشى، لېكىن ئادەملىرى بەك مۇتەئەسسىپ ئىكەن" دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. لەنجۇدا ئىشلەۋاتقىنىمدا تۇڭگان رېستۇرانلىرىنىڭ يوتىسى قىيا ئېچىلغان قىزلارنى ئىشىك ئالدىغا تىزىپ، بىرىنجى قەۋىتىنى تاماقخانا، ئىككىنچى قەۋىتىنى ساڭنا قىلىپ پۇل تېپىۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە لەنجۇدىكى ئۇيغۇر خوجايىنلىرىنىڭ "ئوچۇق" ئەمەسلىكى ۋە "مۇتەئەسسىپ"لىكى ھەققىدە ئويلىنىپ قالغانىدىم. خەنسۇلارنىڭ ئىچكىرىدىكى شۇنچە ئاشكارە ئىشرەت سورۇنلىرىنى "ئامېرىكا" دېمەيۋاتسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارغىلىقتىكى نۆل كىلومېتىر دېگەن يەرنى "ئامېرىكا" دېيىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خەنسۇلاردىن پىرىنسىپچانلىقى (ئىتىقادچانلىقى)،  بىر قىسىم تەشۋىقاتلارنىڭ ئامېرىكىنى بەكرەك شەھۋانىلاشتۇرىۋەتكەنلىكى ۋە يەنە بىر قىسىم غەرپنى دۈشمەن دەپ قارايدىغانلارنىڭ ئامېرىكىنى بۇزۇقچىلىقنىڭ مەنبەسى دەپ تەرغىپ قىلىغىنىدىن بولغان.

    ئامېرىكىدا بىر ئادەمنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى خۇسۇسىي ئىش بولۇپ مەخپىي بولىدۇ. بۇ خۇددى يۇيۇنۇش، يېشىنىش، ھاجەت قىلىش، تۈكۈرۈش ۋە تىرناق ئېلىشلارغا ئوخشاش ئادەم يوق يەرلەردە داۋام قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى مەن كۆرگەن ھىچ بىر شەھەردە باغچىلاردا سۆيۈشىۋاتقان، مەكتەپ ئىچىدە يەملىشىپ قالغانلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ. خەنسۇلاردا بۇنداق ئاممىۋىي ئىش ۋە خۇسىۇسى ئىش دەپ ئايرىش يوق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئىشلار جامائەت سورۇنلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىگىلىشىمچە، ئىچكىرىدە ئوقۇغان ئامېرىكىلىق ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئورتاق بولغان بىرقانچە ئازاپلىق كەچۈرمىش بار ئىكەن. بۇنىڭ بىرى مەكتەپنىڭ ئايرىم خانىسى يوق ئاممىۋىي مۇنچىسىدا يۇيۇنۇشتۇر.  ئىچكىرىدىكى ئاممىۋىي مۇنچىلارنىڭ ئاساسەن ئايرىم خانىسى يوق. كىشىلەرنىڭ بۇنداق مۇنچىلاردا تۆت ئاياقلاردەك بىر بىرىنىڭ كۆزىچىلا يۇيۇنىدىغان ئىشى ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك بىئارام قىلسا ئامېرىكىلىقلارنىمۇ شۇنداق بىئارام قىلىدۇ. يەنە بىرى كىشىلەرنىڭ بىر بىرىنىڭ كۆزىچىلا يېشىنىشى. خەنسۇلار بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ باققان ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكىلىقلار ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزىچىلا جان يەرلىرىدىن تارتىپ ئوچۇق قويۇپ كىيىم ئالماشتۇرۇشلىرى، ياكى كارىدوردا مېڭىپ يۈرۈشلىرىدىن راھەتسىزلىنىدىكەن.  ئەڭ يامىنى، قىز ئوغۇللارنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزىچىلا چىمدىلىقنى تارتىۋېلىپ ياتاقتىن ئىبارەت ئاممىۋىي سورۇننى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشى ئىكەن. ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرىدىكى بۇنداق بىزارلىق كەچۈرمىشى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدىكى بىر ئومۇملاشقان ئىتىقاد ۋە مۇشۇ ئىتىقادتىن شاخلانغان ئەخلاق سەۋەبىدىن بولغان. مەيلى ئامېرىكا مەدەنىيىتى ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولسۇن بىر مۇكەممەل ئىتىقاد ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئامېرىكىلىق ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار  ئۆزلىرى ياشاپ كۆنگەن جەمئىيەتتىن ياپيات بىر جەمئىيەتكە كەلگەندە ئىسەنكىرىشى تەبىئى. تەدىرىجى كۆنۈشكە كەلسەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار جوڭگۇدا ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن، موھىت سەۋەبلىك ئاسانراق كۆنۈپ كېتىشى ئېھتىمال. ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن خۇسۇسىي تۇرمۇش ۋە ئىنسانلىق ھوقۇق دەخلىسىز بولغاچ، ئۇلارنىڭ بۇلارنى قوبۇل قىلىشى تەرس.

    بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىنساننىڭ مۇتلەق ھۆرلۈكى ئۇقۇمىنى بۇزۇقچىلىق بىلەن باغلىۋېلىشى دۇنيانى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتكە ئوخشىتىپ چۈشىنىۋالغىنىدىن بولغان. ئۇلار شەخسنىڭ ھۆرلۈكى تولۇق ئىتىراپ قىلىنمىغان بىر دۆلەتتە ئەخلاقنىڭ قانداق يىمىرىلگىنىگە قاراپ، ئەگەر ئىنسانىي ھۆرلۈك ئىتىراپ قىلىنسا بارلىق گۇناھلار قانۇنىيلىشىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىۋالغان. جوڭگۇدا كۆرگىلى بولىدىغان ئىنسان(پادىشاھ) ياكى بىر توپ ئىنسان(كومپارتىيە، گومىنداڭ) دىن باشقا كۆرۈنمەس بىر مەۋجۇدات، ياكى بىر دەستۇر(قانۇن)  مۇتلەق ھۆكۈمران بولۇپ باقمىدى. جۇڭگۇدا ئەگەر ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئورتاق كىڭىشىشى ئارقىلىق ماقۇللانغان دەستۇر-قانۇن مۇتلەق ھۆكۈمران بولالىغان ۋە ئۇزاق مەزگىل كىشىلەرنىڭ ھەركىتىنى قېلىپقا سالالىغان بولسا، بىر ئىلاھى قۇدرەت، كۆرۈنمەس جازا ۋە مۇكاپات كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى كىرلەرنى پاكىزەلەپ تۇرالىغان بولسا ئەخلاقمۇ تەبىئىي تۈزۈلىشى مۇمكىن ئېدى. ئامېرىكا ئىنساننىڭ ھۆرلۈكىنى ئاساسى قانۇننىڭ كاپالىتىگە ئىگە قىلغان دۆلەت. ئەمما بۇنداق دېگەنلىك ئىنساننىڭ بارلىق نەپىس خاھىشلىرىنىڭ قانۇنىلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئامېرىكىدا ئاجرىشىشنىڭ قىيىنلىقى، بالا چۈشۈرۈشنىڭ قانۇنسىزلىقى، نىكاھتىن سىرىتقى مۇھەببەتنىڭ ئامېرىكىلىقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى، يالغانچىلىقنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز گۇناھ سانىلىشى، يالغانچىنىڭ بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلىشى، كەمسىتىشنىڭ ئەخلاقسىزلىقى، تەن سودىسىنىڭ پەقەت بەلگىلىك ئورۇندىكى بەلگىلىك كىشىلەرنىڭلا قىلمىشى قىلىپ چەكلىنىشى  ...قاتارلىقلاردىن بىز ئىنساننىڭ نەپىس خاھىشىنىڭ تېخى پۈتۈنلەي قانۇنىلاشۇتۇرۇلمىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئامېرىكىدەك ھەم كۆرۈنمەس مەۋجۇداتقا ۋە ئۇنىڭ كىتابىرىغا ئىشىنىدىغان، ھەمدە كۆرۈنمەس بىر قانۇن ئىككى يۈز نەچچە يىلدىن بېرى ئۆزگەرمەي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتە ئىنسانلىق ئەركىنلىكىدىن قانداق بەھرىمان بولۇش  ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرلۈكىنى قانداق قوغۇداش ۋە ھۆرمەتلەش ئاللىقاچان ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. بۇنداق بىر دۆلەتتە بۇزۇقچىلىققا يول قويىدىغان، ئەخلاققا يات قانۇنلارنىڭ ماقۇللىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى ئاسان ئەمەس.

    بەزىلەرنىڭ ئامېرىكىنى بۇزۇقچىلىق بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشىغا ئامېرىكا كىنولىرى سەۋەب بولغان. ئامېرىكا كىنولىرىدىكى جىنسىي كۆرۈنۈشلەر كىشىلەرنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويغان. بۇنى ئىككى تەرەپتىن چۈشىنىش مۇمكىن. بىرى ھازىرقى زاماندا كىنو ۋە كىتاپلارنىڭ تېمىسى مۇھەببەت، تەۋەككۈلچىلىك، زوراۋانلىق، سېھىر قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن. تاماشاچىلىق ساھەسىنىڭ ئاتامانلىرى جىنسىي كۆرۈنۈش ۋە زوراۋانلىققا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىشتاھاسىنى قوزغاشنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرىۋالغان. شۇڭا كىنولاردىكى كۆرۈنۈشلەر پۈتۈنلەي بىرەر دۆلەتنىڭ رىياللىقىنى ئەكىسلەندۈرمەيدۇ، بەلكى كۆرۈرمەنلەر يوشۇرۇنچە كۆرۈشنى خالايدىغان كۆرۈنۈش ۋە مەزمۇننى يەمچۈك قىلىدۇ. يەنە بىرى، ئامېرىكىدەك قانۇن مۇكەممەل دۆلەتتە كىنولارغا ئېنىق دەرىجە بېكىتىلگەن بولۇپ ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ يېشىغا، خاھىشىغا ماس كىنولارنى سېتىۋېلىپ كۆرىدۇ. يېشى ماس كەلمىگەنلەرگە بەزى مەزمۇندىكى كىنولار سېتىلمايدۇ. يېشىغا ماس بولمىغان كىنولارنى كۆرگۈچىلەر، كۆرۈشكە شارائىت ياراتقۇچىلار قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ. ئادەتتە تېلۋىزورلاردا ھەممە ياشتىكىلەرگە ماس كىنولار قويۇلىدۇ. ئامېرىكىدا ئىنسانلىق ھوقۇقلار ئىچىدە ئىنساننىڭ دۆلەتتىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىشلارنى بىلىش ھوقۇقى بار. بۇ ھوقۇقلار تەرەپسىز، ئەركىن ئاخبارات ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىر قىسىملارنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىنولىرى ۋە بىر قىسىم خەۋەرلىرىدىكى ئىشلارغا قاراپ ئامېرىكىنى بۇزۇق دېيىشى ئۆز جەمئىيىتىدىكى بۇزۇقچىلىقلاردىن خەۋەر تاپالمىغانلىقىدىن بولغان خالاس. قانۇن قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغان ۋە قانۇن ئاڭلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئامېرىكا جەمئىيىتىدە يايما ئېچىپ قالايمىقان مەزمۇندىكى كىنولارنى خالىغان كىشىگە، خالىغان يەردە، خالىغان چاغدا سېتىش مۇمكىن ئەمەس.

    ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوچۇق كىيىنىپ يۈرىشىمۇ بەلكىم بۇزۇقچىلىق بىلەن باغلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئوچۇق كىيىم كېيىش ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئادىتى. ئۇلار ئوچۇق كىيىنىپلا قالماي يالىڭاچ ھەيكەل، يالىڭاچ رەسىم سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ۋاھالەنكى ئۇلاردىكى تەننىڭ يالىڭاچلىقى ئەخلاقنىڭ يالىڭاچلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئوچۇق كىيىنىپ يۈرگەن شۇ كىشىلەردە ئوچۇق يەرلىرىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قوغۇدايدىغان جاسارەت ۋە خەقنىڭ ئوچۇق يەرلىرىگە بەز مارىغان مۈشۈكتەك قارىمايدىغان ئەخلاق شەكىللەنگەن. شۇڭا كىنولاردىن يېرىم ياتا كىيىم كەيگەن ئارتىسلارنى كۆرۈپ ئامېرىكلىقلارنى شۇ ئوچۇقلۇقلارنى قالايمىقان ئشىلىتەمدىكىن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىۋېلىش، ۋە ئۇلارنىڭ ئوچۇق يۈرۈشلىرىدىن قۇسۇر ئىزدەش قارشى تەرەپنىڭ ئادىتىنى بۇزۇققا چىقىرىپ ئۆزىنى ئادىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلار گۈزەللىكنى يوشۇرۇنلۇقتىن، مەنادىن ئىزىدىسەك ياۋرۇپالىقلار ئاشكارىلىقتىن، شەكىلدىن ئىزلەيدۇ. يەنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىز غايىۋىيلىقتىن، روھتىنلا ئىزىدىگەن گۈزەللكنى غەرىپلىكلەر ھەم شەكىل ۋە مەنادىن تەڭلا ئىزلىگەن بولۇشى مۇمكىن.

    بۈگۈنكى ئامېرىكىنى بۇزۇقلۇققا سىموۋۇل قىلىپ ئەيىپلەش ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنى رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ قوغۇدۇغىچىسى دەپ تەشۋىق ۋە تەنقىد قىلىشنىڭ داۋامى بولۇشى مۇمكىن، ياكى ئاۋغانىستان، پاكىستان ۋە ئەرەپ ئەللىرىدە ئەۋج ئالغان "ئامېرىكا شەيتان" دەيدىغان ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتنىڭ تۇغۇندىسى بولۇشى ئىھتىمال. بۇلار تېلۋىزورلاردا خەنسۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ بېرىلىدىغان خەۋەرلەر ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى كۆزگە ئىلماي قارا قويۇق تەرجىمە قىلىنىدىغان ئامېرىكا كىنولىرىنىڭ ۋاستىسىدە "ئىسپات"لىنىپ ئاممىۋىي ئاساسقا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن.  مەلۇم مەنىدە كۆز ئالدىدىكى زىددىيەتنىڭ مەنبەسىنى  يىراقتىكى ئالۋۇندىن ئىزدەش بىخەتەر بولغاچقا بەزى مۇئاشلىق ۋە مۇئاشسىز زىيالىلار"بىزنى خاراپ قىلىۋاتقىنى ھوللۇۋۇدنىڭ شەھۋانى كىنولىرى، ماكدونالد، كولا. ئامېرىكا بۇلارغا تايىنىپ بىزگە مەدەنىيەت جاھانگىرلىقى قىلىۋاتىدۇ" دەپ ۋەز ئېيتىۋاتقان ۋە ئامېرىكىنى بۇزۇقچىلىقتا ئەيىپلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتساق، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسىزلىقنىڭ دائىرىسىنى تارايتىپ شەھۋانىيلىقنىڭ يامراپ كېتىشىگىلا باغلاپ چۈشىنىشى ئامېرىكىدەك ئايرىم شىتاتتىكى ئايرىم شەھەردە قانۇنىيلاشقان تەن سودىسىنى مۇبالىغە قىلىپ چۈشىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇردا ھازىر بىر ئادەم يالغانچى دەپ ھاقارەتلەنسە ئانچە ئېغىر ئالمىغان بىلەن بۇزۇق دەپ ھاقارەتلەنسە بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالىدىغان ھالغا يەتتى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسى بويىچە بولسا يالغانچىلىق زىنادىن ئېغىر گۇناھ سانىلىشى كېرەك ئېدى. بەلكىم مۇتەپەككۇر روسسۇنىڭ جوڭگۇنى "يالغانچىلار دۆلىتى" دېگىنىنى ئويلاپ باقساق، يالغانچىلىقنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇردا ھاقارەت سانالمايۋاتقانلىقىنىڭ سىرىنى بىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئامېرىكىدا ئوقۇش جەيانىدا تۈزۈمى مۇكەممەل بولمىغان، مۇستەبىت، چىرىك دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردە ئەخلاققا ئۇيغۇنسىز قىلىقلارنىڭ كۆپرەك بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئىنسانلار بىر ئورتاق دەستۇرغا ئەمەس، ئىنسان ئىنسانغا بويسۇنىدىغان ھەرقانداق دۆلەتتە بۇزۇقچىلىق كۆپەيسە كۆپىيىدۇركى ئازايمايدۇ.
     
    تېمىغا مۇناسىۋەتسىز پۈتكۈل ئىنكاس ئۆچۈرىلىدۇ، ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىزلەر! گېپىڭلار بولسا مەن بىلەن «ئىزدىنىش»قا ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ دەسىلەر. تېمىنىڭ راۋاجىغا ئەمدى قالايمىقان، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ئىنكاسلار چۈشۈپ قالسا داۋاملىق تازىلىنىپ تۇرىدۇ ______ تۇمارىس