• 11/1/2011

    قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە كۈنلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/170725609.html

    قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە كۈنلىرى

    ئابدۇۋەلى ئايۇپ

    "قىزىم، ئامېرىكا ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمىز"نىڭ داۋامى

    قىزىمنىڭ يوقاتقانلىرى

    قىزىم ئامېرىكىدا "مېنى ھەممە ئادەملەر ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا ئىتلارمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ"، "ھەممە ئادەمگە ئىشىنىشكە بولىدۇ"، "ھەممە ئادەم بىر بىرىگە كۈلۈمسىرەپ سالاملىشىپ ئۆتىدۇ"، "بازاردىن ئالغان كۆكتات، مىۋىلەرنى يۇماي يىيىشكە بولىدۇ" دەپ كۆنگەنىكەن. بېيجىڭغا چۈشۈپلا بۇ ھەقتە باشقىچە چۈشەنچىگە كېلىشكە باشلىدى. ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرىشىپ قېلىپمۇ سالاملاشماسلىقى ۋە ئۇنى ئەركىلەتمەسلىكى بولۇپتۇ. ئۇرۇق تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشۈپ ۋەتەندىكى كۈنلەر ئۇزۇرىغانچە كوچىلاردىكى تونىمىغانلارنىڭ سالامسىزلىقىدىن تەدىرىجى "مېنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ" دېگەن ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالدى. چوڭلاردىن تولا ئەمەلگە ئاشماس ۋەدىلەرنى ئاڭلاپ قىزىم "ھەممە ئادەمگە ئىشىنىشكە بولىدۇ" دېگەن ئىشەنچتىن ئىككىنچى بولۇپ مەھرۇم قالدى. يۈزمۇ-يۈز كېلىپ قېلىپمۇ سالاملاشمايدىغان ئادەملەرنى جىق كۆرۈپ دەسلەپكىدەك كۆرگەنلا كىشىگە سالام قىلىپ كۈلۈمسىرىمەيدىغان بولدى. ھەممە ئادەمگە قىزغىن پاراڭ قىلىپ بېرىدىغان خۇلقلىرىدىنمۇ قالدى. دەسلەپتە خېمىيەلىك دورىلارىنىڭ پۇرىقى ئىچىگىچە ئۆتۈپ كەتكەن مىۋە ۋە كۆكتاتلارنى پۇراپلا بىلىپ قالاتتى. كېيىىن تەدىرىجى بۇلارنىمۇ سەزمەس بولۇپ قالدى.

    ئامېرىكىدىكى مەھەللىمىزدە بىر بوشلۇق بولىدىغان. كىچىكلەر ئۆيلىرىدە ئويناپ زېرىككەن ئويۇنچۇقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ شۇ يەرگە قويۇپ قويۇشاتتى. ئويۇنچۇقلارنى خالىغانلار ئېلىپ كەتسە بولاتتى لېكىن ئالغۇچى ئالغانلىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئويۇنچۇق قويۇپ قويۇشى كېرەك ئېدى. ئەلۋەتتە، بۇ بىر كۆرۈنمەس قائىدە بولۇپ ھېچكىم ئۇ يەرگە كىم نېمە قويۇپ نېمە ئالدى دېگەنگە كۆزەتچىلىكتە تۇرمايتتى. بۇ يەردە بىر كۆرۈنمەس خالىسلىق ۋە ھالاللىق ھۆكۈمران ئېدى. مەن شۇنچە تۇرۇپ ئۇ يەرنىڭ ئويۇنچۇقسىز قۇرۇقدىلىپ قالغىنىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. بۇنداق كۆرۈنمەس خالىسلىق چوڭلارنىڭ ھەركىتىدىمۇ داۋام قىلاتتى. مەسىلەن، بىزنىڭ مەھەللىدىكى كىيىم يۇيىدىغان ئۆيدە (ئامېرىكىدا ھەر بىر مەھەللىدە بىردىن كىيىم يۇيىدىغان زاللار بولىدۇ. كىشىلەر تەڭگە تاشلاپ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ بىراقلا ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ) شۇنداق بىر بوشلۇق بار ئېدى. ھەممە ئادەم ئوقۇپ بولغان كىتاب، ئىشلەتمەيدىغان ئۆي جاھازلىرى، كىيمەيدىغان كىيىم ۋە باشقا تۈرلۈك لازىملىقلارنى قويۇپ قوياتتى. لازىملار ئېلىپ كېتىپ ئىشلەتسە بولاتتى. قىزىم ئامېرىكىدا ھەرخىل ئويۇنچۇقلار دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئۇ بوشلۇقنى بەك ياخشى كۆرەتتى. دائىم ئويۇنچۇقلىرىنى يەڭگۈشلەپ تۇراتتى. قىزىم ۋەتەنگە كەلگەندىن كېيىن ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ زېرىكتى ۋە ئامېرىكىدىكى خۇيى بويىچە بىر يەر تېپىپ قويۇپ قويماقچى بولدى. يامان يېرى ۋەتەندە ئۇنداق ئادەت يوق بولغاچ بىز ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا ئامالسىز قالدۇق. شۇنداق قىلىپ ئۇنى خالىسلىققا، ھىچكىم كۆرمىگەن ئەھۋالدىمۇ بىر نەرسىلەرنىڭ يۈتمەيدىغانلىقىغا، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرۈنمەس مېھىر ۋە ھەمكارلىقنىڭ بولىدىغانلىقىغا  ئىشەندۈرۈپ تەربىيىلەشكە بىر سورۇن ھازىر قىلالمىدۇق. ئۇنىڭ ئادەملەرگە، جەمئىيەتكە بولغان ئىشەنچىنى تىكلىيەلمىدۇق. ئەنسىرەيدىغىنىم ئۆزى ياشاۋاتقان موھىتتىن ئىللىقلىق، ھوزۇر، خاتىرجەملىك ھىس قىلالمىغان قىزىمنىڭ ئۆزىگە، كىشىلەرگە، دۇنياغا ۋە تەبىئەتكە ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنەلمەسلىكى. قىزىم ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەندە مەندىن ئۇ ۇەردىكى ئويۇنچۇقلارنى نېمىشقا باشقىلارنىڭ ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى سورىغىنىدا "قىزىم ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدە ئاللاھ بار، شۇڭا ئۇلار ھىچ كىم كۆرمىسىمۇ قەلبىدىكى ئاللاھ كۆرۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن بىر بىرىنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋالمايدۇ" دەپ چۈشەندۈرگەنىدىم. ئەمدى ھېلى قويغان نەرسىگە پەخەس بولمىسىلا يوقاپ كېتىدىغان موھىتتا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھنىڭ بارلىقىنى قانداق چۈشەندۈرگۈلۈك؟

    قىزىمنىڭ شىكايەتلىرى

    قىزىم ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزاققا قالماي تەڭقۇرلىرىنىڭ بەزى قىلىقلىرىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قوبۇل قىلالمىغىنى دوستلىرىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى سورۇماي ئوينىشى، زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشى بولدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ نۆۋەتلەشمەسلىكى، بىر ئويۇنچۇقنى بىللە ئوينىماسلىقى، دائىم كۈچلۈكلەرنىڭ ئويۇننىڭ قائىدىسىنى بۇزۇۋېتىشى، باشقىلار ئۈستىدىن توختىماي ئاتا ئانىسىغا ئەرز قىلىشلىرى...قاتارلىقلار ئۇنى كۆپ بىئارام قىلغان بولدى. ئۇنىڭ دائىملىق سۇئاللىرى" نېمىشقا ئويۇنچۇقۇمنى سورۇماي ئالىدۇ؟"، "نېمىشقا بەش مىنۇت ئويناپ بېرەي دېمەيدۇ؟"، "بۇلار نېمىشقا نۆۋەتلەشمەيدۇ؟"، "بۇلار نېمىشقا ئويۇنچۇقلىرىمنى تارتىۋالىدۇ؟"، "بۇلار نېمىشقا مېنى ئۇرىدۇ؟"، "بۇلار نېمىشقا ماڭا ۋارقىرايدۇ؟"، "ئاتا-ئانىلار نېمىشقا خاتا قىلسا بالىلىرىدىن كەچۈرۈم سورۇمايدۇ؟ نېمىشقا چوڭلار دائىم يالغان ۋەدە بېرىدۇ؟". "ئەسكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ساقچى بولامدۇ؟ نېمىشقا ئۇلار ***لارنى تەكشۈرمەي بىزنىلا تەكشۈرەيدۇ، بىزگىلا ۋارقىرايدۇ؟". بۇ سۇئاللارنىڭ بەزىلىرىگە چۈشەنچە بەردىم، لېكىن كۆپىنچىسىگە جاۋاپ بېرەلمىدىم. ئۇنىڭ ھەيران قالغان ئىشلىرى ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە ئاللىقچان كىشىلەرگە نورمال تۇيۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ھېچكىم ھەيران قالمايتتى، غەزەپلەنمەيتتى.

    بىر كۈنى قاراپ تۇرسام بىر بالا قىزىمنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇقنى ئېلىپلا قاچتى. قىزىم ھەيران قالغان ھالدا تۇرۇپلا قالدى. شۇنچە دەۋەتلىرىمگە قارىماي زورلۇق بىلەن قايتتۇرۇۋېلىشقا پېتىنالمىدى. ئارىدا قىزىم پەيتىنى تېپىپ ئويۇنچۇقىنى قايتتۇرىۋىلىشقا تەمشىلىۋېدى، پاسلا قىلىپ بىر تەستەك يىدى. ئۆمچىيىپ يىغلاۋاتقان قىزىمغا قاراپ نېمە دېيىشنى ئۇقالماي قالدىم. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرەيلەن "دادىسى تۇرسىمۇ خەقتىن تاياق يىگىنىنى، ئۇرىڭە سىزمۇ، دادىڭىز بولغاندىكىن قورقماي" دەپ قالدى. قىزىم بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى تازا ياخشى چۈشىنەلمىدى. چۈشەنمەسلىك قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيىسىدە ئەمەس ئۇنىڭ ياشىغان جەمئىيىتىدە كىشىلەر بىر كۈچ (دۆلەت، ئارمىيە، ھوقۇق، بايلىق، ۋە سان جەھەتتىكى ئەۋزەللىك) تىن مەدەت ئېلىپ باشقىلارنى خالىغانچە بوزەك قىلمايتتى، باشقىلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىمايتتى. شۇڭا ئۇ دادىسى بولغاندا باشقىلارنى بوزەك قىلسا، ئۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. دادىسى بولۇش بولماسلىقنىڭ ئۇنىڭ بىرسىنى ئۇرالاش ئۇرالماسلىقى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بارلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئالغان جەمئىيەت ۋە يەسلى تەربىيىسىدە يۆلەنچۈكى بولسا بىرخىل يۆلەنچۈكى بولمىسا بىرخىل خۇي چىقىرىش، يۆلەنچۈكى بارلار ئەزىزلىنىپ، ئەۋزەللىكتىن مەھرۇملار پەس كۆرۈلۈش،  باشقىلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەش دېگەندەك ئىشلار يوق ئېدى. بىر كۈنى قىزىم "دادا، نېمىشقا بۇ يەردە بالىلار دائىم دادىسى ياكى ئاپىسى كەلسىلا ئادەمنى باشقۇرىدۇ، بوزەك قىلىدۇ؟" دەپ سوراپ قالدى. "ئۇلار خاتا قىلىپتۇ بالام، سىز مەن بولساممۇ، بولمىساممۇ باشقىلارنى بوزەك قىلماڭ. ئۇرماڭ، تىللىماڭ. ئادەمنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ، تىللاشقا بولمايدۇ" دېدىم. سەۋەبىنى سورۇۋېدى، "ئاللاھ ئادەملەرنى  بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر ئادەم تاياق يىسە، تىل ئىشىتسا ئاللاھ خاپا بولۇپ قالىدۇ. سىزنىڭ ئادەملەرنى رەنجىتكىنىڭىز ئاللاھنى رەنجىتكەنلىك بىلەن ئوخشاش". قىزىمغا كىچىكىدىن قىلسا بولمايدىغان بەزى ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرسەك ئاڭقارغىدەك ياشتا بولمىغىنى ئۈچۈن "خۇدايىم خاپا بولۇپ قالىدۇ" دەپ ئۆگەتكەنىدۇق.

    بالىلار قولىدىكى نەرسىلەرنى باشقىلار تارتىۋالسا قانداق قىلىشى كېرەك، باشقىلار ئۇرسا قانداق قىلىش كېرەك، بالىلارنى بۇنداق ھالدا مۇداپىيەگە كۆندۈرىمىزمۇ ياكى ھۇجۇمغىمۇ ...دېگەنلەر  ھەققىدە قەشقەردە قىلغان لېكسىيەمدە مۇنازىرە بولدى. ئىشتىراكچىلارنىڭ بەزىلىرى  "باشقىلارنى ئۇرما، لېكىن سېنى ئۇرسا سەنمۇ تازا قوي. خەقنىڭ بىر نەرسىسىنى تارتىۋالما، ئەگەر سېنىڭكىنى  تارتىۋالماقچى بولسا ھەرگىز بەرمە. خەققە ھەرگىز بوزەك بولما، بىرنى دېسە ئىككىنى دە." دېگەنلەرنى دائىم دەيدىكەن ۋە بۇنى توغرا دەپ قارايدىكەن. بۇنداق تۇتۇملارنىڭ كەينىدە چوڭلارنىڭ كەچۈرمىشى ۋە ئىددىيىسى ياتىدۇ. چوڭلار بۇنداق دەۋاتقاندا ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە، كىشىلەرگە ۋە ھادىسىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى-تۇتۇمىنى بالىلارغا تېڭىۋاتقان بولىدۇ. بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشىنىدىغان، قىلىقلىرىنى كۆزەتكەنلەرگە مەلۇمكى، بالىلاردا بىر-بىرىنى بوزەك قىلىش دېگەن ئاڭ بولمايدۇ. بالىلار بىر بىرىنىڭ نەرسىسىنى تارتىۋالاي، بوزەك قىلىۋالاي، ئۇرۇۋالاي دېگەن مەقسەتتە نۇقسانلىق قىلىقلارنى قىلمايدۇ. بالىلار پەقەت بىلمىگەنلىكتىن، قىزىق تۇيۇلۇپ ۋە بىخەستەلىكتىن شۇنداق قىلىدۇ. بىز چوڭلار دائىم بوزەك قىلىنىش، مەھرۇم قېلىش، خورلىنىش قاتارلىق قىسمەتلەرگە كۆپ دۇچار بولغىنىمىز ئۈچۈن سەبىي بالىلارنىڭ ئاڭسىز قىلىقلىرىنى چوڭلارغا خاس كەچۈرمىشلىرىمىزگە باغلاپ چۈشىنىۋېلىپ بالىمىزنى بوزەك بولماسلىق ھەققىدە ئارتۇقچە ئاگاھلاندۇرۇپ كېتىمىز. موما بوۋىلىرىمىز پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە نۇرغۇن ئەندىزىلەرنى ياراتقان. بۇ ئەندىزىلەر كىتاب بولۇپ يېزىلمىغان بىلەن تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كۈچىنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئېدى. زامان ئالماشقان، بازار ئالماشقان، ئۆي ئالماشقان، مەكتەپ ئالماشقاندىن بۇيان ئەجدادلاردىن قالغان تۈرلۈك ئەنئەنەلەر يا دەرسلىكتىن ئورۇن ئېلىپ مەكتەپكە كىرەلمىدى، مەسجىدلىك مەھەللىلەر يوقۇلۇپ كوچىدا كۇچىنى كۆرسىتەلمىدى. ئىشخانىدا،  بازاردا ئاققىنى خەقنىڭ بۇلۇڭدا ياتقىنى بىزنىڭ بولغاچ ئۇدۇملىرىمىز جەمئىيىتىمىزدە مودا بولالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە توختىماي غەرپنىڭ كىتاپلىرىنى تەرجىمە قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق. ۋاھالەنكى، ئۇ كىتاپلاردىكى غايە بىلەن بىز ياشاۋاتقان موھىتىمىز، جەمئىيەتتىكى تۈزۈم ماسلاشمىغاچ كىتاپلاردىكى پايدىلىق كۆرسەتمىلەرنى قوللانغىلى بولمايدىغان، قوللىنىپ تەربىيىلىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ بالىلار موھىتتىن باشقىچە تەسىر ئېلىپ يات سەنەمگە دەسسەيدىغان ئىشلار كېلىپ چىقتى.  ئۆچىرەتتە تۇرسا زىيان تارتىدىغان قەشقەردە بالىلارنى نۆۋەتلىشىش ئادىتى بىلەن تەربىيىلىگىلى بولمايدۇ. تارتىۋالمىسا تارتقۇزۇپ قويىدىغان جەمئىيەتتە ئورتاقلىشىشىنى ئۆگەتمەك تەرس. قائىدە، قانۇن دېگەنلەر ساندىكى، پۇلدىكى، ھوقۇقتىكى ئەۋزەللىكلەر ئالدىدا تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان جەمئىيەتتە بالىلارنى قائىدىلىك، پىرىنسىپچان، تەرتىپلىك چوڭ قىلغىلى بولمايدۇ. قەلبىمىزنى ئەينەك دېسەك بىزنىڭ مىجەزىمىزدە ئەكىس ئەتكىنى جەمئىيەتنىڭ شولسى. سۈلھى سالا، كۆڭۈل يەتكۈزۈش، قېرىنداشلىق، نەسەپ ۋە باشقا كىشىلەر پايدىلىنالايدىغان ھەرخىل ئەۋزەللىكلەر مۇكاپات ۋە جازا، توغرا ۋە خاتا، ھەقىقەت ۋە سەپسەتە، گۇناھ ۋە ساۋاپ دېگەنلەردىكى مۇتلەق پىرىنسىپ ۋە كېسىمنى  ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدىغان جەمئىيەتتە بىز بالىمىزنى ئۆزىمز يېتەلمىگەن پەللىلەرنى كۆزلەپ تەربىيىلەپ چىقالمايمىز. چۈنكى بىز بالىلىرىمىزنىڭ قانداق شارائىتتا قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى كىتابلاردىن ئوقۇۋالغان بىلەن ئۆزىمىز شۇنداق قىلالمايمىز، ئۈلگە بولالمايمىز.

     

     

    قىزىمنىڭ گۆدەكلەردىن پەرقى

    قىزىمنىڭ تەڭقۇرلىرىدىن پەرقلىق بىر قانچە ئىشى تۇققانلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرۈپتۇ. بىرى سەبىرچانلىقى ۋە نۆۋەتلىك ۋە تەرتىپلىكى. كىچىكلەرگىمۇ چوڭلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى. تۇغقانلارنىڭ كۆزىتىشىچە، ئۇ بىر يەرگە بارسا ئالدىغا قويۇلغان تاماقلارنىلا  يەيدىكەن، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى يېمەكلىكنى تالاشمايدىكەن. باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقىنى تالاشمايدىكەن، باشقا بالىلار ئويۇنچىقىنى تارتىۋالسا باشقا ئويۇنچۇق تېپىپ ئويناۋرىدىكەن. باشقا بالىلاردەك ئانىسىغا ئەرز قىلىپ يىغلىمايدىكەن. بەلكىم بۇ ئامېرىكىدا ھەر ئادەمنىڭ تامىقىنىڭ ئايرىم بولىدىغانلىقى، داستىخاندا ھەممىگە ئورتاق تاماقلار قويۇلغان تەقدىردە ھەممە ئادەمنىڭ نۆۋەت بىلەن ئايلاندۇرۇپ بۆلۈپ يەيدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. يەنە بىرى ئۇنىڭ ھەمكارلىق، ماسلىشىش ئىقتىدارى. بىر كۈنى قىزىم تۇغقانلار بىلەن ئوپالغا مىھمانغا كەتكەنتى. مېھماندارچىلىقتا مەسئۇدە قولىنى يۇيۇپ لۆڭگىنى قولىغا ئېلىشىغا يەنە بىر بالا كېلىپ لۆڭگىنى تالىشىپتۇ، ئۇ لۆڭگىنىڭ قولىدىكى ئۇچىنى تالاشقۇچىغا بېرىپ يەنە بىر ئۇچىغا سۈرتۈپتۇ. ئارىدا يەنە بىر بالا كېلىپ ھېلىقى بالىدىن لۆڭگىنىڭ ئۇچىنى تالىشىپتۇ. قىزىم قولىدىكى لۆڭگىنىڭ ئۇچىنى كېيىنكى بالىغا بېرىپ ئۆزى ئوتتۇرىسىغا سۈرتۈپتۇ. بۇنىڭدىن ئامېرىكا يەسلىلىرىدىكى ھەمكارلىشىپ ئويناشقا ماس لايىھەلەنگەن ئويۇنچۇق ۋە باشقا ئەسلەھەلەرنىڭ قىزىمدا ھەمكارلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى بايقىدىم. تۇغقانلارنىڭ دېيىشىچە قىزىم كىچىكلەرنى بوزەك قىلمايدىكەن. چوڭ بولامدۇ، كىچىك بولامدۇ كىم خاتا قىلسا دەرھال قارشى چىقىدىكەن. مەنچە ئۇ ياش بىلەن نوپۇز ، نەسەپ بىلەن نوپۇز، پۇل بىلەن نوپۇز، سان بىلەن كۈچ ئوڭ تاناسىپ بولىدىغان جەمئىيەتكە تېخى يېقىندا كەلگەچكە شۇنداق قىلغان بولىشى مۇمكىن. قىزىمدىكى بۇنداق قاپ يۈرەكلىك ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

    قىزىمنىڭ مەن بايقىغان باشقا بالىلاردىن پەرقلىنىدىغان يەرلىرى تۆۋەندىكىچە.

    بىرىنجى، قىزىم چېقىمچى ئەمەسكەن.

    مەن ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىزىم بىلەن تەڭقۇر بالىلارنى سېلىشتۇرۇپ قىزىمنىڭ ئۇلاردەك ئەرزخور (توغرىسى چېقىمچى) ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. ھەيران قالغىنىم، مەيلى مېھماندارچىلىققا باراي، مەيلى گۆدەكلەر ئېنگىلىز تىلى سىنىپىدا ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى كۆزىتەي بىر بىرى ئۈستىدىن دادخورلۇق ئېيتىپ كېلىدىغانلار، باشقىلارنىڭ قىلىقلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغانلار، باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ يارىدەم تەلەپ قىلىپ كېلىدىغانلار دائىم چىقىپ تۇراتتى. مەن گۆدەكلەر ئېنگىلىز تىلى سىنىپىدىكى بالىلارغا "خاتالىقنى كۆرسەڭ ئۆزەڭ توس، باشقىلار سېنى ئۇرسا ئۆزەڭ چەكلە ۋە كەچۈرۈم سوراتقۇز" دېگەن شەكىلدە ئىككى ئايدىن بېرى تەربىيە بېرىپ كېلىۋاتىمىز. لېكىن بۇنىڭ ئۈنىمى بەك كۆڭۈلسىز بولۇۋاتىدۇ . قىزىم شۇ بالىلار بىلەن بىللە تۇرغىلى ئىككى ئايدىن ئاشقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۇمۇ "دوكىلات" قىلىشقا باشلىدى. خۇداغا، شۈكۈر، دوكىلات قېتىم سانى باشقا بالىلارنىڭ يۈزدىن بېرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. مەن بۇ ئادەتنى بالىلارنىڭ چوڭلاردىن يۇقتۇرغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئادەمنى قانۇن، دەستۇر، نىزام ئەمەس ئادەم ياكى بىر گورۇھ ئادەم باشقۇرىدىغان جەمئىيەتتە ئەرزخورلۇق،چېقىمچىلىق، دادخورلۇق ئەۋج ئالىدۇ. ئەگەر ئادەملەر بويسۇنۇشقا تېگىشلىك، ھەممە ئادەمگە رۇشەن بىر دەستۇر بولسا ئېدى، كىشىلەر شۇ دەستۇرغا تايىنىپ بىر بىرىنىڭ خۇي پەيلىگە ھۆكۈم قىلغان بولاتتى. ياخشى يامان، توغرا خاتانى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەممۇ، ھۆكۈم قىلىدىغان، توسىدىغان ھوقۇقمۇ ئادەمدە بولغاچ كىشىلەر نوپۇز ئىگىسىگە چېقىش، سۇخەنچىلىك قىلىش ئارقىلىق ياخشى يامان مەقسەدلىرىگە يېتىپ كەلگەن. بۇنداق جەمئىيەتتە كىشىلەر رىياللىقتىن بىر شەخس سۈپىتىدە نىزام بويىچە ئېرىشىشى مۇمكىن بولغان بىخەتەرلىككە ئېرىشەلمگەچكە ئەمەلداردىن يۆلەك تېپىشقا، ئۆلىمادىن پىر تۇتۇشقا، مۇناسىۋەت باغلاشقا، نەسەپ سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە توختىماي سورۇنلارغا قاتراپ بىخەتەرلىك تورى بەرپا قىلىشقا مۇھتاج بولىدۇ. گودەكلىرىمدە چېقىمچىلىقنىڭ تۈگمەسىلىكى ئۇلار تېخى تۆت ياش ئەتراپىدا تۇرۇپ ئاللىقاچان نوپۇزنىڭ قولى بىلەن خەقنى باپلاش، نوپۇز ئىگىلىرىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى بويسۇندۇدۇرش، ھەر قانداق ئىشتا نوپۇزنى سۈيىئىستىمال قىلىش، ھەققانىيەتنى قوغداشنى نوپۇزسىز تەسەۋۋۇر قىلالماسلىققا ئوخشاش چوڭلارچە تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ ئۈندۈرمىلىرىنى ھازىرلاپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    ئىككىنچى، قىزىم باشقىلارنى يالغان قورقۇتالمايدىكەن.

    بىر كۈنى قىزىم يىغلاپ كەتتى. نېمە بولغىنىنى سورۇسام باشقا بىر بالا ۋارقىراپ يىغلىتىۋېتىپتۇ. ۋارقىرىغان بالىدىن سوروسام "كېيىن ئويۇنچۇقۇمنى ئېلىۋالمىسۇن، مېنى بوزەك قىلمىسۇن دەپ قورقۇتۇپ قوياي دەپ ۋارقىرىغانىدىم" دەيدۇ. قىزىمغا ئوخشاش ئۇسۇلدا باشقىلارنى قورقۇتۇشنى ئۆگەتكەن بولساممۇ قاملاشتۇرالمىدى. كىچىككىنە بالىنىڭ باشقىلارنى قورقۇتۇش ئارقىلىق كەلگۈسى مەنپەئەتى، بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتىنى يارىتىۋاتقانلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئەسلى گۆدەكلەردە قورقۇنچ دېگەن تۇيغۇ بولمايدۇ. بىز چوڭلار بىر بولسا ئەنسىز چىرقىراپ، ياكى غەزەپلىك ۋارقىراپ ۋە ياكى كۆرۈنمەس بىر قورقۇنچلۇق مەخلۇق ۋە ئاقىۋەتنى تەسۋىرلەپ بېرىش ئارقىلىق بالىلاردا قورقۇنچ پەيدا قىلىمىز. مەن ئاتا-ئانىلار بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قۇرقۇتۇشنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئۆيدە دادىنىڭ بالىلارغا ئانچە چىراي ئاچماي، سۈرلۈك، سالاپەتلىك ۋە قۇرقۇنلۇق تۈستە رول ئېلىشىنىڭ بالىلارنى باشقۇرۇشتا ئالاھىدە موھىملىقىنى تەكىتلەشكىنىنى ئاڭلىدىم. ھىچ قانداق پىرىنسىپقا كۆتۈرمىگەندىمۇ بۇ يەردە مەن قوبۇل قىلالمايدىغان ئىككى تەرەپ بار. بىرى ساختىلىق، يەنە بىرى ئىلمىيسىزلىك. مەنچە باشقىلارنى تاقابىل تۇرۇش نىشانى ئەمەس ھەمكارلىق نىشانى دەپ چۈشىنىش بۇنداق ساختىلىق قىلىشتىن ئەۋزەل. يەنە بىرى قورقۇتۇشنىڭ تەربىيىدە ئىجابىي رولىنى تېخى پەن ئىسپاتلاپ چىققان يوق. مەن باشتا دېگەندەك بىزنىڭ قەلبىمىز بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ. مىجەزىمىزدە ئەكىس ئەتكىنى جەمئىيەتنىڭ شولىسىدۇر. كوچىلاردىكى ژاندارمىلار، بىرونىۋىكلار، تەكشۈرۈشلەر بىزگە قورقۇنچنىڭ باشقۇرۇشتىكى رولى ھەققىدە دەرس بەرمەيۋاتىدۇ دەپ كىم جەزىم قىلالايدۇ. پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا قورقۇنچ ئەقىلنى كېسىدۇ. قورقۇنچتا ئادەم ئىجادىي تەپەككۇر قىلالمايدۇ، پەقەت قولىدىن كېلىدىغىنى كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتنى قارىسىغا دوراش بولىدۇ. بۇلارنى ئويلاۋېتىپ تۇرپان ژورنىلىنىڭ 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى بىر سانىغا بسېىلغان "ئۇيغۇرلار مايمۇنغا ئوخشايدۇ" دېگەن يازما كەچتى. مىھماندارچىلىقلاردا ئانىلارنىڭ "ۋاي ئۇنى قىلما ئۇنداق بولىسەن، ۋاي بۇنى قىلما بۇنداق بولىسەن" دېيىشىپ بالىلىرىنىڭ كەينىدە پەرۋانە بولۇشلىرى. ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بىر بالا  ئۈچۈن پۈتۈن ئۇرۇق جەمەتنىڭ سەپەرۋەرلىككە كېلىشى، بالىلىرىنى ئالغىلى كەلگەن ئاتا ئانىلارنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئالدىدا قاتارلىشىپ تۇرۇپ كېتىشلىرى، (بۇنداق قاتارغا تىزىلىپ كېتىدىغانلارنىڭ ئىچىدە قىزىق يېرى بالىسى خەنسۇچىدا ئوقۇيدىغانلار مۇتلەق كۆپ، قوش تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئالدى بەكلا خىلۋەت) جىيەنىمنىڭ "خانىم تىللايدۇ" دەپ يىغلاپ، چۈشكۈرگەندىن كېيىن دېيىلىدىغان "ئەلھەمدۇلىللاھ" دېيىشنى ئۆگەنمەسلىكى ، ... بىر ئەنسىزلىك، تەھدىت ۋە قورقۇنچنىڭ باشقۇرۇشتىكى غايەت زور نەتىجىسىنى نامايىش قىلىپ تۇراتتى. قىزىم يالغاندىن بىرسىنى قورقۇتۇپ، ۋەھىمە سېلىپ ئىھتىماللىقتىكى زەخمەت،  زەربە ۋە زىياندىن ساقلىنىشنى تېخى ئۆگەنمەپتۇ. بۇنداق دېگەنلىك ئۇنىڭ داۋاملىق شۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. مەن يۇقارقى جەھەتلەردە قىزىمنىڭ قۇرداشلىرىدىن پەرقلىنىپ قالغىنىنى بايقىدىم ئەمما قۇرداشلىرىنى قىزىمدەك بولسىكەن، ياكى قىزىمنى قۇرداشلىرىدەك بولمىسىكەن دېمەيمەن. نېمە دېسەم، بۇلار مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشلار ئەمەس. مەيلى نېمە ئامال قىلاي قىزىم ئۇيغۇر قورققاندىن قورقىدۇ، سۆيگەننى سۆيىدۇ، قاقشىغاندىن قاقشايدۇ، نەپرەتلەنگەندىن نەپرەتلىنىدۇ. ھەم مەنمۇ شۇنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر بۇنداق بولمىسا مەن بىلەن تۇيغۇ ئورتاقلىقىغا ئىگە بولالمايدۇ، قىسقىسى ئۇيغۇر بولالمايدۇ.