• 4/22/2011

    تور بىلەن مەتبۇئات بىرلىشەمدۇ نىمە ؟ - [پارچە خىياللار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/122057381.html

    تور بىلەن مەتبۇئات بىرلىشەمدۇ نىمە ؟

    قايسى كۈنى بىرئىش بىلەن كىتابخانىغا بېرىپ قېلىپ ،شنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنى ۋاراقلاپ قالدىم ،4-سانىغا جېك بىلوگىدا ئىلگىرى ئىلان قىلىنغان (نوبىل مۇكاپاتى ۋەئۇيغۇرلار ) دىگەن يازمىنى بېسىپتۇ،قىزىقىپ كۈرۈپ باقتىم قىسمەن يەرلىرىنى قىسقارتىپتۇ ،لىكىن بەك چوڭ ئۆزگەرتمەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ شىنجاڭ ياشلىرى خېلى زامانىۋىلىشىپ قاپتۇ جۇما دەپ ئويلاپ باشقا سانلىرىنىمۇ ۋاراقلاپ باقتىم يەنە بىر سانىغا ئىلقۇت بىلوگىدا ئىلان قىلىنغان لى كەيغۇ نىڭ (جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا خەت)دىگەن يازمىسىنى بېسىپتۇ. بۇ ئىككى ئەسەرلەرنىڭ ھەمىسى ئاۋال تورغا ئىلان قىلىنىپ ئاندىن مەتبۇئاتقا بېسىلغان بولغاچقا خېلى دىقىتىمنى تارتىپ قويدى.
    ھازىر مۇنبەر بىلوگلاردا ئىلان قىلىنىۋاتقان يازمىلار كىتاپ ژۇرنالغان بېسىۋاتقاندىن ياخشىراق بىلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى . ھەرقايسى مۇنبەرلەردىكى تېمىلارمۇ ،چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ بىر-بىرىدىن ئىسىل ، گاھىدا بىر تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسنى ئوقۇپ چىقسىمۇ خېلى جىق نەرسىلەرنى بىلىپ قالغىلى بولىدىكەن ،گېزىت-ژۇرناللارنىڭ چەكلىمىسى كۆپ بولغاچقىمىكىن ياخشىراق ئەسەرلەر بېىلماي قالىدىكەن ، بۇلارمۇ توردىكى ياخشىراق ئەسەرلەرنى باسسا ئۇقۇرمەنمۇ قىزىقىپ ئوقۇيدۇ ،ئۈنىمىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن .
    مەتبۇئات بىلەن تور بەلكىم بىرلىشىپ بولالمايدىغۇ دەيمەن ، لىكىن ھازىر مەتبۇئات ئادەمنىڭ دىقىتىنى بەك تارتالمايدىغان بۇلۇپ قالدى .