• 4/7/2011

    مۇنبەر - [پارچە خىياللار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/115836115.html

     

    ئۇرۇش تالاشنىڭ ھەممىسىنى خاتا دەپ كەتسەك بولمايدۇ، يەنە پايدىلىق تەرەپلەرمۇ بار.

    مەسلەن: باشقىلار بىلەن ئاددىي بىرگەپنى تالىشىپ قالساق ،گەپتە يېڭەلمەي سەت گەپلەرمۇ ئېغىزدىن چىقىپ قالىدۇ ، باشقىلارنىڭ يېغىرىغا تىگىدىغان گەپلەرمۇ چىقىپ كىتىدۇ شۇنىڭ بىلەن مۇش پەشۋا بىلەن ئېغىراق بولسا چەدۇ پىچاق بىلەن مۇنازىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان گەپ بولىدۇ.ئەمما توردىكى يەنى مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى ئۇرۇش تالاشلارچۇ ؟توردا مۇش پەشۋا ،پىچاق چەدۇلار ئىشلىمەيدۇ دە .شۇنداق ئويلىغاندا توردا مۇنازىرە قىلىش ،تالاش-تارتىش قىلىش ،گەپ تالىشىشى يەنىلا ئاقىلانىلىك بولىدۇ. توردا بىرقانچەيلەن  مۇنازىرە قىلىشىپ گەپ تالىشىۋاتقاندا نۇرغۇن ئادەملار بۇ جەرياننى سىرىتتىن كۈرۈپ تۇرىدۇ ، ھەرخىل پىكىرلەرنى ئاڭلاپ ئىدىيە توغۇرلىنىدۇ . توغرا بولغان كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىپمۇ قالىدۇ.

    مەن بەزى مۇنبەرلەدىن مۇنازىرىلەنى قىزىقىپ كۈرىمەن ، مۇنازىرە جەريانىدا نۇرغۇن تورداشلانىڭ ئىدىيىسى ئاشكارلىنىدۇ ، بىلىمى ئاشكارلىنىدۇ ،بۇنى ياندىن كۈرۈپ مېڭىۋاتقانلارمۇ بىر نەرسىلەرنى بىلىپ ماڭىدۇ ، بەزى تورداشلار باشقىلارنى ھاقارەتلىگەن ئىنكاسلارنى يېزىپ چولتىلىغىنى ئاشكارە قىلىدۇ ،مۇنازىرىنىڭ ئاخىرىدا مەلۇم پىكىر ،كۆزقاراشلار ئادەمنىڭ كالىسىغا ئورنايدۇ .

    مۇنبەرلەردىكى تازا قىزىغان تېمىلاردىكى، مۇنازىرىگە قارىسا گوروھۋازلىقتەك ،ئىناقسىزلىقتەك تەسىر بېرىدۇ ئەمما ھەقىقى چۈشىنىپ كۆرسە بۇ ناھايىتى ياخشى بىر بىلىم ئېلىش سورۇنى . بۇيەردە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسىنى سىرىتتىن بىلىپ تۇرىدىغان گەپ ، بىزنىڭ رىيانلىقىمىزدا بىرنەچچە ئادەمنىڭ گەپ تالىشىشىدىن ئۇرۇشتىن باشقا ياخشىراق نەتىجە چىقمايدۇ .چۈنكى قىزىققان ئادملەر كۆپ.

    ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى  بەزى ئۇزۇن داۋاملاشقان مۇنازىرىلەر ئادەمنى كىنودىنمۇ بەكىرەك جەلىپ قىلىدۇ .