• 3/30/2011

    ئوت تۈلكە 4.0 ھازىرغىچە41 مىليون قېتىم چۈشۈرۈلدى - [ئۇنۋىرسال بىلىملەر سالونى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/113097154.html

     


    Cnbeta تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرى
    ، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوت تۈلكە 4.0 (firefox 4.0) تور كۆرگۈ ئابونتلىرىنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، پەقەت ياۋروپا رايونىدىلا چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 16 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ تور كۆرگۈ ئېلان قىلىنىپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئومۇمىي چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 41 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوت تۈلكە 4.0 نىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى %3.64 كە يەتكەن. ئەمما مىكروسوفتنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان تور كۆرگۈچىنىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى بۇنىڭدىن كۆپ ئاز بولۇپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى ئاران %1.79 ئىكەن.
    Mozilla مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى Windows، Mac OS X ۋە Linux قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسى سۇپىلىرىنى قوللايدىغان ئوت تۈلكە تور كۆرگۈچىنىڭ يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلغانىدى. ئوت تۈلكە 4.0 نىڭ يېڭى نەشرى ئىلغارلاشتۇرۇلغان ئالاھىدە ئىقتىدار JavaScript ماتورىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ، قوزغىلىشى ۋە بەت يۈزىنىڭ سەپلىنىشى ئالاھىدە تېز ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭغا Firefox Sync ماس قەدەم ئىقتىدارىمۇ قوشۇلغان.
    ئوت تۈلكە 4.0 ئېلان قىلىنىپ ئالدىنقى تۆت سائەت ئىچىدىكى چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 3 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن. ئەمما IE9 ئېلان قىلىنىپ بىر سوتكا بولغان ۋاقىتتا ئاران 2 مىليون 350 مىڭغا قېتىم چۈشۈرۈلگەن.
    ئەڭ يېڭى ستاتىستىكا نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە تور كۆرگۈ بازىرىدا مىكروسوفتنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى %57، ئوت تۈلكىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى %22، گۇگېلنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى %11 ئىكەن.

    manba: nur.cn