• 2/28/2011

    توردا پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇلى - [ئۇنۋىرسال بىلىملەر سالونى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/107124836.html

    توردا پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇلى
    (مەنبە كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى توربىكىتى )

    Google AdSense is a free program that empowers online publishers to earn revenue by displaying relevant ads on a wide variety of online content, including

    ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، Adsense ئارقىلىق پۇل تېپىشتا كۆپچىلىك ھەممەيلەن چۇقۇم تور بىكەت بۇلۇش كىرەكلىكىنى ھىس قىلىشتى.

    . كۆپچىل تورداشلار پۇل تېپىش ئۈچۈن Adsense تا پۇل تېپىش ئۈچۈن ئادسىنىس ھىساباتى تەلەپ قىلىپ بىلوگ ۋە بىكەتلىرىگە قويماقتا. ئەپسۇسكى، مەزمۇن ۋە ماتىرياللار كەمچىللىكى تۈپەيلى بىكەتلىرىگە كىرىدىغان ئادەم سانى ئاز، زىيارەت مىقدارى تۈۋەن بۇلغاچقا بىر نەچچە يىلدىمۇ 100دوللارغا يەتكۈزۈشكە كۈزى يەتمەيدۇ./
     
    يەنە بىر قىسىم تورداشلار بار، تور بىكىتى بار، ئۈزىدە بىر نەچچە گوگىل ھىساباتى بار بۇلۇپ، بىر كۈندە 10 دوللاردىن 50 دوللارغىچە كىرىم قىلالايدۇ. بىكىتىگە كىرىپ زىيارەت قىلىدىغانلار 5000 IP ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بۇلۇپ، ئادسىنىس ۋە ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇل تېپىشتا ئىھتىياچان  بۇلۇش ، گوگىل ھىساباتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە  بۇلار چۇقۇم شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كرەككى، بىر ئايدا گوگىل ئادسىنىس تىن كىرىم قىلغان  دوللىرى 300 دوللاردىن كۆپ بولسا ھىساباتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ خىلدىكى زىيارەت مىقدارى كۆپ تور بىكەتلەر ئاساسەن ناخشا-مۇزىكا ۋە كىنۇ بىكەتلىرى بۇلۇپ،  گوگىل ئادسىنىس نىڭ كىلىشىمنامىسىدە  بۇ خىلدىكى نەشىر ھۇقۇقىغا تاقىلىدىغان مەزمۇنلار بار بىكەتلەردە ئادسىنىس نى ئىشىلتىش ۋە پۇل تېپىش قاتتىق چەكلەنگەن. بايقىلىپ قالسلا ھىسابات تاقىلىدۇ. دىمەك، ناخشا  مۇزىكا ۋە كىنۇ بىكەتلىرى ھەر ئايلىق كىرىمىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 دوللار بولمىغاندا 150 دوللار ئەتراپىدا كونتۇرۇل قىلىپ ، ھەرئايلىق كىرىمنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن بىر نەچچە كۈن كۈچەپ 30-چىسلادىن بۇرۇن 100دوللاردىن ئاشۇرۇپلا تاشلاپ قۇيۇپ، يەنە باشقا ھىسابات قۇيۇپ ماڭدۇرسا بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە بىر IP ۋە شۇنىڭ دائىرسى ئىچىدە كۆپ ھىساباتقا كىرىشكە قەتئىي بولمايدۇ.بولمىسا 关联  ھىسابلىنىپ  ھەممە ھىسابات بىرلىكتە توختىتىۋېتىلىدۇ. چۈنكى ئادسىنىس كىلىشىمنامىسىدە بىر ئادەم مەڭگۈ بىر ھىسابات ئىشىلتىش، توختىتىۋېتىلسە 2-قېتىم يەنە داۋاملىق ئىلتىماس قلىپ ئىشىلتىش قەتئىي چەكلەنگەن.

     بۇ خىلدىكى كۆپ كىرىم قىلىدىغان تور بىكەتلەر بىكەتلىرىدە Adsense ئېلان ئورنىنى ئىجارە بەرسە بۇلىدۇ. يەنى، كۈندە 5 دوللاردىن ئارتۇق كىرىم بۇلىدىغان ئېلان ئورنىنى ياكى پۈتكۈل ئېلان ئورنىنى 100 دوللار توشقىچە ياكى خېرىدارنىڭ تەلىۋى بۇيىچە  بەلگىلەنگەن پۇل سوممىسىغا يەتكۈزۈش شەرتى بىلەن ئېلان ئۇرۇنلىرىنى ئىجارە بەرسە تور بىكەت قۇرغۇچىلىرى ئۈچۈن بۇمۇ بىخەتەر ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىلدىكى ھەمكارلىقتا 1 دوللارنى 10 دوللارنى 20يۈەندىن 40يۈەنگىچە  ھىسابلاپ، ئېلان ئورنىنى ئىجارە بەرسە مۇۋاپىق.-

    تور بىكەتلىرىدە زىيارەت مىقدارى يوق تورداشلار يۇقارقى مىسالغا ئوخشاش، زىيارەت مىقدارى ياخشى تور بىكەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ،( ئاشۇلار قۇشۇلغان ئاساستا) ئېلان ئورنىنى ئىجارە ئىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشسە بۇلىدۇ. خەنزۇلاردا بۇ خىلدىكى ئىشلار ئاز ئەمەس. زىيارەت مىقدارىى ياخشى تور بىكەتلەر ئايدا ئادسىنىس تىن كىرىم قىلىدىغان پۇلدىن ۋاز كىچىپ، ئېلان ئورنىنى سىرىتقا قارىتا ئىجارە بىرىش شەكلى بىلەن بىخەتەر بولغان پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلار ئاز ئەمەس.

    كۆپچىلىك بۇ تېمىنى ئۇقۇپ قويسا بۇلىدۇ. ئەمما چۇقۇم قوللىنىڭ ياكى شۇ بۇيىچە قىلىڭ دەپ تەۋسىيە قىلمايمىز. چۈنكى بۇ خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىق كىلىشىمنامىگە خىلاپ.  كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ( يەنى ھىساباتى توختاپ كەتسە)  ئاقىۋىتىگە بىز مەسئۇل بولمايمىز ئەلۋەتتە.
     
    (تەھرىر:چاقماق)