بۇ جاڭشى ئۆلكىسى شىنيۈ شەھىرى كۆكتات تەتقىقات ئورنى يېتىشتۈرگەن سورت بولۇپ ، بۇنىڭ تۈپى پېلەك تارتىپ ئۆسىدۇ . پېلەك ئۇزۇنلۇقى 2.8~3.2 مېتىر ، يان شاخلىرى تەرەققىي قىلغان ، ئاساسىي پېلەكنىڭ 5-،6-بوغۇمىدىن دەسلەپكى گۈل رېتى شەكىللىنىدۇ . ھەربىرگۈل رېتىدە 4~8 تال چېچەك بولىدۇ . يۇمران مېۋە ئۇزۇنلۇقى 40~50 سانتىمېتىر ، دىئامېتىرى 0.9~11 سانتىمېتىر ، يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 17~19 گرام ، مېۋىسى سۇس يېشىل ، توم-ئىنچىكلىكى تەكشى ، پوستى پارقىراق ، ئېتى يۇمران ، تەمى تاتلىق بولۇپ ، ئاسان قېرىمايدۇ ، سۈپىتى ياخشى . ھەربىر مېۋىسىدە 15~18 تال ئۇرۇق بولىدۇ . ئۇرۇقى بۆرەكسىمان بولۇپ پىشقاندىن كېيىن جىگەر رەڭدە بولىدۇ . تېرىلىپ دەسلەپكى ھوسۇل يىغىۋېلىنغىچە 70 كۈن كېتىدۇ ، ياز ، كۈز پەسلىدە 45~50 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ ، دەسلەپلىكى ھوسۇل «جېجاڭ 18-2» غا قارىغاندا 5~7 كۈن كېچىكىدۇ . لېكىن ھوسۇل يىغىش ۋاقتى 20 كۈن ئەتراپىدا سوزۇلىدۇ . مو بېشى بىرلىك مەھسۇلاتى 2000~3000 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ ، سورتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ، قۇرغاقچىلىققا چىداملىقلىقى ، يوپۇرماق داغ كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك .
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>