بۇ جېجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى باغۋەنچىلىك تەتقىقات ئورنىدىن كىرگۈزۈلگەن چىلگە سورت بولۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلمەكتە . بۇ سورتنىڭ تۈپى پېلەكسىمان بولۇپ ، پېلەك ئۇزۇنلۇقى 2.5~3 مېتىر بولىدۇ . ئۆسۈش ھالىتى ياخشى ، شاخلىنىشى ئاجىز بولۇپ ، ئاساسىي پېلەكنىڭ 4-،5-بوغۇمىدىن باشلاپ 1-گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ . 7-بوغۇمىنىڭ ئۈستىن باشلاپ 1-گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ . 7-بوغۇمىنىڭ ئۈستىدىن باشلاپ 1-گۈل رېتى بولىدۇ . چېچىكى سۆسۈن رەڭلىك ، يۇمران مېۋىسى سۇس يېشىل ، ئۇزۇنلۇقى 60~75 سانتىمېتىر ، دىئامېتىرى 0.8~1 سانتىمېتىر ، يەككە مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى 20~30 گرام ، ئېتى يۇمشاق ، قېلىن ، تالاسى ئاز ، ئاسان قېرىمايدۇ ، سۈپىتى ياخشى بولىدۇ . ھەربىر مېۋىسىدە 18~22 تال ئۇرۇق بولىدۇ . ئۇرۇقى بۆرەكسىمان ، چىلگە سورت بولۇپ ، تېرىشتىن باشلاپ ، يىغىۋالغۇچە 70~110 كۈن كېتىدۇ . بىرلىك مو بېشى مەھسۇلاتى 1800~2000 كىلوگرامغا يېتىدۇ . كۈن نۇرىغا سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك ئەمەس ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك . يۇقىرى تېمپېراتۇرا ، قۇرغاقچىلىققا ، كېسەللىككە چىداملىق كېلىدۇ . بۇ سورت مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئەتىياز ، ياز پەسىللىرىدە تېرىلىدۇ .
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
ئۈزۈم سورتىدىن –شاباجېنجۇ (杀吧珍珠)
تەرخەمەك يېڭى سورتى -جۇڭنۇڭ 15-نومۇر
قارا چوڭ پىدىگەن
شىلەن گۈلى يېڭى سورتى -گېفۇ شىلەن گۈلى
تاتلىقياڭيۇ يېڭى سورتى
ۋاۋاسەي يېڭى سورتى -تەيتەي سەي
ئانگۇس كالىسى
تاۋۇز ئۇلاق ئاستى سورتلىرى جۇڭكاڭ1-نومۇرلۇق تەرخەمەكسىمان كاۋا
«شىنجاڭ كۆممىقونىقى-2»
«كۆممىقوناق شالغۇت سورتىDK683»
