چاي تەشنالىقنى قاندۇرۇش، كۆڭۈلنى ئېچىش، تاماق سىڭدۈرۈش، بەدەندىكى ئارتۇق ماي ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاش رولىغا ئىگە. لېكىن چاي ئىچىش ئىلمىي بولمىسا، ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. بەك قېنىق دەملەنگەن چاي ياكى ھەددىدىن كۆپ ئىچىلگەن ئەتكەن چاي بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ غەرىپ تىبابىتى دورىلىرىنى چاي بىلەن ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى قېنىق چاي دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ. تاماق يەۋېتىپ قېنىق چاي ئىچكەندە، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، ھەزىم قىلىشقا تەسېر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئىلمىي چاي ئىچىشكە ئادەتلىنىش كېرەك.
خەلقىمىز ئەتكەن چاينى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ، كەيپىياتىنى ياخشىلايدۇ. لېكىن جاھاندىكى شەيئىلەرنىڭ ياخشى- يامان تەرىپى بولغىنىدەك، ئەتكەن چاينىڭمۇ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى بار. مەسىلەن: كالا سۈتى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ياغ بار، قارا چاينىڭ كۆز قىل قان تومۇرلىرىنى قورۇش، تورلاشتۇرۇش ئەكىس تەسىرى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مەزگىل ئەتكەن چاي ئىچكەندە، كۆز ۋە بۆرەككە زىيان يېتىدۇ. بەزى كىشىلەر شۇنداق ئادەتلەنگەنكى، ئۇلار ياغلىق ۋە گۆشلۈك تاماقلار بىلەن ئەتكەن چاي ئىچىدۇ. نەتىجىدە ئەتكەن چاي تەركىبىدىكى ياغ، تۇز ۋە تاماق تەركىبىدىكى ياغ ئۆز-ئارا بىرلىشىپ، بەدەن ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىدۇ-دە، جىگەرنى ياغ قاپلاش، يوقىرى قان بېسىم، باش قېيىش، باش ئاغرىش، ئۇخلىيالماسلىق، كەيپىيات ناچارلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەتكەن چاينى ئەتىگەندە نان چىلاپ ئىچىش ئەڭ مۇۋاپىق.
ھازىر بەزى كىشىلەر سىنچاي، دورا چاي، ئەتكەن چاينى قانچە كۆپ ئىچسە، شۇنچە ياخشى، دەپ قارايدۇ. بۇ ئىلمىي ئاساسى بولمىغان قاراش. چۈنكى، چاينى سۇسراق دەملەپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە، تاماق سىڭدۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. لېكىن بەك قېنىق ئىچسە، بەدەنگە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ۋە قوشۇمچە ماددىلارنى يىغىپ، بەدەننىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھەرقانداق ئىش چەكتىن ئېشىپ كەتسە ئەكىس تەسىر بېرىپ قويىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
ئەتكەن چاينى ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەندە نان بىلەن ئىچىش كېرەك. ئۇنى قەنت-كېزەك، ياغلىق يىمەكلىكلەر بىلەن ئىستىمال قىلغاندا، يوقىرقى كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ بالىلار ئەتكەن چاينى ئاز ئىچىپ، ساپ سۈتنى كۆپرەك ئىچكىنى ياخشى.
كەچتە سۇيۇق-سەلەڭ تاماق يەپ يېرىم سائەت كېيىن سۇس دەملەنگەن چاي ياكى سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىپ بەرسە، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرىدۇ.
مىجەزى ئىسسىق، بەدەن قۇۋۋىتى ئېشىپ سەمىرىپ كەتكەن كىشىلەر ئەتكەن چاي ئىچمەسلىكى، سۇس چاي ئىچىش بىلەن بىرگە سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك. ئارتۇقچە ئىسسىقلىق بەدىنى ئاجىز، سوغوق مىجەز كىشىلەرگە پايدىلىق بولغىنى بىلەن ئىسسىق مىجەز كىشىلەردە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا كىشىلەر مىجەزىنى توغرا ئىگىلەپ تەبىئىتىگە نىمىنىڭ ماس كېلىدىغان ياكى ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنىشى كېرەك. بولۇپمۇ ياشانغانلار قېنىق چاي ئىچكەندە، سوزۇلما كېسەللەرنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، ئۇلاردا ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئىشتىھاسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ.