• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    ھەسەل - مېڭە، مېڭى ئاستى بېزى، بۆرەك ئۈستى بېزى قاتارلىقلارنى غىدىقلاپ، توقۇلمىلارنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى ۋە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، تەننى جانلاندۇرىدۇ. ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئاچ قۇرساق ۋاقىتتا 250 مىللىگىرامدىن 300 مىللىگىرام ئەتىراپىدا ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ .zVzئاقيول تور بىكىتى

    *كۈنجۈت- كۈنجۈت تەركىبىدە قېرىشقا قارشى تۇرغۇچى تەركىب ۋېتامىن E مول بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىدۇ. دائىم ئىستېمال قىلىنسا، ھۈجەيرىدىكى قېرىتقۇچى ماددا يەنى ئەركىن رادىكاللارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى توسۇپ ياكى ئازايتىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: كۈنجۈتنى قورۇپ، سوقۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن تاماقتىن ئىلگىرى مۇۋاپىق مىقتاردا ئاق شېكەر قوشۇپ، 20 گىرامدىن  30 سېلسىيە گرادۇس گىرامغىچە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئەمما ئۇنى ھىم قاچىدا ساقلاش لازىم.zVzئاقيول تور بىكىتى

    *ئۇستىخان شورپىسى -ھەر خىل ھايۋاناتلارنىڭ ئۇستىخانلىرىدا مول يېپىشقاق ئاقسىل ۋە كوللاگېن ئاقسىل بولۇپ، مۇۋاپىق مىقتاردا ئۇستىخان شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە بەدەننىڭ مۇشۇ ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بۇ خىل ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆشى شىلىۋىلىنغان ئۇستىخاننى چاناپ پارچىلاپ، قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن ئۇستىخاننى سۈزىۋېلىپ ئىستېمال قىلىنسا ياكى مۇۋاپىق مىقتاردا كۆكتات، چۆپ قاتارلىقلارنى سېلىپ، سۈيۇق -سەلەڭ تائاملار سۈپىتىدە ئىستېمال قلىنسىمۇ بولىدۇ.zVzئاقيول تور بىكىتى

    *يادرو كېسلاتا تولۇقلاش - قېرىشنىڭ سەۋەبى يادرو كېسلاتانىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن بەدەندىكى ھۈجەيرە رەڭلەندۈرگۈچى ماددىنىڭ سۈپەت ئۆزگۈرىشىدىن كىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت بولۇپ، يادرو كىسلاتانى يېمەكلىكلەردىن تولۇقلاشقا بولىدۇ. ئادەتتە ھايۋانات جىگىرى، كالا گۆشى، ماش، يېسى پۇرچاق، دادۇر، جاڭدۇ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە يادرو كېسلاتاسى مول بولىدۇ.zVzئاقيول تور بىكىتى

    *ھەر خىل گۈل - گىياھلار- نۇرغۇن گۈل چاڭلىرىدا ئادەم تېنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە بىر خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىئولوگىيىلىك ئاكتىپ تەن بولۇپ، يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھۈجەيرىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىدۇ.zVzئاقيول تور بىكىتى

    *قارا مور -قارا مور تەركىبىدە قاننىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىغا قارشى تۇرغۇچى تەركىب بولۇپ، يۈرەك قان- تۇمۇر كېسەللىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.zVzئاقيول تور بىكىتى

    *تۇرۇپ، سەۋزە -تەركىبىدە لىگنىن بولۇپ، زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇپ، راڭ ھۈجەيرىلىرىنى يۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.zVzئاقيول تور بىكىتى

    *ۋېتامىنلار -ۋېتامىن A تېرىنى ئاسىراپ، كۆرۈش قۇۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. جىگەر، تۇخۇم سېرىقى، سەۋزە، سارغۇچ يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىنِ A مول. B تۈردىكى ۋېتامىنلار ئورگانىزىمدىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، ئارتېررىيىنىڭ قېتىشىشى، مۇڭگۈز پەردە ياللۇغى، تېرە ياللۇقى، ۋە قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. B تۈردىكى ۋېتامىنلارنى گۆش، غول يۇپۇرماق تۈرىدىكى كۆكتاتلار، جىگەر، سۈت قاتارلىقلاردىن قۇبۇل قىلىمىز. ۋېتامىنC ئورگانىزىمنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنى ھەر خىل كۆكتات ۋە مىۋە - چىۋىلەردىن قۇبۇل قىلىمىز. ۋېتامىن D سۈڭەكتىكى كالتسىي ۋە فوسفورلارنىڭ توپلىنىشى ۋە سۈمۈرلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك شالاڭلىشىپ كېتىش ۋە سۆڭەك يۇمشاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنى بېلىق مېيى، تۇخۇم، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ.zVzئاقيول تور بىكىتى

    * سۇ -سۇ ئورگانىزىمنى تۈزگۈچى مۇھىم تەركىب بولۇپ، بىز ئىستېمال قىلغان قەنت، ۋېتامىن، ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار ئالدى بىلەن سۇدا ئېرىپ، ئاندىن سۈمۈرىلىدۇ. مېتابولىزىمنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتى بولغان قالدۇق ماددىلارمۇ سۇدا ئېرىگەندىن كېيىن بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولسا ناھايىتى ئاسانلا تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، قېرىشى، ئېلاستىكلىقىنىڭ يوقۇلىشى، قورۇقلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.zVzئاقيول تور بىكىتى

    *چېچەكسەي - چېچەكسەي قېرىشقا قارشى تۇرۇپ ئۆمۈرنى ئۇزارتقۇچى ھەم تەمى ئېسىل بولغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. چېچەكسەينىڭ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. نېرۋىسى بەكلا چارچاپ كەتكەن كىشىلەر مۇۋاپىق مىقتاردا چېچەكسەي ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. چېچەك سەينىڭ قاندىكى خولېستېرىننى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش رولىمۇ بار.zVzئاقيول تور بىكىتى

    *ياڭاق - ياڭاق دۇنيادىكى تۆت چوڭ قۇرۇق يڭمەكلىكنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش رولى بار. كۆپىنچە مېڭىنى قۇۋەتلەش ۋە ساغلاملاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ مېڭە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ماينىڭ يېرىمى دېگۈدەك بەدەندە نىتىزلەنمەيدىغان بولغاچقا، بۇ بوشلۇقنى ياڭاق ئارقىلىق تولدۇرۇپ بىۋاستە تەمىنلەپ بەرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېنى ئاجىز كىشىلەر ۋە چوڭلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ياڭاق ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تولۇقلۇغىچى، قۇۋەت تولۇقلۇغىچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياڭاق تەركىبىدە مېكرو ئېلېمىنتلاردىن سىنىك، مانگان، خروم، قاتارلىقلار بولۇپ، يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسىراش، ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەش، كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ھەم ئىچكى ئەزا ھۈجەيلىرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولى بار.zVzئاقيول تور بىكىتى

    قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنداق بىرقانچە يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىشتىن ئامال بار ساقلىنىش لازىم:zVzئاقيول تور بىكىتى

    1 - ماينى بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق، كالا، قوي مېيىنى ئاز ئىستېمال قىلىش؛zVzئاقيول تور بىكىتى

    2 .پىرئوكسىدلىق ماددىلارنى قۇبۇل قىلىشتىن ساقلىنىش. ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالغان ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەر، بېلىق، ئۇزۇن ۋاقىت ساقلانغان مۇزلىتىلغان يېمەكلىك قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلماسلىق، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ياكى مايدا پىشۇرۇلغان، ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالغان كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلماسلىق، ئۇزۇن ۋاقىت كۈن نۇرىغا قاقلىنىپ تۇرۇپ قالغان مايلىق يىمەكلىكلەردىن خاسىڭ قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. چۈنكى يۇقىرقى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدىلا بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئوكسىدلانغان ماي ماددىلار بولۇپ، بۇلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.zVzئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ساغلاملىق بىلىملىرى
    • دورا يېگەن ياخشىمۇ ياكى ئوكۇل سالغان ياخشىمۇ؟
    • دورا يېگەن ياخشىمۇ ياكى ئوكۇل سالغان ياخشىمۇ؟
    • ‍‍كېسەل بولغاندا ئوكۇل قويدۇرۇش كېرەكمۇ ياكى دورا يېيىش كېرەكمۇ؟ بۇ كېسەلنىڭ ئەھۋالى ۋە دورىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. دورا يېيىش ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان، ئاسان، بىخەتەر، ئىشەنچىلىك ئۇسۇل بولۇپ، ئادەتتە قوشۇم