ئەينۇلا-ئۆرۈك ئائىلىسىگە تەۋە ياغاچ غوللۇق دەرەخ بولۇپ ، ئۆرۈك ، قارا ئۆرۈك دەرەخلىرىگە ئۇلاپ ئۆستۈرۈلىدۇ. مېۋىسى كۆك رەڭلىك بولۇپ، پىشقانسىرى قارا سۆسۈن رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. مېۋىسىنىڭ تەمى چۈچۈمەل بولۇپ ، ئۇنى ھۆل پىتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ ، قۇرۇتۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ . كۆپىنچە قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ ياكى مۇراببا قىلىپ پىششىق دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئەينۇلانىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولۇپ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە سەپرادىن بولغان تەپ، ھەزىم قىلىش بۇزۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. ئەينۇلىنىڭ قۇرۇتۇلغان قېقىنى قايناقسۇغا چىلاپ ياكى قاينىتىپ، تىرەنجىۋىل، ھەسەل ياكى قەنت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە قەۋزىيەتكە شىپا بولىدۇ.
ئەينۇلادا مۇراببا ياساپ مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە كىچىك تەرەت يولىدىكى تاشنى ئېرىتىدۇ ، كۆز تورلىشىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ.
ئەينۇلىنىڭ يوپۇرماق ۋە يىلتىزىنى قاينىتىپ ئېغىزنى چايقىسا، ئېغىز، تىلدىكى ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ ، چىش مىلىكلىرىنى چېڭىتىدۇ . ئۇنى ئىچىپ بەرسە ئۈچەيدىكى قۇرۇتلارنى چۈشۈرىدۇ . ئەينۇلىنى يەرلىك شوخلا، شاتۇت بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئاۋاز بوغۇلۇش، گال ئىششىقى، سىل كېسەللىكى ۋە ھەر خىل ياللۇغلىنىشقا شىپا بولىدۇ. ئەينۇلىنى قارا ھېلىلە بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا باش قىچىشىش، كۆز تورلىشىش، چاچ ساقال ۋاقىتسىز ئاقىرىپ كېتىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
دورا يېگەن ياخشىمۇ ياكى ئوكۇل سالغان ياخشىمۇ؟
كولا تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك كېرەك
مەزى بېزىنى ئاسراش رېتسېپى
تۈرلۈك دورىلارنى ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك
ماگىنىي ماددىسى تولۇقلاش
يود ماددىسى تولۇقلاش
تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش
ئاقسىل تولۇقلاش
سېمىزلەرنىڭ بۆرىكىدىن ئەڭ ئاۋال چاتاق چىقىدۇ.
تۇز ۋە سالامەتلىك
دورا يېگەن ياخشىمۇ ياكى ئوكۇل سالغان ياخشىمۇ؟
تاماقلارغا ئاز تولا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش توغرىمۇ؟
زەھەرلىك چىكىملىك
ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار ھاراق ئىچسە تاماكا چەكسە بولامدۇ
ئەيدىز دېگەن نېمە؟
پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇمىلىنىش دىگەن نىمە
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھاملىدار بولسا بولامدۇ
ئەر ئايال ھەر ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇىسدىن يۇقۇملانغان بولسا, ئۇلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ
زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ قانداق تۈرلىرى بار؟
زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇنداقمۇ مۇناسىۋىتى بار
