
12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇتبول تۈرىنىڭ 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى 10-سېنتەبىر شىنياڭدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جېجياڭ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن رىقابەتلىشىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 0 دە 1 نەتىجە بىلەن جېجياڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرى مۇسابىقىسىغا جەمئىي 6 ئالتۇن مېدال تەسىس قىلىنغان بولۇپ، چېمپىيون بولغان كوماندا ئۈچ ئالتۇن مېدالغا، ئىككىنچى بولغان كوماندا ئىككى ئالتۇن مېدالغا، ئۈچىنچى بولغان كوماندا بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جېجياڭ كوماندىسى ئوخشاشلا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە رەقىبى بىلەن تەڭلىشىپ، نۇقتا توپ جېڭىدە ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گەرچە چېمپبيون بولۇشقا مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشسە، مۇسابىقىنىڭ قائىدىسى بويىچە بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەتتى، شۇڭا ئىككىلا كوماندا بۇ قىممەتلىك مېدال ئۈچۈن قاتتىق كۈچىدى.
ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا ئىككى كوماندا ئۆز-ئارا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 6-نومۇرلۇق ماھىرى ئەسئەتجاننىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولغان بولۇپ، قارشى تەرەپكە توختىماي تەھدىت ئېلىپ كەلدى. گەرچە ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىگە كۆپ قېتىم تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق توپ كىرگۈزەلمىدى، نەتىجىدە ئىككى كوماندا ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 0 دە 0 بولۇپ تەڭلىشىپ قالدى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا، جېجياڭ كوماندىسى ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قالقاندەك مۇداپىئەسى ئاستىدا توپ كىرگۈزەلمىدى، بولۇپمۇ شىنجاڭ كوماندىسنىڭ ۋاراتارى ئېرجېتنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولدى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 86 مېنۇت بولغاندا جېجياڭ كوماندىسى بۇلۇڭ توپ باشلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كرگۈزۈپ بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، شىنجاڭ كوماندىسى ئارقىدىنلا بىر توپ كىرگۈزۈۋالغان بولسىمۇ بىراق ئوفسايت بولغانلىقى ئۈچۈن ھېساب قىلىنمىدى. نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن جېجياڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىنىڭ پۇتبول تۈرى بويىچە 4- بولدى.
شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
2014-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا ئايرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
ۋېن جىياباۋ بىلەن سابىق ۋاسكېتبول ماھىرىلىرى «تىركىشىپ» قالدى
خان مادرىد ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى مەيدان غەلبىسىگە ئېرىشتى
12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە شىنجاڭ كوماندىسى 4-لىكنى قولغا كەلتۈ
بايرىن كۇلۇبى مانچىستىر شەھەر كۇلۇبى ئۇتۇپ يەنە چېمپىيون بولدى
ئاپتونوم رايونلۇق ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۇرپان كوماندىسى بىلە
شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىئىيتى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى
لىۋۇرپۇل كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتى
ACمىلان كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى
پۇتبول دۇنياسىدىكى بۇ داڭلىق چولپانلار نەگە كەتتى؟
شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
ئۇيغۇرلار پۇتبۇل تارىخى
ئۇيغۇر توپچىلىرىمىز دۆلەت كوماندسىغا تاللاندى
شىرئەلىجاننىڭ چولپانلار ھەپتىلىگىگە قاتنىشىشدىن ئۈمۈت بار
پۇتبول ماھىرى بارى بىلەن سۆھبەت
قازاقىستان يېنىك ئاتلىتكىسىنىڭ ئۇيغۇر چىمپىيونى
2014-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا ئايرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
بوكس گېگانت شاھى تايسېن ھەققىدە ئىككى كەلىمە
باسېل كۇلۇبىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى-مۇھەممەد سالىھ