تېڭشۈن تەنتەربىيەسى 30-دېكابىر خەۋىرى، نۆۋەتتە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ھەر قايسى كوماندىلار يىڭى پەسىللىك مۇسابىقىگە جىددى تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبىدا توپ تىپىۋاتقان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى مىرئەخمەتجان ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كۇلۇپ بىلەن قايتا توختام ئۇزارتماي ئەركىن توپچى سالاھيىتى بىلەن لۇنىڭ كوماندىسىدىن ئايرىلغان ئىدى، نۆۋەتتە مىرئەخمەتجاننىڭ خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىغا يۆتكىلىش ئىشى ئاساسەن مۇقىملاشقان. ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئەرباپنىڭ بىلدۈرشىچە، ھەممە ئىشلار نورمال بولسا خېنەن تەرەپ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە مىرئەخمەتجاننىڭ كۇلۇپقا رەسمىي قوشۇلغانلىغىنى ئېلان قىلىدىكەن.
بۇ قېتىم ئۇ لۇنىڭ تەرەپ بىلەن قايتا توختام ئۇزاتمىغاندىن كىيىن، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى بىر قانچە كۇلۇپ ئۇنىڭغا تەكلىپ ئەۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق مىرئەخمەتجان ئاخىرىدا يەنىلا خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىنى تاللىغان، مىر ئەخمەتجان2010-يىلى خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىدا بىر پەسىل توپ ئوينىغان بولۇپ، شۇ چاغدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا بىر قانچە قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان، بىراق 2011-يىلى ئۇ لۇنىڭ كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىزچىل زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بەك كۆپ بولمىغان ئىدى، ئۇ سوغۇق ئورۇندۇقتا بەك كۆپ ئولتۇرۇپ كەتكەچكە لۇنىڭدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان.
تېڭشۈن تەنتەربىيسنىڭ مۇخبىرى مىرئەخمەتجان بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ كېيىنكى كوماندىسى ھەققىدە سورىغاندا ئۇ :«بۇ ئىشلارنى ۋاستىچى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ، پەرىزىمچە ناھايىتى تېزلا ئىشلار ئايدىڭلىشىدۇ، مىنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ گەپ قىلىشىم قولايسىز، بەلكىم خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىغا بېرىشىم مۇمكىن» دىدى.
پۇتبول دۇنياسىدىكى بۇ داڭلىق چولپانلار نەگە كەتتى؟
ئۇيغۇر توپچىلىرىمىز دۆلەت كوماندسىغا تاللاندى
شىرئەلىجاننىڭ چولپانلار ھەپتىلىگىگە قاتنىشىشدىن ئۈمۈت بار
پۇتبول ماھىرى بارى بىلەن سۆھبەت
قازاقىستان يېنىك ئاتلىتكىسىنىڭ ئۇيغۇر چىمپىيونى
بوكس گېگانت شاھى تايسېن ھەققىدە ئىككى كەلىمە
باسېل كۇلۇبىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى-مۇھەممەد سالىھ
ئۇيغۇر يىگىتى جۈرئەت دۇنياۋى چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى
ۋاسكتبولچىمىز مۇراتقا سەنشى كوماندىسى كۆز تىكتى
بارىنىڭ توي ۋاقتى بېكىتىلدى
كىرىستىيانو رونالدو خەلقئارالىق ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالاندى
پۇتبول دۇنياسىدىكى بۇ داڭلىق چولپانلار نەگە كەتتى؟
شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
ئۇيغۇرلار پۇتبۇل تارىخى
ئۇيغۇر توپچىلىرىمىز دۆلەت كوماندسىغا تاللاندى
شىرئەلىجاننىڭ چولپانلار ھەپتىلىگىگە قاتنىشىشدىن ئۈمۈت بار
پۇتبول ماھىرى بارى بىلەن سۆھبەت
قازاقىستان يېنىك ئاتلىتكىسىنىڭ ئۇيغۇر چىمپىيونى
2014-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا ئايرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
بوكس گېگانت شاھى تايسېن ھەققىدە ئىككى كەلىمە