بىز ئەمگەكچان ،ئىشچان مىللەت ،بىز پۇتبول سۆيەر مىللەت .بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن "پۇتبول" ئاتالغۇسى يىڭىچە ئاتالغۇ بولغىنى بىلەن ،پۇتبول ئاتلىق بۇ تەنھەركەت تۈرى ھەرگىزمۇ يىڭىلىق ئەمەس ."تۈرۈك قامۇسى"نىڭ 19-توم،384-بىتىدىكى ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر "تەپۈك"دەپ ئاتىلىدىغان ،تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان قوزىنىڭ ئىچىگە يەل كىرگۈزىلىپ ياسىلىدىغان بىر نەرسە(پۇتبول) نى تىپىش ئارقىلىق ئوينايدىغانلىقى،ھەرقايسى قەۋملەر ئۆزئارا قارمۇ-قارشى ئىلىپ بىرىدىغانلىقى ۋە ئويناش جەريانىدا توپنى قارىمۇ-قارشى قەلئەلەرگە كىرگۈزۈدىغانلىقى سۆزلەنگەن(بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ "داۋانۇ لۇغەتىت تۈرك"تىمۇ پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللار بىرىلگەن) .بۇ تارىخى پاكىتلار بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن پۇتبول ھەركىتى بىلەن شۇغۇنلۇنۇپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بىرىدۇ .
بەلكىم ھەممىڭلار ئېكساق ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنگىلىيە كونسۇلىنى ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن يەڭگەنكى بىلىشىڭلار مۇمكىن ،ئۇنداق بولسا يۇرتىمىزغا پۇتبولنى كىم ئەككىرگەن؟ ئەمدى تۆۋەندىكى ھىكايىگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ:1870-يىللىرى ئەنگىلىيەنىڭ مانچېستىر شەھىرىدىكى باغچىلاردا ،مەيدانلاردا توپ تىپىشىپ يۈرگەن ئىشچىلار ئارىسىدا بىر ئۇيغۇر يىگىت بارئىدى .ئۇ ئىنتايىن بەستلىك ،چاققان بولغاچقا ھەممىنىڭ دىقىتىنى قوزغايتى .ئەنگىلىيىلىكلەر ئۇنىڭغا قىزىقىپ "سەن قەيەرلىك؟"دەپ سورىغاندا ئۇ"مەن ئۈستۈنئاتۇشلۇق ،ئۈستۈنئاتۇشنىڭ ئېكساق دىگەن يىرىدىن"دەپ جاۋاپ بىرەتتى .ئەنگىلىيەلىكلەر بولسا بۇيىگىتنىڭ يۇرتىنىڭ ئورنىنى خەرىتىدىن ئىزدەش بىلەن ئاۋارە ئىدى .لىكىن بۇكىچىككىنە جاينىڭ ئۇچاغلاردىكى خەرىتىلەردىن تىپىش مۇمكىنمۇ؟بۇيىگىت ئۈستۈنئاتۇشنىڭ ئېكساق دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان ھاشىم بالىخان دىگەن يىتىم ئوغۇل ئىدى .بۇ ئوغۇل 17-18 يىشىدىلا يوقسۇزلۇق ۋە مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ،چىدامچان ،پىشقان يىگىت ئىدى .شۇۋاقىتلاردا ئۇ زەرىف باي دىگەن كىشىنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ خەلقئارا يۈك پاراخۇتىنىڭ ياردەمچى يۈك تىزىملىغۇچىسى بولدى ۋە ئەنگىلىيە نىڭ مانچېستىر شەھىرىدە بىريىل تۇرۇپ قالدى .كىيىن ئۇ تۈركىيەگە ،سىبىريەنىڭ بىرقىسىم جايلىرىغا ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالمۇتاغا ، رۇسىيەنىڭ شەمەي شەھىرىگە ،كىيىن قازانغا باردى .ئۇچاغلاردا قازان شەرق ۋە غەرب ئوتتۇرسىدىكى مۇھىم ئىقتىسادى تۈگۈن بولۇپلا قالماي ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان گۈللىنىۋاتقان ،غەرب دۇنياسى بىلەن شەرىق دۇنياسىنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزئارا توقۇنىشىدىغان ۋە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان شەھەر ئىدى .رىقابەت تۈسى قويۇق ،قىزقارلىق بۇتەنھەرىكەت تۈرى قازان شەھىرىدىكى مەكتەپلەرگە يىڭىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتقان ئىدى .
ھاشىم بالىخان قازاندىكى بۇ يىڭىلىقنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولدى .بۇيەردىكىلەرگە ئەنگىلىيە ئويناش قائىدىلىرىنى ئۈگەتتى ،ئۇزاققا بارمايلا ئۇ بۇيەردىكى داڭلىق توپچىلاردىن بوپقالدى .شۇ مەزگىللەردە ئۇ ئۆزى بىلەن بىر يۇرتلۇق ،قازانغا سودائىشى بىلەن كەلگەن،مەرىپەتپەرۋەر،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق باي –باھاۋۇدۇن ھاجى بىلەن كۆرۈشتى .ھاشىم بالىخان يۇرتقا قايتقۇسى بارلىقىنى ،يۇرتتىكى بالىلارغا پۇتبولنى ئۈگەتكۈسى بارلىقىنى باھاۋۇدۇن بايغا ئىيتقاندا باھاۋۇدۇنباي كۆزلىرىگە ياش ئالدى .باھاۋۇدۇن بايمۇ يۇرتىدىكى قاراڭغۇ مەدرىسلەرنى ئىسلاھ قىلىش ،يىڭىچە مەكتەپلەرنى قۇرۇش ،تەنتەربىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى سۆزلىدى .....ھاشىم بالىخان يۇرتقا قايتماقچى بولدى ،باھاۋۇدۇنباي ئۇنى يۇرتقا قايتىدىغان كارۋانلار بىلەن بولغا سالىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا ئۈچ توپ ۋە بىر ناسوس يوللۇق تۇتتى .ھاشىم بالىخان يۇرتقا قايتتى ،ئۈچ توپمۇ ساق سالامەت ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلدى .تەۋەككۇلچىلىق روھىغا باي ئېكساق دىھقانلىرى پۇتبولنى ياقتۇرۇپ قىلىشتى .
1880-يىلى ئېكساقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى !ئۇلار دەسلەپتە تۆت ئادەم بىر گورۇپا بولۇپ ئوينايتى .ھاشىم بالىخان ،تاياخۇن ،نامانكام ،خەلەمكام ،نەسپاخۇن ،نۇدۇككام ،نەبىكام قاتارلىقلار ئېكساق پۇتبول چىلىقىنىڭ جۈملىدىن ھازىرقى ئۇيغۇر پۇتبول چىلىقىنىڭ تۇنجى قۇرلىرىنى يازدى .ئۇلار مۇشۇنداق ئىشچان ،تىرىشچان ئىدى .
تىرىشچانلىقى سەۋەبلىك كىچىكىدىن پۇتبول ئويناپ چوڭ بولغان ئەنگىلىيە كونسۇللىرىنى ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن قىرغىن قىلدى .
يەنە بىرقىتىم شىۋىتسىيەنى يەتتىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى .
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرى ئاكا-ئۇكا مۇسۇبايىفلار "ھۆسەيىنىيە"مەكتىپىنى قۇردى ۋە تۇنجى بولۇپ تەنتەربىيە دەرسىنى يولغا قويدى.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىيارىمىزنى قارابۇلۇت قاپلىۋالدى ،جۇدۇن قاپلىدى .شىنجاڭدا ئۈچ قىتىم ھاكىمىيەت ئالماشتى .
1937-يىلى جاللات شىڭشىسەي شىنجاڭدا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈدى ،"ھۆسەيىنىيە"نىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرى كەينى-كەينىدىن تۇتۇلدى ،قىرىپ-چىپىلدى .ئەمما "ھۈسەيىنىيە"توختاپ قالمىدى ،ئېكساقلىقلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقى ئۆچمىدى .
1954-يىلى ئېكساقتا تۇنجى پۇتبول جەمئىيىتى قۇرۇلدى .
مەيلى پۇتبولدا بولسۇن ،مەيلى ئەنئەنە مەدەنىيەتلەردە بولسۇن ۋە مەيلىباشقا جەھەتتى بولسۇن بىز ئۇيغۇر ياشلىرى ،ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئەجداتلار باسقان ئىزلارنى بويلاپ ماڭىمىز .ئەجداتلىرىمىز پۇتبولنى قانداق تەپكەن بولسا بىزمۇ شۇنداق تىپىمىز .ئەجداتلىرىمىز پۇتبولنى قانداق سۆيگەن بولسا بىزمۇ شۇنداق سۆيىمىز .دۈشمەنلەرنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراپ تۇرساقمۇ ھەرگىز بوشاشمايمىز !!!مانابۇ بىزدىكى ئېكساق روھى ،ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەت ئىسىل روھ .بىز ھەرگىز توختاپ قالمايمىز !
[پايدىلانغان ماتىرياللار:"مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر"(خالىدە ئىسرائىل)ۋەباشقا تارىخى ماتىرياللار]
بىزدىكى پۇتبول روھى
بىز توختاپ قالمىدۇق ،مانا قاراڭ! بىزنىڭ ئوتيۈرەك مەستانىلەرگە !ئۇلارنىڭ "ھۇررا!"ساداسىغا قۇلاق سىلىڭ ...نىمىدىگەن ھەيۋەتلىك !بۇ ھالەتنى كۆرگەن بەزىلەر ھەيران قىلىشتى ،ئاغزىنى چوڭ ئىچىپ تۇرۇپ قىلىشتى ،ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردىمۇ بۇنداق كىشىلەر كەپمۇ قويمايدىغانلىقىنى ئەسكە ئىلىشتى .بىز ئەشۇنداق ئەسەببى !بىز ئاشۇنداق پۇتبولنى يۈرىكىمىز بىلەن سۆيىمىز ! پۇتبول ئوينىغان ئوغلانلىرىمىزنى سۆيىمىز !ئۇلارنى دولىمىزغا ،ياق!بىشىمىزغا ئىلىپ كۆتىرىمىز !چىن دىلىمىز بىلەن ئۇلارغا دۇئا قىلىمىز !بىزدىنمۇ چولپانلار چىقىدۇ ،ھازىرقى :مىرئەخمەتجان ،مۇزەپپەر ،بارى مۇھەممەتئىلى ،شاۋكەت يالقۇن ،ئۆتكۈر ،دىلمۇرات ،يەھيا ،ئىلھام ،ئەرپات ،ئابدۇۋەلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى چولپانلار ،ئۇلار تىخىمۇ تىرىشىشى كىرەك ئۇلارمۇ چاقنىشى كىرەك !بىزنىڭ پەخرىمىزگە گوللاندىيە ئاجاكىس كۇلۇبىنىڭ كۆزى چۈشكەندە مىرئەخمەتجان مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بارالمىدى ،بەك ئەپسۇس...ئۇيغۇر پۇتبول چىلىقىنىڭ تەرەققىياتى تىخىمۇ پارلاق "ئۈرۈمچى5-باشلانغۇچ "تىكى پالۋانلار بىزنى ھەقىقەتەن تونۇتۇپ قويدى ،تىخى يىقىندىلا گىرمانىيە بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى ئاتۇشلىق شاكىچىك ئىرپاننى تاللاپ ئەككەتتى !يەنەبىر ئىش ،بىزنىڭ خوتەندىكى ئوتيۈرەك بايلار ۋە پۇتبول مەستانىلىرى بىرلىشىپ خوتەن بىرلەشمىسىنى قۇردى !ھازىر بىرلەشمىنىڭ ئىشلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق كىتىپ بىرىپتۇ(ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن).ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ شىنجاڭ كوماندىسى دۆلەتلىك تەنھەركەت يىغىنىدا4-لىكنى قولغا كەلتۈرۈپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى . يانا ئارقا-ئارقىدىن بىزنى خوشقىلىپ مۇشۇ يىلى شىنجاڭدا بىراقلا ئۈچ كەسپى كوماندا قۇرۇلىدۇ دىگەن خۇشخەۋەرمۇ بارتىخى! مانا مۇشۇنداق قاتار-قاتار نەتىجىلەر ۋە خۇشخەۋەرلەر بىزگە ئۈمۈد ئىلىپ كەلمەكتە .
مەن ھەرقىتىم تار كوچىلاردا چۇرقۇرىشىپ پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆرۈپ بىرخىل سۆيۈنىمەن !پۇتبول ناھايىتى ياخشى بولغان بىرتۈر،ئۇ كىشنىڭ ئەقلىنى ئاچىدۇ ،چاققان ،چەپدەس ،چىدامچان ،قورقماس،كۈچتۈڭگۈرقىلىدۇ .بىزنى ئىتىپاقلىققا ،كۈرۈشكە ئۈندەيدۇ ،بالىلارغا نىمىنىڭ ھەمكارلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ .ھەرقىتىم يىقىلىپ چۈشكەن رەقىبىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ يۆلىگەندە نىمىنىڭ مىھرىبانلىق ،نىمىنىڭ دوستلۇق ئىكەنلىكىنى تونىتىپ قويىدۇ .مانابۇ مەن سۆيگەن پۇتبول!مانابۇ بىز سۆيگەن پۇتبول!
بۇ خەۋەر يەنە بىر خەۋەر تورىدىن ئىلىندى ۋاقىپ بولغايسىلەر!