• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • باسېل كۇلۇبىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى-مۇھەممەد سالىھ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-12-13
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ZAVئاقيول تور بىكىتى

    ZAVئاقيول تور بىكىتى


    كائىنات تەنتەربىيەسى يىقىندىن بىرى «بايقاۋۇل دوكلاتى» سەرلەۋھەلىك مەخسۇس سەھىپە ئاچقان بولۇپ، بۇ سەھىپىدە پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدىكى مۇنەۋۋەر ياش پۇتبول ماھىرلىرى تونۇشتۇرلىدۇ. بۈگۈنكى «بايقاۋۇل دوكلاتى» دا بىر مىسىرلىق ياش پۇتبولچى مۇھەممەد سالىھ بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

    سالىھنىڭ قىسقىچە ئارخىۋى
    ئىسىم-فامىلىسى: مۇھەممەد سالىھ
    يىشى: 21 ياش (1992-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان)
    تۇغۇلغان جايى: مىسىرنىڭ غەربى ئۆلكىسى
    مەيداندىكى ئورنى: يان كىراي
    ھازىر توپ تىپىدىغان كۇلۇبى: باسېل

    بايقاۋۇل دوكلاتى
    مۇھەممەد سالىھ باسېل كۇلۇبىنىڭ يېقىندىن بۇيان چاقناشقا باشلىغان ئۈمىد يۇلتۇزى، نۆۋەتتە ئۇ ياۋرۇپادىكى قىسمەن زەردار كۇلۇپلارنىڭ نىشانىغا ئايلاندى. ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ باسىل چىلسىنى يەڭگەن گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بۇ مىسىرلىق ياش توپچى شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى توپچى بولۇپ باھالاندى.
    سالىھ مىسىر ئا بىرلەشمىسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، 16 ياش چىغىدىلا موكا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مىسىر بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىققان، شۇ چاغدىلا كىشىلەر ئۇنى مىسىر كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇلتىشى دەپ قارىغان ئىدى، دىگەندەك ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ مىسىر دۆلەت كوماندىسىنىڭ دائىملىق ئەزاسىغا ئايلاندى، ھەمدە نۇرغۇنلىغان ياۋروپا كۇلۇپلىرىنىڭ تالىشىش ئوبيىكتىغا ئايلاندى. بىراق سەئىد پورتىدىكى پاجىئەلىك مەستانىلەر توقۇنۇشىدىن كېيىن مىسىر بىرلەشمە مۇسابىقىسى توختىتىپ قويۇلدى. سالىھمۇ بىكار قالدى.
    شۇ مەزگىلدە مىسىر دۆلەت كوماندىسى 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن باسېل كۇلۇبى بىلەن بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينىدى، مۇسابىقىدە يىراق شېۋىتسارىيەدىن كەلگەن باسېل كۇلۇبى سالىھنىڭ ئىپادىسىگە ھەقىقەتەن قول قويدى. كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىققان سالىھ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ 4-3 نەتىجە بىلەن باسېل كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. مۇسابىقىدىن كىيىن باسېل كۇلۇبى سالىھنى سىناق مەشىققە تەكلىپ قىلدى، مىسىردا بىرلەشمە توختىتىلغاچقا قايتىدىغان كوماندىسى قالمىغان سالىھ ئاخىرى باسېل كۇلۇبىنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ باسېل كوماندىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى.
    2012-يىلى يازدا «ئافرىقا ئۈمىد يۇلتۇزى» بولۇپ باھالانغان سالىھ باسېل كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ كىلىپلا مورتو كۇلۇبى بىلەن بولغان چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسنىڭ مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشتى، شۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ تەدرىجى باسېل كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ قالدى، ھەمدە كوماندىنىڭ شېۋىتسارىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىغىنى قولغا كەلتۈرىشىگە تۆھپە قوشتى.
    ئەمەلىيەتتە سالىھ ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە تېخىمۇ ماس كىلىدۇ، ئۇ مەيداندا توختىماستىن يۆتكىلىپ يان تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىشكە ماھىر، ئۇنىڭ سۈرئىتى قارشى تەرەپ بىكلىرى ئۈچۈن زور تەھدىت ھېساپلىنىدۇ. قارىماققا ئۇ ھەر جەھەتتىن يىتىشكەن ئىنگىلانىد يان كىرايىغا ئوخشايدۇ. نۆۋەتتە ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى توتىنھام رېس ۋە لېۋىرپۇل كۇلۇبى ئۇنى يۆتكەپ كىلىش كويىدا يۈرگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر ياۋروپادا ئۆزىنى نامايەن قىلىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزدى، ئۇ 2014-يىلدىكى ياۋروپا يۆتكىلىش بازىرىدىكى نۇقتىلىق تالىشىش ئوبيىكتىغا ئايلىنىدۇ.

    بايقاۋۇلنىڭ باھاسى (تولۇق نومۇر 10 نومۇر)

    قاپقىغا توپ تىپىشى: 8 نومۇر
    پاس بىرىش دەللىكى: 8 نومۇر
    توپ تالىشىشى: 5 نومۇر
    كاللا توپ: 6 نومۇر
    سۈرئىتى: 8 نومۇر
    نەزەر دائىرىسى: 8 نومۇر
    ھازىرقى ئىقتىدارى: 7 نومۇر
    يوشۇرۇن كۈچى: 10 نومۇر
    ئومۇمىي ئىرىشكەن نومۇرى: 60 نومۇر (تولۇق نومۇر 80 نومۇر)
    ھازىرقى قىممىتى: 20 مىليون ياۋرو
    يوشۇرۇن قىممىتى: 60 مىليون ياۋروZAVئاقيول تور بىكىتى
    ZAVئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز