يىڭى پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ داڭدارلارنى تاللاش يىغىنى 31-ئۆكتەبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، بۇندىن بۇرۇن شىنجاڭ كوماندىسى يۆتكىلىش بازىرىغا سالغان، شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن 11 يىل كۈچ قوشقان ماھىرىمىز مۇرات ئادىلجان، ئالدىنقى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدىكى قىرانبەك، سۈن ۋىيبوغا ئوخشاش سەنشى كوماندىسىغا ۋاقىتلىق يۆتكىلىپ، بۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
2-ئۆكتەبر كۈنى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس كوماندىسى كۇلۇبىنىڭ دېرىكتورى خې چاڭجىياڭ ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «CBAنىڭ تۈزىمى بىزنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر ۋاسكتبولچىلارنى كوماندىدا ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىمىزنى بەلگىلىدى. CBAنىڭ ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشىنىڭ كۆپىيىشى بىر تەرەپتىن بىرلەشمىنىڭ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. داڭدارلارنى تاللاش يىغىنىدا مۇراتنىڭ سەنشى كوماندىسى تەرىپىدىن تاللىنىشى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى، ئۇنىڭ سەنشى كوماندىسىدا ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
CBAبىرلەشمىسى ھەرقايسى كوماندىلار ئارىسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2003-، 2004-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ داڭدارلارنى تاللاش يىغىنى تەسىس قىلغان. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەربىر كوماندا 10 نەپەر رويخەتكە ئېلىنغان ئەزانى ئالماشتۇرۇلمايدىغان ئەزا سۈپىتىدە ساقلاپ قالسا بولىدۇ، قالغان ئەزالار چوقۇم ئالماشتۇرىلىدىغان ئەزالار قاتارىدا ھەرقايسى كوماندىلار تەرىپىدىن تاللانسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئەزالار باشقا كوماندىلار تەرىپىدىن تاللانمىسا، بۇرۇنقى كوماندىغا قايتىپ داۋاملىق شۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. باشقا كوماندىلار تەرىپىدىن تاللىنىپ قالسا، چوقۇم شۇ كوماندىغا بېرىپ شۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشى كېرەك.
مۇرات 2002-يىلى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاستكبول كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە Bدەرىجىلىكتىن بىرلەشمىدىن Aدەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە ئۆرلىگەندىن بۇيان، كوماندىنىڭ كۆك ياقىلىق ئەزاسى سۈپىتىدە، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش روھى بىلەن ھالقىلىق پەيتلەردە كوماندا ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىپ كەلگەن. گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق مۇسابىقىلەردە، ئۇنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان، شۇنداقلا شىنجاڭ مەستانىلىرىگە ئىنتايىن تونۇش بولغان يەرلىك ئەزا بولۇپ قالغان. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە توي قىلىپ بىر قىزغا دادا بولغان مۇراتنىڭ كوماندىدىكى ۋەزىپىسى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشتى، گەرچە مەيدانغا چۈشىدىغان ۋاقتى بارغانچە ئازىيىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغان كەسپىي ئەخلاقى بىلەن ھەرقىتىم كوماندىغا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى.
بوي ئېگىزلىكى 1.96 مېتىر، ئېغىرلىقى 86 كىلوگىرام كېلىدىغان مۇرات ئادىلجان 1985-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 2000-يىلى يەنى 15 يېشىدا تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2002-يىلى شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك Bدەرىجىلىكلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك Aدەرىجىلىكلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە زور تۆھپە قوشقان. مۇرات ئادىلجاننىڭ ئالاھىدىلىكى، مۇداپىئەدە چىڭ تۇرىدۇ، گاردىن قايتقان توپنى تالىشىپ ئىلىشتا ناھايىتى ئاكتىپ، بولۇپمۇ ھالقىلىق پەيتتىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى داڭدارلارنى تاللاش يىغىنىدا، مۇرات، سۈن ۋىيبو ۋە مەردانلارنىڭ ئىسىملىرى داڭدارلار تىزىملىك تاختىسىغا يېزىلدى، ئاخىرىدا سەنشى كوماندىسى تەرىپىدىن تاللىنىۋىلىشقا قارىتا مۇرات ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولدى. مۇرات مۇنداق دېدى: «ھازىر كوماندا ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە، مانا بۇ كەسىپلىشىشنىڭ ئىپادىسى، ھەربىر پىشقەدەم ئەزا مۇشۇنداق بىر پەيتلەرگە دۇچ كېلىدۇ. سەنشى كوماندىسىنىڭ مېنى تاللىغىنىدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدىم، ئۇلارنى مېنى تاللىغىنىدىن ناھايىتى خوشالمەن. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە CBAبىرلەشمىسىگە قاتنىشالمايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. CBAبىرلەشمىسىدە ۋاستكبول ئويناۋاتقىنىمغا 11 يىل بولدى، ۋاسكتبولغا بولغان قىزغىنلىقىم ئازراقمۇ سۇسلىمىدى، ئەمما ئانا يۇرت كوماندامغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغان بولدۇم. كېيىنكى بىر قانچە كۈندە ئۆيدە ئايالىم ۋە قىزىمغا ياخشى ھەمراھ بولماقچىمەن».