بارى مەمتىلى قىسقىچە تونۇشتۇرىلىشى
بارى مەمتىلى كىچىگىدىن باشلاپلا پۇتبۇلغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ بارىنىڭ دادىسى مەمتىلى ئاكا بالىسىدىكى بۇ تالانت ۋە قىززىقىشنى بايقاپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇنى قوللىغان ، 14 ياشقا كىرگەن بارى سوڭچىڭلىك پۇتبۇل مەكتىپىگە مىڭ ئوقۇغۇچى ئارىسىدىن تاللىنىپ كىرگەندە مەمتىلى ئاكا ئوقۇش ھەققىنى تۆلەش ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىزمەت سىتاجىنى سېتىپ ئۇنى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغان .
ئىسىم - فامىلىسى :بارى مەمەتئىلى
مىللىتى : ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1989- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى
كەسپى : كەسپى پۇتبولچى
ئوقۇغان مەكتىپى : شىنجاڭ سوڭچىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپى
كۇماندىىسى : ھازىر جىياڭسۇ شۈنتىيەن پۇتبۇل كۇلۇبى
ئىلگىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى كۇماندىسى ۋە
خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى قاتارلىقلاردا توپ تەپكەن.
بارى مەمتىلى كىچىگىدىن باشلاپلا پۇتبۇلغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ بارىنىڭ دادىسى مەمتىلى ئاكا بالىسىدىكى بۇ تالانت ۋە قىززىقىشنى بايقاپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇنى قوللىغان ، 14 ياشقا كىرگەن بارى سوڭچىڭلىك پۇتبۇل مەكتىپىگە مىڭ ئوقۇغۇچى ئارىسىدىن تاللىنىپ كىرگەندە مەمتىلى ئاكا ئوقۇش ھەققىنى تۆلەش ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىزمەت سىتاجىنى سېتىپ ئۇنى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغان .
بارى سوڭچىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپىگە كىرگەندىن كېيىن قېتىرقىنىپ مەشىق قىلىپ دادىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي كۈنسىرى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن 2007 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى كۇماندىسىدا جوڭگۇ ب دەرىجىلىك كۇماندىلار مۇسابىقىسىنى ئوينىغان 2005 - يىلى مەملىكەتلىك 10 قېتىملىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كۇماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ توپ ئوينىغان ۋە ھالقىلىق بىر توپ كىرگۈزگەن شۇ قېتىملىق پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى ئەستايىدىل كۆرگەن كۇلۇبلار تېرنىرلىرى ۋە پۇتبۇلچى تاللاش ئىشىغا مەسئۇل كىشىلەر بارىغا ياخشى باھالارنى بەرگەن .
بارىدىكى پۇتبۇل تالانتىنى بايقىغان خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ تېرنىرى بارى بىلەن توختام تۈزۈپ ئۇنى جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلىغۇزغان . بارىمۇ تېرنىرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي تىرىشىپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ھەمدە ياپۇنىيىنىڭ كۈچلۈك كۇلۇبى مىڭ گو ۋۇ كۇلۇبىغا ئىنتايىن يۇقىرى ماھارەتلىك بىر توپ ئۇرۇپ ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىدا توپ كىرگۈزگەن ئۇيغۇر پۇتبولچى بولۇپ قالغان .
ئالاھىدىلىكلىرى كۆپچىلىكنىڭ ئالقىش ۋە ئېتىراپلىرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن 2011- يىلى بارى دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللانغان ، بارىنىڭ ئومان كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقدە بار كۈچىنى چىقىرىپ 90 مىنۇت توختىماي يۈگۈرگىنى پوتكۈل جوڭگۇ پۇتبۇل مەستانىلىرىنى قايىل قىلغان . بارىنىڭ ياردەمچى پاس بېرىشى بىلەن كوماندا غەلبىگە بىر قەدەم يېقىنلاشقان بولسىمۇ كوماندىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ تولىمۇ ئاجىز بولىشى سەۋەبى بىلەن مەغلۇپ بولغان .
2012- يىلى بارىنىڭ يېشىل شەھەر كۇلۇبى بىلەن بولغان توختام مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغانلىقتىن بارى يېشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ تۈرلۈك قىستاشلىرىغا دۇچ كەلگەن يەنى ئۇنى جازالاش ۋە مەيدانغا چىقارماسلىق قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنى توختام ئۇزارتىشقا قىستىغان چۈنكى بارى توختام ئۇزارتسا كۇلۇب ئۇنى باشقا كوماندىغا يۆتكىسىمۇ نەچچە مىلىيۇن ئىقتىسادى كىرىم يارىتالايتتى . ئەمما بارى بۇلارغا قەتئى باش ئەگمىدى ، يېشىل شەھەر كۇلۇبى توختام مۇددىتى توشۇشقا 10 كۈن قالغاندا بارىنى قوغلاندى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ئەمما بۇنى ھەممەيلەن ھىس قىلىپ يەتتى ، يەنى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بارىنىڭ بازىرىنى چۈشۈرۈش ۋە ئىناۋىتىنى تۆكۈش ئارقىلىق ئۇنى جازالىماقچى بولدى.
ئەمما بارى دەل مۇشۇ كۈنلەردە تېخىمۇ زور ئالقىشلارغا ئېرىشتى يەنى دىيارىمىزدا داڭلىق تەنتەربىيە ماركىسى يارىتىشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان چىمپىيون تەنتەربىيە كىيملىرى (UGSPORT) بارىنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىپ تاللاپ ئۇنىڭ بىلەن 2 يىللىق توختاملاشتى . كەينىدىنلا ئالدىنقى پەسىللىك بىرلەشمىدە 2- بولغان جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبى بارى بىلەن يۇقىرى مۇئاش ۋە تەمىنات بىلەن توختاملاشتى . بارى ھازىر بۇ كۇلۇبنىڭ ئەتىرۋارلىق توپچىسىغا ئايلىنىپ كۇلۇبنىڭ 7- نۇمۇرلۇق مايكىسىنى كىيىش شەرىپىگە ئېرىشتى . ھازىر شۇ كۇلۇبتا توپ تەپمەكتە .