بوكىس شاھى تايسېن 1967-يىلى 30-ئىيۇل نىيۇ يوركتا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى. ئۇنىڭ بوكىس ساھەسىدە ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى، ھازىر كەسىپتىن چىكىنگەن بۇ بوكىس شاھى يېقىندا «تالاشقۇسىز ھەقىقەت» دېگەن نامدا ئۆز ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كىتاپ چىقىرىپتۇ. كىتاپ مەزمۇنىدا پۈتۈن ھاياتىدىكى يورۇق ۋە قاراڭغۇ تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق يىزىلىپتۇ.
تايسېننى دەسلەپ تىلغا ئالغاندا كىشىلەر دەرھاللا ئۇنىڭ 1997-يىلى دوگلاس بىلەن دۇنياۋى مۇسابىقىگە چۈشكەندە، ئەزەلدىن پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ مۇسابىقە ئوينايدىغان تايسېن ئۇنىڭ قۇلىقىنى چىشلەپ ئۈزىۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىكەن.
ئۇ كىتابىدا ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ: شۇ چاغدا دوگلاس مىنى قاتتىق ئۈسسۈدى. ھەر ۋاقىت قائىدە بۇزۇپ تۇرىدىغان بىر جەڭچى بولغىنىم ئۈچۈن غەزىپىمنىڭ تاشقىنىدىن ئۇنىڭ قۇلىقىنى چىشلىۋالدىم، دەپ يازغان.
كەسپى ھاياتىدا شانلىق نۇقتىغا چىققان 1991-يىللىرى ئۇ ئامېرىكىلىق بىر نېگىر قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 1992-يىلى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە كېيىن بۇ جازانى ئۈچ يىلغا قىسقارتىپ، ئەڭ ئېسىل ۋاقىتلىرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزدى.
نىيۇ يوركتا تۇغۇلغان تايسېن كىچىكىدىنلا ئىنتايىن كەپسىز بولۇپ، مەكتەپتە تولا قائىدىلەرنى بۇزۇپ مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. ئاتا-ئانىسىنىڭ تولۇق تەربىيەسىنى كۆرمىگەچكە كىچىك تۇرۇپلا زەھەر بىلەن دوست بولۇپ قالغان.
ھەر قانداق ئىشنى چىكىگە يەتكۈزۈپ كۆنگەن تايسېن 1985-يىلى 6-مارتتا نىيۇ يوركتا تۇنجى قېتىم بوكۇس مەيدانىغا مۇسابىقىگە چۈشكەن. ھەر قېتىملىق قاتتىق قول ئىلىشىشلار بەدىلىگە چىمپىيۇن بولۇپلا كېلىپ، بىر كىچىدىلا نامى چىقىپ كەتكەن.
شۇنداق قىلىپ بوكىس مەيدانى مۇسابىقىسىگە كۆپ چۈشۈپ، 20 ياشقا كىرگەن چىغىدىلا دۇنيا ئەركىن بوكىس ئېغىر دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ چىمپىيۇنىغا ئايلانغان. 1986-يىلى 23-نويابردىكى مۇسابىقىدە رەقىبىنى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدىلا يەر ياتقۇزۇپ WBC بوكىس شاھى نامىغا ئىرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تاقابىل تۇرۇش تەس بولغان بوكسچىغا ئايلانغان.
تاكى ھازىرغىچە بوكس ساھەسىدە مۇنداق ياش تۇرۇپلا دۇنياۋى چولپان بولغانلار مەيدانغا كەلگىنى يوق. ئۇ رەقىبىنىڭ پەقەت بىشىغىلا ئۇرىدۇ، ۋە ئۆزىنى مۇشتتىن ئانچە قوغداپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بوكس مىزانى: ھۇجۇم قىلىش، ھۇجۇم قىلىش يەنە ھۇجۇم قىلىش.
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئۇ ئۆز كەسپىدە تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلەپ، WBC、WBA ۋەIBF دىن ئىبارەت ئەركىن بوكس ساھەسىنىڭ ئاتامانىغا ئايلاندى. ھېچ كېشى ئۇنىڭ رەقىبى بولالمىدى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تايسېنغا كۆز تېگىپ، 1990-يىلىدىكى بىر مۇسابىقىدە رەقىبى ۋېلمۇس دوگلاسقا سەل قارىدىمۇ قانداق، ئۇنىڭدىن تاياق يەپ يىقىلدى.
ئەمما ئاشۇ ئاتامان ۋاقىتلىرىدا، تايسېننىڭ مۇسابىقىسىنى كىملا كۆرسە، تايسېن بىلەن بىرگە پۇخادىن چىقاتتى. ئۇنىڭ مۇشت ئېتىش سۈرئىتى تېز، ئىنكاسى چاققان، بەدىنىنىڭ كۈچىمۇ زور. ئەمما يەنىلا بوكس مەيدانىدىكى ھۇجۇم قىلىشتىن ئۆزگە ۋەزىپەم يوق، دەپ قارايدىغان كەسىپ ئېتقادى ئۇنىڭغا زور ئۇتۇق بەردى.
بوكس ئاتامانى سۇپىسىدىكى كۈنلىرىدە ئالتە ئاق تەنلىك كىشى تەرىپىدىن خورلۇققا ئۇچرىغان 16 ياشلىق نېگىر قىزچاققا 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، ئۇنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ياشىشى ئۈچۈن ماددى جەھەتتىن ئىلھام بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئېرقى كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش فوندى قۇرۇپ چىقتى.
ئەمما 1991-يىلى ئۇ باسقۇنچى دېگەن قالپاقنى كىيدى ۋە 1992-يىلى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىپ، بۇ ئىشلىرى ئۇنىڭ مەسخىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى.
ئۈچ يىللىق تۈرمە ھاياتى تىنچ بولمىدى. ئىندىيانا شىتاتىدىكى ياشلار ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا جازا ئىجرا قىلىۋاتقىنىدا، تۈرمىدىكى قولى قىچىشىپ كەتكەن تۈرمىداشلىرى ئۇنىڭ سايىسىدا تۈرمىدە نام چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىپ تۇردى.
تۈرمىگە كىرىپلا بۇرۇنقى قارا گۇرۇھ بولغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئەدىپىگە ئۇچرىدى. ئۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن، ئېغىر-بېسىق بولدى ۋە كۆپ ھاللاردا ئۇلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ئەمما تايسېن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولالمىدى. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ تۈرمىدىكى ئۇنىڭغا مىقتەك سانجىلغان رەقىبى دېخاك بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى. قورقۇنۇشلۇق بولغىنى ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى غەزىپى ئاقماي قالدى. دېخاك ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋىتىپ تۆشۈك ئىچىپ قويدى، ۋە قاتتىق ئۇرۇپ-تىپىپ ئۈچ تال قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۋەتتى.
تۈرمىدىكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغاچقا، ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى بىر مىلىيون دوللار خەجلەپ ئۇنى يالغۇز تۇرىدىغان تۇرمىگە يۆتكىتىپ قويدى ۋە دېخاكنىڭ كەچۈرۈم سورىشىغا ئېرىشتى. ئۇ كىتابىدا بۇ ئىشلارنى تەسۋىرلەپ: شۇنىڭدىن كېيىن مەن تۈرمىدە ئازادلىققا ئىرىشتىم، خالىغانچە ھەرىكەت قىلالايدىغان بولدۇم، دەپ يازغان.
تۆمۈر قەپەستىكى ئۈچ يىللىق ھاياتىدا ئۇ ھاياتلىق توغرىسىدا نۇرغۇن نۇقتىلارنى تونۇپ يېتىپ، ۋە كىشىلىك قىممەت توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىپ، كۆپ يەكۈنلەرگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ يولداش ماۋ زېدۇڭغا بولغان تەسىراتى ۋە ئالغان تەربىيەسى چوڭقۇر بولغاچقا، ئوڭ بىلىكىگە ماۋ زېدۇڭنىڭ باش سۈرىتىنى چەكتۈرىۋالغان ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى دوگلاس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، تايسېننىڭ قوللىغۇچىلىرى يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان دوگلاسنىڭ تايسېننى يەرگە يىقىتىشىنى بىر تاسادىپىيلىق خالاس دەپ ئويلىشاتتى.
كېيىن ئۇلار يەنە بىر قېتىم مۇسابىقىلەشكەندە. دوگلاس ئۇنىڭ بىشىغا قاتتىق بىرنى ئۇرغاچقا، تايسېن غەزىپى بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى چىشلەپ ئۈزىۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن تايسېن جەرىمانە تۆلىدى، مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلەندى ۋە بوكسيۇرلىق كىنىشكىسى تارتىۋىلىندى.
شان-شۆھرەت ۋە مال-دۇنياغا تولۇپ كەتكەن تايسېننىڭ ئەتىراپىدا نۇرغۇنلىغان دوستلىرى بار ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىلا ئۇنىڭغا ھەقىقي كۆيىنەتتى. ئەمما ئۇ ئۆزى زەھەر ئارقىلىق ئۆزىگە خۇشاللىق تاپاتتى.
يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تايسېننىڭ ماھارىتىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىدى. لېكىن جاسارىتى يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرغاچقا، بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە باشلىنىشتىن بۇرۇن رەقىبى بىلەن زورلاپ تۇتۇشۇپ قالدى.
ئەمما ئۇنىڭ بانكا ھېساۋاتىدا پۇل تۈگەپ، ھەممىسى پەقەت ئېسىل داچىلىرىغا، پىكاپلىرىغا ۋە ھەتتا باققان ئەرمەكلىرىگە كەتكەن پۇل چىقىم ھېساۋاتىلا قالدى.
زور قەزرلەرنى تۆلەشكە باشلاپ، بارا-بارا بىر يىتىنىمۇ يوق بىچارىگە ئايلىنىشقا باشلىدى.
ھەتتا شۇ قەرزلەرنى تۆلەش ئۈچۈن 39 ياشقا كىرگەندە مۇسابىقىگە چۈشتى. لېكىن ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت بىلەن كەسىپتىن چىكىنىش يولىغا قاراپ ماڭدى.
1996-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە بايلىققا يەتكۈچە تويۇنۇپ ھەتتا يولۋاسنى ئەرمەك ھايۋاننىڭ ئورنىدا باققان تايسېن ئايالى ۋە باللىرىغا يەتكۈچە سوۋغاتلارنى ئېلىپ بەرگەن، ئۆزىمۇ كۆڭۈل ئېچىشتىن قۇرۇق قالمىغان ئىدى.
ئاخىرى ۋەيران بولۇپ كەتكەن تايسېننىڭ بەدەن قۇۋىتىمۇ ئاجىزلاپ كەتكىنىدىن، كىشىلەرمۇ ئۇنى ياراتماس بولدى. خىزمەت تاپالمىغانلىقتىن ھەتتا بوكىس مۇسابىقىلىرىگە رىپېر بولدى، مەشىق ھەمراھى بولدى. ھەتتا پەقەت بولالمىغاندا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشىۋىلىشقا ھەق تۆلىشى ئارقىلىق جېنىنى باقتى.
لېكىن يوللار ئۇنداق تار بولىۋەرمەيدۇ. 2008-يىلىغا كەلگەندە كىنو رىژېسسورى تۇباك ئۇنى ئېزدەپ تىپىپ، «تايسېن» نامىلىق ھۆججەتلىك فىلىمىگە باش رولغا تەكلىپ قىلدى. ۋە بۇ فىلىمىدىن 50 مىڭ دوللار پايدىغا ئېرىشتى.
كىشىلىك ھاياتنىڭ زور شەيتانلىرى تەرىپىدىن ئېزىپ ئاخىرى ئۆزىنى تىپىۋالغان تايسېن ئۈچۈن بۇ 50 مىڭ دوللار ھەقىقەتەنمۇ بىر زور ئىلھام بولدى. ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزى ئېيىتقىنىدەك ھەقىقى بىر ئەرگە ئايلاندى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئارتىسلىق كەسپىگە قەدەم قويۇپ كەتتى. ئۇ دەسلەپكى شۇ ھۆججەتلىك فىلىمىدىن كېيىن، hangover فىلىمىدە رول ئالدى. ئۇنىڭ بۇ فىلىمى ھەتتا 67-قېتىملىق ئالتۇن شار مۇكاپاتىنىڭ كومىدىيە تۈرى بويىچە ئەڭ نادىر فىلىمى دېگەن نامغا ئېرىشتى.
2010-يىلى ئىتالىيەنىڭ ئالقىشلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى بولغان «چولپانلار بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشۈش» پروگراممىسىغا چىقىپ ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتى نامايەن بولۇشقا باشلاندى. 2012-يىلى hangover نىڭ 2-بۆلىمىدە فىلىم ئاخىرىدا ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ناخشا ئېيتىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى ۋە فىلىمى بازار تېپىپ كەتتى.
تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىدە ئۇ: ئارتىس بولۇشنىڭ ئالدىدا تۇرمۇشۇم ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا ئۈمۈدسىزلىنىپ ئۆزۇمنى يوقۇتۇپ قويغان ئىدىم. لېكىن ھازىرقى مەن ھەقىقى ئۆزۈم بولدۇم. تۇرمۇشۇم ئىنتايىن تەرتىپلىك، قايسى ۋاقىتتا قانداق ئىشنى قىلىش كاللامدا ئىنتايىن ئېنىق، بەخىت ئەسلىدە مۇشۇلار ئىكەن، ماڭا يېتەرلىك بولدى...دېگەن.
ئاددى بىر ئىنسانغا ئايلىنىش تەس بولغىنى ئۈچۈن، ھاياتنىڭ زور سىناقلىرىغا يۈرەكىدىكى زور قىزغىنلىق بىلەن يۈزلەنگەن تايسېن، ئاددى-ساددا تۇرمۇش ئۆتكۈزدى ۋە ئۆزىنى تەڭشەپ، چىرايىدىن كۈلكە-تەبەسسۇمىنى ئايىمىدى. نامراتلارغا ياردەم قىلىش ساخاۋەتچىلىكىنىمۇ توختىتىپ قويمىدى.
ھەقىقىي توغرا بولغان پىسخىكىلىق روھى-ھالەتكە ئېرىشكەن تايسىن، ھەر بىر كىشىنى چىن دىلىدىن ھۆرىمەت قىلىپ، ئەينى يىللاردىكى گىگانىت ئوبرازىنى كىشىلەر قەلبىدە قايتا تىكلىدى.
تايسېننىڭ قىزى ئىيقىنىدەك، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر ئويۇن ھەمراھى. تايسېننىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىرى چوڭقۇر ۋە ئۆزىمۇ ئاتىلىق مېھرىنى كۆرمەي چوڭ بولغىنى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىگە بىر ياخشى ئاتا بولۇش ئۈچۈن ھېچ نەرسىسىنى ئاياپ قويمىدى. ۋە ئۆزى : سىز بىر ئاتا بولغاندا، جاھاندا ھەقىقەتەنمۇ ئەسكى ئادەم قالمايدۇ، دېگەن ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى.
ھازىرقى تايسېن بىر ياخشى دادا ۋە بىر ياخشى ئەر. ئۇ ئادەتتە كەپتەر باقىدۇ، بالىلارنىڭ بوكس مەشىقىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ، ھەر كىملەر ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ياردىمىنى ئاياپ قالمايدۇ.
خۇددى رەزىللىكنىڭ يەنە بىر يۈزى مېھرىبانلىق بولغىنىدەك، تۇرمۇش ۋە ھاياتقا نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئېرىشكەن تايسېن، دىلىدا مېھىر-مۇھەببەت يالقۇنلاپ تۇرغان مۇنەۋۋەر دادىدۇر.
لۈشۈن ئىيتقان: ھەقىقى بىر قەھرىمان، ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋەيران تۇرمۇش ۋە ھايات ئىچىدىن ئۆزىنى تىپىپ چىقالايدۇ ۋە ھەممىنى ئېتىراپ قىلىپ يۈزلىنىدۇ؛ ئەمما ئۇ بۇ كىتابىدا، ئۆزىنىڭ ئەڭ پەسكەش تەرەپلىرىنىمۇ دادىللىق بىلەن تىلغا ئېلىپ، ئۆزى توغرىسىدا قاتتىق ئويلىنىش ئارقىلىق يورۇقلۇققا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە ئەشۇ ۋەيرانە ۋە پەسكەشلىككە تولغان ھاياتىغا رەھمەت ئىيتىدىغانلىقىنى....يېزىپ ئاخىرلاشتۇرغان.