بىيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ25-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 00:00 ، 14-2013 يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى باشلاندى،AC مىلان كوماندىسى مىھمان كوماندا سۈپىتىدە يىڭىلا ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە چىققان ۋىرونا كوماندىسغا جەڭ ئىلان قىلدى.ئالدىنقى يېرىم مەيداندا پولى مىلان كوماندىسى ئۈچۈن تۇنجى توپنى كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ نومۇر پەرقىنى ئالدىغا ئۆتكۈزگەن،تونى كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن؛كىيىنكى يېرىم مەيداندا تونى يەنە بىر كاللا توپ بىلەن نەتىجىنى ئالدىغا ئۆتكۈزگەن،ACمىلان كوماندىسى شۇنچىلىك تىرىشقان بولسىمۇ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولالماي رەقىبىنىڭ 3 نومۇرنى ئىلىپ قىلىشىغا قاراپ قالغان.شۇنداق قىلىپ AC مىلان كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان.
سەپداشلىرى پولىنىڭ كىرگۈزگەن توپىنى تەبرىكلەشمەكتە

مىلان بىلەن ۋىرونا تارىختا جەمئىي 53 قىتىم تۇتۇشقان،مىلان كوماندىسى 23 ئۇتۇق 23 تەڭلىشىش 7 ئۇتتۇرۇق بىلەن ياخشى بولغان نەتىجىنى ساقلاپ كەلگەن؛ئىككى كوماندا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 46 قىتىم تۇتۇشقان بولۇپ،مىلان 22 ئۇتۇق 17 تەڭلىشىش 7 ئۇتتۇرۇق بىلەن يەنىلا ياخشى بولغان نەتىجىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان؛تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى،ۋىرونانىڭ 7 مەيدان ئۇتۇقىنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ مەيدانىدا ئوينالغان مۇسابىقدىكى ئۇتۇقلىرى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە باروتىرى،شالاۋى ۋە نىئاڭ قاتارلىق ئۈچ ياش ماھىرنىڭ ھەممىسى ئاساسى ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان،بۇنىڭ ئىچىدە يىشى ئەڭ چوڭى باروتىرى بولۇپ 23 ياش،يىڭى ماھىر پولىمۇ ئاساسى ئەزا بولۇش پۇرسىتىگە نايىل بولغان ،ۋىروناغا كونا ماھىر تونى يىتەكچىلىك قىلغان بولۇپ،مىلان ياشلار كوماندىسىدىن چىققان ئاربىتو ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كوماندىسىغا قارشى ئوينىغان.
تونى توپ كىرگۈزگىنى تەبرىكلىمەكتە

مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى باروتىرى

مۇسابىقىدىكى باروتىرى

شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
2014-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا ئايرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
ۋېن جىياباۋ بىلەن سابىق ۋاسكېتبول ماھىرىلىرى «تىركىشىپ» قالدى
خان مادرىد ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى مەيدان غەلبىسىگە ئېرىشتى
12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە شىنجاڭ كوماندىسى 4-لىكنى قولغا كەلتۈ
بايرىن كۇلۇبى مانچىستىر شەھەر كۇلۇبى ئۇتۇپ يەنە چېمپىيون بولدى
ئاپتونوم رايونلۇق ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۇرپان كوماندىسى بىلە
شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىئىيتى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى
لىۋۇرپۇل كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتى
ACمىلان كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى
پۇتبول دۇنياسىدىكى بۇ داڭلىق چولپانلار نەگە كەتتى؟
شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
ئۇيغۇرلار پۇتبۇل تارىخى
ئۇيغۇر توپچىلىرىمىز دۆلەت كوماندسىغا تاللاندى
شىرئەلىجاننىڭ چولپانلار ھەپتىلىگىگە قاتنىشىشدىن ئۈمۈت بار
پۇتبول ماھىرى بارى بىلەن سۆھبەت
قازاقىستان يېنىك ئاتلىتكىسىنىڭ ئۇيغۇر چىمپىيونى
2014-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا ئايرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
بوكس گېگانت شاھى تايسېن ھەققىدە ئىككى كەلىمە
باسېل كۇلۇبىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى-مۇھەممەد سالىھ