• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • كىشىنى شادلاندۇردىغان ۋارىسلىق

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    لەكىم ئىبراھىم مەريەم ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلىپ،ئىككى ئوغۇل پەرزەنتىلىك بولغان،چوڭ ئوغلى مۇرات1973-يىلى تۇغۇلغان.1996-يىلدىن 2000-يىلىغىچە تاشكەنت شەھرىدە ب.بېنكوف نامىدىكى گۈزەل سەنئەت تېخنىكومىدا ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن.كامالىتىدىن بېھزاد نامىدىكى گۈزەل سەنئەت لايىھلەش ئىنىستوتىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىش شەرىپىگە ئېرىشكەن.2500-يىلى بۇ  ئىنىستىتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.ئۇ سىتۇدېنت ھاياتىدىلا نۇرغۈۇن ئىجادىي ئەسەرلەرنى يارىتىپ،2001-يىلى گېرمانىينىڭ تافكېرچېر شەھىرىدە،2004-يىلى ئاۋسىتىرىينىڭ پايتەختى ۋېنا شەھىرىدىكى دۆلەتنىڭ سەنئەتكارلار كۆرگەزمىخانىسىدا،2005-يىلى فرانىسىينىڭ پايتەختى پارىژ سەھىرىدىكى خەلقئاا سەنئەت شەھەرچىسىدە،ۋېنگرىينىڭ پايتەختى بۇداپېشتتىكى دۆلەتلىك رەسىم گالېرىيسىدە،ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنىت شەھىرىدىكى سەنئەت مەركىزىدە،ئۆزبېكىستان خەلقئارا بانكىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا شەخسىي كۆرگەزمىلىرىنى ئاچقان. www.iz.la

     ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يۇقىرىقى دۆلەت-شەھەرلەردە كۆرگەزمە قىلىنغان سەنئەتكارلار ۋە كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن،بىر پارچە ماي بوياق ئەسىرى ۋېنىگىرىينىڭ پايتەختى بۇداپېشتتىكى شەرقىي ئاسىيا مۇزىيى تەرىپىدىن ساقلاشقا ئېلىپ قىلىنغان.

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    20-25ياشلاردىكى بىر سىتۇدېنت يىگىتنىڭ خەلقئار سەنئەت مەركەزلىرىدە شەخسىي كۆرگەزمىلەرنى  ئۇيۇشتۇرۇپ،دۇنياۋى سەنئەت ئاستانىلىرىدىكى مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا مۇيەسسەر بولۇشى،ياۋرۇپا مەتبۇئاتلىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشى مەرگىزمۇ كىچىك نەتىجە ئەمەس.ئەلۋەتتە،ئۇمۇ ئىجادىيەتتە روشەن ھالدا دادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان،لېكىن دادىسىنى ئۆز ئەينى دورىمىغان.ئۇ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۇيغۇر مانى دىنى رەسىملىرى،بۇددا رەسىملىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىغان.ئۇ (قۇش باققۇچىلار).(ئوۋچىلار)،(ئۇرۇق-تۇققانلار)،(چەۋەندازلار)،(پىلە غوزىلىرى)تېمىسىدىكى ماي بوياق رەسىملىرىدىن بۇ نوقتىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la

    ئۇ ئەنئەنىگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە دۇنياۋى داڭلىق رەسساملاردىن سېزان،ۋەنگوك قاتارلىقلارنىڭ ئەسەر ئالاھىدىلىكلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ،ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىپادە قىلىنغان،بۇ تەرەپنى ئۇنىڭ (قىزىل كالا)،(قوشقا قېتىلغان كالىلار)ناملىق ئەسەرلىرىدىن ئېنىق كۆرۈپ مۇمكىن.كۆرۈرمەنلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپىتىدائىي ئىتقاد دەۋىردىكى دىنىي رەسىملەرنىڭ پۇرىقىنى،قىزىل مىڭئۆي رەسساملىقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى،ھەم ھەر قايسى ئېقىمدىكى ھازىرقى زامان دۇنياۋى ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي ئۈنۈمى ۋە پۇرىقىنى بىرلا ۋاقىتتا ھېسې قىلىپ يېتەلەيدۇ.

    تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    بۇ ئاتا-بالا رەسسامنىڭ سەنئەت يولىدىكى ئىزدىنىش،مۇۋەپپەقىيەتلىرى قەلبىمىزنى چوڭقۇر ئىتىخار،پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىغا چۆمۈلدۈرىدۇ،ئۇلارنىڭ قەدىمكى زامان ئۇيغۇر رەسساملىق ئۇسلۇبى بىلەن ھازىقى زامان دۇنياۋى سىزىش ئۇسۇلى ۋە ئۇسلۇبىنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭى يېڭى يول ئىچىش ئۈچۈن كۆرسەنكەن تىرىشچانلىقلىرى،گۈزەل سەنئەتتىكى ھەر قايسى ئېقىملارنىڭ ئارتۇقچىلىقنى ئەسەرلىرىگە مۇجەسسەملەپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان ئەسەرلىرى بىزنى ئەنئەنىگە تۇيۇنغان يېڭى بىر خىل ئېستېتىك زوق بىلەن شادلاندۇرىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    بۇ ئاتا-بالا رەسسامنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتىدە تۇتقان يولى،ئىزدىنىشلىرى ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى كەڭ  گۈزەل سەنئەت كەسىپدارلىرىنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

     مەنبە؛شىنجاڭ سەنئىتى 2008-يىلى 6-سان ئىز تورى بەك ياخشى

    ئادىرسىمىز
    يىڭىلانغان مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى
    ئەڭ يىڭى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز