فېليەتون
تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم
بۇ كۈنلەردە خىروئىن بىلەن ساختا دورا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل تۆرىنى تالىشىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
راستىنى ئېيتقاندا خىروئىن ساختا دورىغا بەكلا ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.
بىر كۇنى خىروئىن ساختا دورىغا ئىچىنى تازا بوشۇتۇپ ئۇنىڭ شۇنچە بازار تېپىپ كېتىشدىكى سىرىنى بىلمەكچى بولۇپ ئونى چاي سۆھبىتىگە چاقىردى.
خىروئىن ساختا دورىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇش كويىدا مول داستىخان ھازىرلىدى.
ساختا دورا خىروئىننىڭ داستىخىنىغا ئۆز ۋاقتىدا داخىل بولدى. ئۇ بەكلا سالاپەتلىك ھەم تەكەببۇر بولۇب كەتكەن ئىدى.
ـــ دوستۇم، ساختا دورا ئېيتىپ باققىنە، بىز بىر يولدىكى دوستمۇ ئەمەسمۇ؟
ـــ ھەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتكە زور زىيان سالىدىغان، ئۇلارنىڭ قىسقىغىنە ھەم قىممەتلىك ھاياتىنى ناھايىتى تېز نابۇت قىلىدىغان مەلئۇن بىز، ـــ دېدى ساختا دورا جاۋابەن.
ـــ سۆزلىرىڭ ئورۇنلۇق دوستۇم، ھەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتنىڭ رەزىل دۈشمىنى. ئەمما مەن بەزىدە شۇنچىۋالا بازار تېپىپ كېتىۋاتقانىڭغا قاراپ، ساڭا ھەسەت قىلىپمۇ قويىمەن.
ـــ بۇ دېگەن ھازىرقى زامان تىلى بويىچە ‹‹رىقابەت›› دېيىلىدۇ.
ـــ ئېيتىپ باققىنە، سېنىڭ نېمە سىرلىرىڭ بار؟ ـــ دېدى خىروئىن ساختا دورىغا ئېسىل شاراپنى رومكىغا بېلىق كۆزى قۇيغاچ.
ـــ دوستۇم ساڭا ئېيتىپ بېرەي،
مېنىڭ ئىگىلىرىم ھېسابلىنىدىغان ئاشۇ بىر قىسىم كىشلەر خۇددى سېنىڭ ئىگىلىرىڭگە ئوخشاشلا رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان بولغاچقا ئۇلاردا ۋىجدان، ئىنساب، دىيانەت نېمە ئىش قىلسۇن؟ شۇڭلاشقا ئىگىلىرىم مېنى ھەرقايسى مېدىيە، بۇلۇپمۇ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئارقىلىق بولۇشىغا كۆپتۈرۈپ ماختايدۇ. ئۇنداق پايدا قىلىدۇ-يەي، بۇنداق تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ-يەي دەپ كۈندە نەچچە قېتىملاپ ئېلان قىلىۋەرگەچكە، ماڭا خېلى كۆپ ساندىكى كىشلەر ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتتى.
ساختا دورا بەكلا مەنمەنچى، سۆزمەن بولغاچقا سۆزدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
ـــ ساڭا دېسەم دوستۇم، بىزنىڭ بازار تېپىشىمىز ئىگىلىرىمىزنىڭ ھىيلىگەر، قوۋلۇقىغا، چىرايلىق گەپ بىلەن ئېيتقاندا ئەقىل-پاراسىتىگە باغلىق. مېنى ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق ماختاپ ساتىدۇ، سىنى بۇلۇڭ-پۇچقاقتا ساتىدۇ. شۇڭا ھازىر مېنىڭ ئىگەمگە يەتكۈزىدىغان ھارام پايدام سېنىڭ يەتكۈزىدىغان ھارام پايداڭدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. بۇ گەپلەرنى مەن ئۆزۈمچە دەۋالمىدىم، مەن بۇنى ئىگەمدىن كۆپ ئاڭلىغان.
ماڭا ئىشىنىپ راست گېپىڭنى ئېيىتقىنىڭغا رەھمەت، ـــ دېدى خىروئىن ھەرخىل مەزەلەر بىلەن تويۇپ كەتكەن قورساقلىرىنى سىلىغاچ.
ـــ بەزى ئىنسانلار ھەقىقەتەنمۇ بەك نادان، مەنمۇ قايسى مىللەتتە نادانلىق ئەۋج ئالسا شۇ توپ ئىچىدە بەكلا بازار تاپىمەن. مېنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە يېشى كىچىكلەرمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. مەن ئۇلارنى ئۇ دۇنياغا بالدۇرراق ئۇزىتىۋېتىش بىلەن ئالدىراشلا يۈرۈيمەن.
ـــ مەنمۇ شۇ، ـــ دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ساختا دورا، ـــ گەرچە نۆۋەتتە تېببىي ئىلىم زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئايرىم كىشىلەرنىڭ ھاماقەتلىكى تۈپەيلى، مەنمۇ بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلاندىم. جەمئىيەت ماڭا زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ، مېنىڭ ئىگىلىرىم تۈرلۈك قانۇنسىز يوللار بىلەن مېنى يەنىلا كەڭ كۆلەمدە سېتىپ چىقىرىپ كېسەل داۋالاش تۈگۈل تېخىمۇ ئېغىر، غەلىتە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلماقتا. بىز ھازىر رەزىللىكتە رېكورت ياراتتۇق دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. قىسقىسى، ھەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتكە ئاپەت ھېسابلىنىمىز. شۇڭا ئىنسانلار بىزگە ھەر ۋاقىت غەزەپ-نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ بىزنى يوقىتىشقا تىرىشماقتا.
ـــ جان-جىگەر دوستۇم، سەن ھاراقنى جىق ئىچىۋالدىڭ، سەن بۈگۈن مېنىڭ يېنىمدا قونۇپ قالغىن، بىز كېچىچە ئىگىلىرىمىزگە ئۆمۈر بويى سادىق بولۇش، ئىنسانىيەتكە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنىڭ يېڭىدىن-يېڭى پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقايلى، ـــ دېدى كەيپى چاغ بولغان خىروئىن.
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك سۆھبەتلىرى تېخى ئاخىرلىشىدىغاندەك قىلمايتتى.