• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئۈچ پاي ئوق (فېليەتۇن)

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    فېليەتۇنIskئاقيول تور بىكىتى


    Iskئاقيول تور بىكىتى

    لىيۇ ۋەنلىIskئاقيول تور بىكىتى

    ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسىIskئاقيول تور بىكىتى


    Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى كۇچىدا كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز پاڭ، پاڭ، پاڭ قىلىپ ئېتىلغان ‹‹ئۈچ پاي ئوق›› ئاۋازىنى ئاڭلاپ يەرگە ‹‹گۇپ››لا قىلىپ يىقىلدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       كاتىپ دەرھال ئۇنى يۆلەپ، ‹‹مېڭچېڭ›› دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزدى، شەھەر باشلىقى ئاخىر ھوشىغا كەلدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       كاتىپ:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ مەن ‹‹ئۈچ پاي ئوق››نىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلاپ، سىزنىڭ يەرگە يىقىلغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم. قارىسام بەدىنىڭىزدە قانمۇ يوق، زەخمىمۇ يوق، ئەسلىدە سىز قورقۇپ كېتىپتىكەنسىز، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ مېنىڭ ئىسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدا بەدىنىمگە ‹‹ئۈچ پاي ئوق›› تەگدى، شۇنىڭ بىلەن ئاغرىق ئازابىدا يەرگە ‹‹گۇپ›› قىلىپ يىقىلدىم، ئاندىن كېيىن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىدىم، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       كاتىپ:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ بۇ بەلكىم ‹‹خىيالى تۇيغۇ›› بولۇشى مۇمكىن، ھېچقىسى يوق، ياخشى ئارام ئالسىڭىز ئوڭشىلىپ قالىسىز، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر كۈنى شەھەر باشلىقىنى يوقلاپ كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى بەدىنىنىڭ بىر يەرلىرى ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇ مەيدىسىنىڭ ئەتراپىدا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بىئارام بولاتتى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       دوختۇر رېنتىگىن ئاپپاراتىدا تەكشۈردى، نەتىجىدە ھېچقانداق غەيرى نەرسە بايقالمىدى، ھەممە ئەھۋال نۇرمال ئىدى. شەھەر باشلىقى دوختۇرغا:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ دوختۇرخانا باشلىقىڭلارنى چاقىرىپ كېلىڭلار، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       دوختۇرخانا باشلىقى ھايال ئۆتمەيلا كەلدى ۋە شەھەر باشلىقىنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ قەدىناس ساۋاقدىشىم، قانداق تاپشۇرۇقىڭىز باركىن؟ ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ مەيدەمگە بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، بىراق، دوختۇر تەكشۈرۈپ چاتاق يوق، نورمالكەن دەيدۇ، تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا مەسىلە بارمۇ-قانداق؟ دوختۇرخاناڭلاردا چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتى يوقمۇ؟ ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       دوختۇرخانا باشلىقى:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ نىمىشقا شەھەر باشلىقىنى دەرھال قايتىدىن تەكشۈرمەيسىلەر؟ ـــ دەپ كايىدى دوختۇرلارغا. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانا باشلىقى تەكشۈرۈشكە ئۆزى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلدى، رېنتېگېن ئاپپاراتىدا قايتىدىن تەكشۈرگەندە يەنىلا نورمال بۇلۇپ چىقتى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى قولى بىلەن كۆكرىكىنى تۇتقىنىچە:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ غەلىتە ئىش، مېنىڭ قولۇم غەيرىي نەرسىنى سېزىۋاتىدۇ، رېنتېگېن ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە ھەجەپ تەكشۈرۈپ تاپالمىدىيا؟ ـــ دېدى. دوختۇرخانا باشلىقى:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ ياكى بولمىسا مۇنداق قىلايلى، ئەتە دوختۇرخانىمىزغا بېيجىڭدىن ئۈچ نەپەر مۇتەخەسسىس كەلمەكچى ئىدى، ئۇلار سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى كۆرۈپ باقسۇنمۇ-يا؟ ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى بېشىنى لىڭشىتتى، شۇ كۈنى كېچىسى شەھەر باشلىقى ئاغرىق دەستىدىن كىرپىق قاقماي تاڭنى ئاتقۇزدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       ئۈچ نەپەر مۇتەخەسسىس كەلگەندىن كېيىن، شەھەر باشلىقىنىڭ بەدىنىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، ئاندىن يېرىم كۈن دىياگنوز قويدى، ئەڭ ئاخىرى شەھەر باشلىقىغا ھەقىقەتەن ‹‹ئۈچ پاي ئوق›› تەگكەن دەپ دىياگنوز قويۇلدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       كاتىپ:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ شەھەر باشلىقىنىڭ بەدىنىدىن يا قان چىقمىسا، يا زەخمىلەنگەن ئەھۋال بولمىسا، قانداقسىگە ئوق تېگىپ زەخمىلەنگەن بولىدۇ؟ ـــ دېدى. مۇتەخەسىسلەر رېنتېگىن پىليونكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ سىز بۇ ئۈچ نۇقتىغا قاراڭ، ئادەتتىكى كىشىلەر كۆرۈپ بىلەلمەيدۇ، نەچچە يۈز ھەسسە چوڭايتقاندىلا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ، شەھەر باشلىقىنىڭ تەلىيى ئوڭكەن، بۇ ئۈچ پاي ئوق مەيدىسىدىن يىراقراق جايدا ئىكەن، ئەگەر يۈرەكنى زەخمىلەندۈرگەن بولسا، بىزمۇ ئامال قىلالمايتتۇق، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       كاتىپ:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ بۇ قانداق يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال؟ ـــ دەپ سورىدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ ئۇنىڭ قانداق يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال بولۇشى بىلەن نېمە كارىڭىز، پەقەت كېسىلىمنى تاپالىسىلا بولدى، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       مۇتەخەسسىسلەر:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ سىزنىڭ بۇ كېسىلىڭىزگە بىز كۆپ قېتىم دىياگنوز قويدۇق، بىراق، سىز يەنىلا بىزنىڭ داۋالىشىمىزغا ماسلىشىشڭىز كېرەك، ئادەتتە ‹‹ئۈچ داۋالاش باسقۇچى›› ئارقىلىق ھېلىقى ‹‹ئۈچ پاي ئوق››نى ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ مەن چوقۇم سىلەرگە ياخشى ماسلىشىمەن، ‹‹پۇل››دا چاتاق يوق، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       مۇتەخەسسىسلەر:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ ئۇنداقتا ياخشى، ھازىر بىمارنى ئېغىر كېسەللەر ياتىقىغا ئەكىرىڭلار، ئايرىپ كۆزىتىمىز، ھەر قانداق يات كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شۇنىڭ بىلەن شەھەر باشلىقى ئېغىر كېسەللەر ياتىقىغا ئېلىپ كىرىلدى، بۇ ياتاقنىڭ تېمى، ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ھەممىسى قىپقىزىل ‹‹خەلق پۇلى››دىن ياسالغان ئىدى، ھەتتا كارۋات كىرلىكىغىمۇ ‹‹خەلق پۇلى›› ياتقۇزۇلغان ئىدى. شەھەر باشلىقى قولىنى سوزۇپ تۇتۇپ بېقىپ، ھەممىسىنىڭ راست پۇل ئىكەنلىكىنى بىلدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى قاقاقلاپ كۈلگىنىچە:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ مەن مۇشۇ ‹‹پوقنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلالمايدىغان›› مۇتەخەسسىسلەر ئوينىغان ‹‹مايمۇن ئويۇنى››نى كۆرۈمەنما؟ ـــ دېگىنىچە تازىلىق ئۆيىگە كىرىشىگە كۆز ئالدى ‹‹ۋاللىدە›› يۇرۇپ كەتكەندەك بولدى، چۈنكى تەرەت تۇڭى، ۋاننا، يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ‹‹ئالتۇن››دىن ياسالغان ئىدى، ھەتتا قول سۈرتىدىغان قەغەزمۇ خەلق پۇلىدىن ياسالغان (بۇ يالغان پۇل ئىدى). شەھەر باشلىقى تەرەت قىلىپ بولۇپ، خەلق پۇلى بىلەن كاسىسىنى سۈرتتى، كۆڭلىدە: ‹‹پۇل دېگەن بەرىبىر مەينەت نەرسىغۇ›› دېگىنىچە ئىختىيارسىزلا كۈلدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى ھەر كۈنى خۇددى ‹‹تاغدەك›› دۆۋىلەنگەن پۇل بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇردى، ۋاقىت ئۇزارغانچە پۇلغىمۇ قىزىقماس بۇلۇپ قالدى، ‹‹پۇل››نى كۆرسىلا، ھوشىنى يوقىتىپ يىقىلاتتى ھەمدە ‹‹ھۆ-ھۆ›› دەپ قاتتىق قۇساتتى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى ھەر كۈنى خۇددى ‹‹ئۈچەي-باغرى ئاغزىدىن يېنىپ كەتكۈدەك›› دەرىجىدە قۇسۇپ بولغاندىن كېيىن، دەرىزە تۈۋىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قويۇۋېتىڭلار (چىقىرىۋېتىڭلار)! ـــ دەپ قاتتىق توۋلايتتى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       ئىشىك ئېچىلىشىغىلا، شەھەر باشلىقى ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى. مۇتەخەسسىسلەر:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ ئىككىنچى باسقۇچلۇق داۋالاش لايىھەسىنى يولغا قويىمىز، شۇڭا شەھەر باشلىقىنى ئوپىراتسىيەخانىغا ئېلىپ كىرىڭلار، دەرھال ئوپىراتسىيە قىلىمىز، ــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       ئارىدىن بىر مۇتەخەسسىس:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ بۇنچىۋالا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن، باشقىسىنى دېمەيلى، قاراڭلار ئۇنىڭدا ‹‹شەھۋەتپەرەسلىك گېنى›› پەۋقۇلئاددە كۆپ ئىكەن، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       يەنە بىر مۇتەخەسىس:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ بىز يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭدىكى ‹‹شەھۋەتپەرەسلىك گېنى››نى پۈتۈنلەي ئېلىۋېتەيلى، ئازراق قالدۇرۇپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا ئۇنىڭ زەخمە ئېغىزىنى يۇقۇملاندۇرماي قالمايدۇ، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       ئوپىراتسىيە 10 سائەت داۋاملىشىپ، شەھەر باشلىقىنىڭ بەدىنىدىكى ‹‹شەھۋەتپەرەسلىك گېنى›› پاك-پاكىز ئېلىۋېتىلدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، شەھەر باشلىقى كارىۋاتتىن چۈشۈپ ماڭالايدىغان بولدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       مۇتەخەسسىسلەر:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ بىزنىڭ ئوپىراتسىيەمىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، بىراق، يەنە كۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا دەرھال ئۈچىنچى باسقۇچلۇق داۋالاش لايىھەسىنى ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك، ـــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن شەھەر باشلىقى يەنە ئېغىر كېسەللەر ياتىقىغا ئېلىپ كىرىلدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       بۇ ياتاقنىڭ سەرەمجانلاشتۇرۇلۇشى ناھايتى ئۆزگىچە بۇلۇپ، ئۇنىڭغا تىزىلغاننىڭ ھەممىسى كىتاپ بولغاچقا، خالىغان ۋاقىتتا كىتاب ئوقۇغىلى بولاتتى. دەسلەپتە شەھەر باشلىقى كۈنلىرىنىڭ ناھايىتى مەنىلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، كېيىن ئۇ، بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە تارىختا ئۆتكەن سۇلالىلەردىكى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ قاتتىق جازالىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا ئائىت مەزمۇنلار سۆزلەنگەنلىكىنى بايقىدى. بارلىق كىتابلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئوخشاش بۇلۇپ، ھەممىسىگە ‹‹پارىخور ئەمەلدارلارغا ياخشى ئاقىۋەت يوق›› دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ئىدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقىنى تۇيۇقسىز قورقۇنچ بېسىپ، ئۇ كىتابلارنى ئېلىپ ۋاراقلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى، ھەتتا كىتابنى كۆرسىلا، خۇددى ئۆيدە ئاشۇ پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ‹‹روھى›› باردەك، پۈتۈن بەدىننى ‹‹غال-غال›› تىترەك باساتتى. ئۇ ناھايىتى ئازابلانغان ھالدا:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قويۇۋېتىڭلار (چىقىرۋېتىڭلار)! ــ دەپ جېنىنىڭ بارىچە قاتتىق ۋاقىردى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى ئېغىر كېسەللەر ياتىقىدىن ئېلىپ چىقىلىپ، يەنە رېنتىگېندا تەكشۈرۈلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن رېنتىگېن پىليونكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ مۇبارەك بولسۇن، سىز ئەمدى دوختۇرخانىدىن چىقسىڭىز بولىدۇ، ـــ دېدى. شەھەر باشلىقىنىڭ كاتىپى ئېغىز غېرىچلاپ:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ شەھەر باشلىقىمىز زادى قانداق ‹‹غەلىتە كېسەل››گە گىرىپتار بوپتۇ؟ ـــ دەپ سورىدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       مۇتەخەسسىسلەر بىردەك:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ ‹‹ئەمەلدارلىق كېسىلى››، ـــ دەپ جاۋاب بەردى. كاتىپ چۈشىنەلمەي:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ ‹‹ئەمەلدارلىق كېسىلى››، ـــ دەپ قايتا سورىدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       مۇتەخەسسىسلەر:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ شۇنداق، بۇ بولسا يېڭى تىپتىكى بىر خىل ۋىروستىن يۇققان كېسەل بۇلۇپ، ھازىر بىز شەھەر باشلىقىنىڭ بەدىندىكى ‹‹ئۈچ پاي ئوق››نى ئېلىۋەتتۇق، ـــ دېدى. كاتىپ:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ ‹‹ئۈچ پاي ئوق؟›› ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       مۇتەخەسسىسلەر:Iskئاقيول تور بىكىتى

       ـــ بۇ ‹‹ئۈچ پاي ئوق›› بولسا ئادەتتىكى ‹‹ئوق›› ئەمەس، ئۇ تېببىي ئىلىمدە ‹‹ئوق ۋىروسى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ‹‹پۇل، ساھىبجامال ۋە ھوقۇق››تىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن تۈزۈلگەن. ناۋادا ھەر قانداق بىر ئادەمگە بۇ ‹‹ئۈچ پاي ئوق›› تېگىپ، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلماي، يۇقۇملىنىپلا قالسا، ‹‹ئۆلۈم››دىن باشقا يول يوق، ـــ دېدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

       شەھەر باشلىقى خىجىللىقتىن يۈزى قىزارغانچە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇراتتى، كاتىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.Iskئاقيول تور بىكىتى

    خەنزۇچە ‹‹فېليەتۇنلاردىن تاللانما›› (杂文选刊) ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 7-سانى (ئاي ئوتتۇرسىدىكى نەشرى)دىن ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمە قىلدىIskئاقيول تور بىكىتى

    تەرجىمان: ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەكتىپىدەIskئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى فىليەتونلار
    • قايتىش ( پوۋېست )
    • قايتىش ( پوۋېست )
    • مەن ھەممە ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بۇيەردىن كەتمەكچى بولدۇم . ئىشلىرىم ئۆزۈم ئويلىغاندەك خەيرىلىك ئاخىرلاشقان بو