• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • جاڭ چۈنشيەن ساقچىلاردىن خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-06-17 13:49:55
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 15-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىكى قوراللىق ساقچى شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ مەشىق بازىسىغا بېرىپ، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچىلىرى تۇنجى نۆۋەتلىك ماھارەت كۆرسىتىش نەتىجىسىنى دوكلات قىلىش مەشىقىنى كۆرگەن، ئالاھىدە ساقچى قوشۇنىنىڭ جابدۇقلىرى، قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرگەن. جاڭ چۈنشيەن ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىدىن بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، كۈچلۈك ساپا ۋە ماھارەت بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.JTUئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچى قوشۇنى 2005-يىلى قۇرۇلغان، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، قوشۇننىڭ كۆلىمى ئۆزلۈكسىز كېڭەيدى، جابدۇق سەۋىيەسى ئۆزلۈكسىز ئۆستى، مۇقىملىقنى ساقلاپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بۇ يىل 5-ئاينىڭ بېشىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئالاھىدە ساقچىلىرى ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۈرۈمچى باشلاندى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىن كەلگەن 24 قوشۇن قارىغا ئېتىش، ماشىنا بىلەن چارلاپ ئەمەلىي كۈرەش قىلىش تەقلىدىي مەشىقى، گۇرۇپپا بويىچە تاكتىكىلىق زەربە بېرىش، ھەر تەرەپلىمە ماھارەت قاتارلىق سەككىز چوڭ تېمىدا مۇسابىقىلەشتى.JTUئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    جاڭ چۈنشيەن دوكلات مەشىقىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىن ئېچىلغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب، شىمالىدا تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچى قوشۇنى-ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدىكى بىر ئالاھىدە كۈچ، مەسئۇلىيىتى زور، بۇرچى شەرەپلىكJTUئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    JTUئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى دىيارىمىز خەۋەرلىرى