• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مەڭگۈلۈك تەلپۈنۈش

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-08-06
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئايروپىلان ھەر قېتىم ئاپپالاچىيە تاغ تىزمىسى باغرىدىكى كىچىك ئېقىن ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، ئايروپىلان باشلىقى ھەمىشە تۆۋەنگە سەپسېلىپ قاراپ كېتەتتى، چېھرىدە بىر خىل ھەسرەت، ئەسلىمە، تەلپۈنۈش ئالامەتلىرى ئەكس ئېتەتتى. بىر قېتىم ياردەمچى ئۇچقۇچى ئايروپىلان باشلىقىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، قىزىقىپ سورىدى:— ئايروپىلان باشلىقى، چەت، ئادەمزاتسىز بۇ يەرنىڭ نەرى سىزنى ئۆزىگە شۇنچە مەپتۇن قىلىۋالدى؟ئايروپىلان باشلىقى چەكسىز ھەسرەت-نادامەتتىن ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ جاۋاب بەردى:— ئاۋۇ ئەگرى-بۈگرى كىچىك ئېقىننى كۆردىڭىزمۇ؟ كىچىك ۋاقتىمدا مەن دائىم ئاشۇ يەرگە كېلىپ بېلىق تۇتاتتىم، ھەر قېتىم ئايروپىلان بۇ يەردىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئايروپىلانغا ئۇزاق قارايتتىم، ئىچىمدە ئاشۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى مەن بولغان بولسا قانچە ياخشى بولاتتى-ھە؟ — دەپ ئويلايتتىم.— ئۇنداقتا، ئارزۇيىڭىزغا يېتىپسىزغۇ؟ — دېدى ياردەمچى ئۇچقۇچى.— لېكىن، مەن ھەر قېتىم بۇ ئېقىندىن ئۇچۇپ ئۆتكىنىمدە، — دېدى ئايروپىلان باشلىقى مەنىلىك سۆزلەپ، — ئىلگىرىكى ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى، تاغ ئارىسىدىكى ئاشۇ جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن كەڭرى زېمىننى، قىرغاقتىكى ياپيېشىل ۋە رەڭدار ياۋا ئوت-چۆپ، گۈل-گىياھلارنى، راھەتبەخش مەيىن شامالنى، شىرىلداپ ئېقىۋاتقان تاغ سۇلىرىنى، بېلىقنى قارماققا ئېلىندۇرغاندىكى ئاشۇ خۇشاللىق دەملەرنى ئەسلەيمەن، بۇلار مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. مانا ئەمدى ئاسماندا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ئېقىن بويىدا ئولتۇرۇپ بېلىق تۇتقان بولسام، قانچە ياخشى بولاتتى-ھە؟ دېگەننى ئويلايمەن. epUئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

                   چىمەنگۈل كەنجى تەرجىمىسىepUئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت