تونۇشتۇرۇش : كىنو بولسا ئاۋاز، سۈرەت سەنئىتى بولۇپ، كۆز ۋە قۇلاقتىن ئىبارەت ئىككى ئەزا كىنونى كۆرۈپلا بىۋاسىتە ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ كىنوخانىدا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، كىنو ئاۋازىنى ھوزۇرلىنىپ ئاڭلاش. كىنو ئاۋازسىز كىنودىن ئاۋازلىق كىنوغا تەرەققىي قىلدى، بۇمۇ كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئۈنۈمى ۋە ئاۋازغا بولغان ئېھتىياجى شۇنداقلا سۈرەتكە ئېلىش سەنئىتىدىن باشقا ئىپادىلەش شەكىللىرىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىدىن بولغان .
كىنو مۇزىكىسى :
كىنو مۇزىكىسى كىنونىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كىنونى ئىزاھلىغۇچى بەلباغ، بىر ياخشى ئىشلەنگەن كىنونىڭ مۇزىكىسى بىر پۈتۈن كىنودا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەتتە بىر كىنودا بىر مۇنچە مۇزىكىلار ماسلاشقان ھالدا كىنونىڭ ئىپادىلەشكە ئېھتىياجلىق بولغان مەزمۇننى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرىدۇ .
Bj6ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
5.1 ئاۋاز تېخنىكىسى بولسا Dolby 5.1 ئاۋاز يولى 5.1 ئاۋاز يولى 5 كاناي ۋە 1 دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن ياڭراتقۇ ئارقىلىق بىر خىل بەدەن يېنىدىن ئاۋاز چىقىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان مۇزىكا قويۇش شەكلى، Dolby شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈنمە چاستوتا بولغاندىلا ئاندىن بۇ ئاۋاز يولىنى قوللانغىلى بولىدۇ.
( بۇ 5.1 ئاۋاز تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن فىلىملەرنى 5 كاناي ۋە 1 دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن ياڭراتقۇدا ئارقىلىق ھىس قىلالايسىز ، فىلىم كۆرگەندە فىلىمدىكى مۇھىت ئاۋزى ، تىۋىش ، ئادەم ئاۋازى ھەممىسى ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ ، بۇ خىلدىكى فىلىملەرنى كۆرگەن چېغىڭىزدا ھەقىقەتەن ئادەمگە بەلەن تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغىنىنى ھىس قىلىسىز )
Bj6ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
كۆكنۇر (Blu-ray) ياكى كۆكنۇر دىسكىسى (Blu-ray Disc قىسقارتىلىپ BD دەپ يېزىلىدۇ) دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بىر قەدەر قىسقا بولغان (nm 405 )كۆك رەڭلىك لازىر نۇر ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇيدۇ ۋە يازىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭغا كۆكنۇر تېخنىكىسى دەپ نام بېرىلگەن. ئەنئەنىۋى DVD دا ئوپتىك باش، قىزىل رەڭلىك لازىر نۇرى (دولقۇن ئۇزۇنلۇقى nm 650) چىقىرىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇيدۇ ۋە يازىدۇ. ئادەتتە دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە قىسقا بولغان لازىر نۇرىنىڭ بىرلىك يۈزدە خاتىرىلىيەلەيدىغان ياكى ئوقۇيالايدىغان ئۇچۇرلىرى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭلاشقا كۆكنۇر، ئوپتىك دىسكىنىڭ ساقلاش سىغىمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. ئوپتىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆكنۇر تېخنىكىسى ئۇلارنى سەكرەش خاراكتېرلىك تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.
چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى. بىر يەككە قەۋەتلىك كۆكنۇر ئوپتىك دىسكىسىنىڭ سىغىمى 25 ياكى GB 22 بولۇپ، قويۇلۇش ۋاقتى 4 سائەتكە يېتىدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىمنى ئويغىلى بولىدۇ. قوش قەۋەتلىك ئوخشاش بىر دىسكىنىڭ سىغىمى 46 ياكى GB54غا يېتىدىغان بولۇپ، قويۇلۇش ۋاقتى 8 سائەتكە يېتىدىغان، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنونى ئويغىلى بولىدۇ.
Blu-Ray Disk كۆكنۇر دىسكىسى بولۇپ، DVDنىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلات ئۆلچەملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تېخنىكىنى ئاۋۋال قوللانغان شىركەتلەر Soney، Toshibaدىن ئىبارەت. Soney، Panasonic، Philips قاتارلىق شىركەتلەرنى تەرەققىيات يادروسى قىلغان بۇ دىسكا يەنە ئاۋانگارت، Hitachi، Samsung، LG قاتارلىق گىگانت شىركەتلەرنىڭ زور دەرىجىدىكى قوللىشىغا ئېرىشتى. ساقلاش پىرىنسىپى ئوقۇر ئارقىلىق خاتىرىلەش شەكلى بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئوقور ئارقىلىق خاتىرىلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىراق تېخىمۇ ئىلغار بولغان تىترىتىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ساقلاش سىغىمىنى زور دەرىجىدە چوڭايتىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ سىغىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان GB100غا يەتتى. ئەنئەنىۋى CD ياكى DVD ساقلاش شەكىللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، BD ئوپتىك دىسكىسىنىڭ نۇر قايتۇرۇشچانلىقى ۋە ساقلاش سىغىمى روشەن ھالدا تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سىغىم جەھەتتىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشىدىكى مۇھىم ھالقا.
DVDنىڭ تەسۋىر ئېنىقلىق دەرىجىسى 720×576 (PAL ئۆلچىمى) ياكى 720×480 (NTSC ئۆلچىمى) بولۇپ، ھەربىر تەسۋىرنىڭ ئۈنۈملۈك پىكسېل سانى 350مىڭغا يېتىدۇ؛ BD دىسكىسى قويۇلغان ۋاقىتتىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى 1920×1080بولۇپ، ئۈنۈملۈك پىكسېل سانى 2 مىليۇن 70 مىڭغا يېتىدۇ، DVDنىڭ بەش ھەسسىسىگە باراۋەر.
BD تەسۋىرىنىڭ رەڭ تويۇنۇشچانلىقى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسى DVDنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. قايتىلىنىش ئىقتىدارى DVD نىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، تەسۋىرلەر ناھايىتى تەپسىلىي، خۇددى راستتەكلا تەسىر بېرىدۇ. مەسىلەن، تەسۋىردىكى ئارىلىقى يېقىن بولغان 5 نۇقتىنى ئەگەر BD ئارقىلىق كۆرگەندە ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، DVD ئارقىلىق كۆرگەندە چوڭ قارا داغ بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
Bj6ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
كۆكنۇر بولسا ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ئىلغار چوڭ سىغىملىقتىكى ئوپتىك دىسكا شەكلى بولۇپ، كۆكنۇر قويغۇچ بولغاندىلا ئاندىن قويغىلى بولىدۇ. كۆكنۇر ئوپتىك دىسكىسىنىڭ سىغىمى ئادەتتە 25-50G غا يېتىدۇ، بۇنداق چوڭ سىغىم يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنولارنى ساقلاش ئۈچۈن زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا كۆكنۇر كىنولىرىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى P 1080 غا يېتىدۇ.
يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنو پەقەت ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان كىنولا ئەمەس، بەلكى بىرخىل كونكرېت كۆرۈنمە چاستوتا شەكلى. مەسىلەن، 480p، 720p، 1080p (p 1080 نۆۋەتتىكى تېلېۋىزىيە قوللىيالايدىغان ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىق شەكلى). يەنە بىر تەرەپتىن سىز 46 سۇڭلۇق ياكى 52 سوڭلۇق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزور سېتىۋېلىپلا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنونى كۆرەلمەيسىز، تېلېۋىزور پەقەت يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنو كۆرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ھازىرلايدۇ، بىراق سىزدە يەنە باشقا ئەسلىھەلەر بولغاندىلا ئاندىن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنو، تېلېۋىزىيەلەرنى كۆرەلەيسىز، ئەگەر سىز ئالاھىدە زاپچاسلارنى ئىشلەتمىسىڭىز، سىزنىڭ تېلېۋىزورىڭىزنىڭ بۇرۇنقى كونا تىپتىكى تېلىۋېزورلار بىلەن پەرقى قالماسلىقى مۇمكىن. بىراق كۆكنۇر ئوپتىك ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ كەلگۈسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
Bj6ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
MOVـــــــــ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنو مۇقەددىمىسىنىڭ ئالدىنقى تاللىشى يەنى QuickTime فىلىم شەكلى، ئۇ Apple شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان بىر خىل ئاۋاز چاستۇتا، كۆرۈنمە چاستوتىدىكى ھۆججەت شەكلى، ئۇ دائىم كۆپ ئۇچرايدىغان رەقەملىك كۆپ ۋاسىتىلىق تىپىنى مەسىلەن، ئاۋاز چاستوتا، كۆرۈنمە چاستوتىنى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. QuickTime (*.mov) نى «ساقلاش تىپى» قىلىپ تاللىغاندا، ھەرىكەتلىك سۈرئەت .mov ھۆججىتى قىلىپ ساقلانغان بولىدۇ. MOV شەكلى دائىم يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنولارنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ شەكىلدە 1080Pدىن ئىبارەت يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئۆلچەمگە يەتكىلى بولىدۇ. مىسال ئالساق:
terminatorsalvation-tlr1_h1080p.mov - 终结者 4 高清预告片 (ئاخىرلاشتۇرغۇچى 4 يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مۇقەددىمىسى)
Bj6ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
MP4ــــــ بۇ ئادەمنى ئازراق قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ، بەزى كىنولار MP4 شەكلىدە بولۇپ، بۇ مۇشۇ كىنودا MPEG-4 كۆرۈنمە چاستوتا پىرىسلاش كودى ئىشلىتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ،بىراق كونكرېتى قايسى خىل كود شەكلى ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، ئادەتتە DIVX ياكى XVID كود شەكلى قوللىنىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا بۇ كىشىنى «ئىچەي دېسەم سېسىق ئېشىم، تۆكەي دېسەم ئېسىت ئېشىم » دېگەن ھېسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدىغان فىلىم شەكلى. ئادەتتە ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان يۆتكىلىشچان ئەسلىھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ. كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ .
Bj6ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
Bj6ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
AVI ـــــــ گەرچە كونا شەكىل بولسىمۇ يەنىلا كۈچىدىن قالمىغان AVI نىڭ ئىنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Audio Video Interleaved، يەنى ئاۋاز چاستوتىسى، كۆرۈنمە چاستوتا گىرەلەشكەن شەكىل، ئۇ ئاۋاز ۋە تەسۋىرنى ماس ھالدا گۇرۇپپىلاپ بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆججەت شەكلى. ئۇ كۆرۈنمە چاستوتا ھۈججىتىگە نىسبەتەن بىر تۈرلۈك بۇزۇپ پىرىسلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان، بىراق يۇقىرى دەرىجىدە پىرىسلىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى سۈپىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى يەنىلا ئىنتايىن كەڭ.
Bj6ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
1080Pــــــــــ1080P بولسا، ئامېرىكا كىنو، تېلېۋىزىيە ئېنژىنىرلار جەمئىيىتى بەلگىلىگەن ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەقەملىك تېلېۋىزىيە شەكىل ئۆلچىمى بولۇپ، ئۈنۈملۈك كۆرسىتىش شەكلى بولسا: 1920×1080، پىكسېل سانى 2 مىليۇن 73 مىڭ 600. 1080P ئېلىپ كەلگەن يۇقىرى سۈپەتتىكى سۈرەتلەر ئىستېمالچىلارغا ھەقىقىي ئائىلىۋى كىنوخانىدىكى ئاڭلاش، كۆرۈش سەزگۈسىنى ئاتا قىلدى، ئۇ باشقا بارلىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى شەكىللەر بىلەن پۈتۈنلەي سىغىشالايدىغان بولغاچقا، ئاممىبابلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، كەلگەسىدىكى ئون نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەھسۇلاتلار مودىدىن قالمايدۇ. ئىلگىرلىمە تىپتىكى مەھسۇلاتقا تەۋە. 1080P فىلىملىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، 1080P مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى بارغانسېرى ئېنىق گەۋدىلىنىشكە باشلىدى .
Bj6ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
AC3ــــــــ كۆپ ئۇچرايدىغان فىلىم، ئاۋاز چاستوتا شەكلى .
Bj6ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
BD بولسا BLUE DISK نىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچىدا «كۆكنۇر فىلىم دىسكىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى كۆكنۇر فىلىم دىسكىسىغا ئويۇلغان كۆرۈنمە چاستۇتا، ئاۋاز چاستوتا ھۆججەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، تەسۋىرلەرنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. كۆكنۇر كەلگۈسىدىكى ساقلاش ۋە ماتېرىيال بىر تەرەپ قىلىش يۈزلىنىشى بولۇپ قالىدۇ .
Bj6ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
سازىم تورى توردىن رەتلەپ تەرجىمە قىلدى ، ئىزدىنىش ئەھلىگە سۇندى .