سەۋزە تەركىبىدە مول مىقداردا كاروتىن بار بۇلۇۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئورۇقلاشنى ئارزۇ قىلدىغانلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا قىممەتلىك يىمەكلىك ھىساپلىنىدۇ،
كۆپىنچە ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىغان ئادەملەرنىڭ ماددا ئالمىشىشى ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن بۇلىدۇ، دەۋرىيلىشىشىمۇ ياخشى ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بەدەندە كۆپ مىقداردا ماي يىغىلىپ قالىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى سەمىرىپ ماڭىدۇ، ئەمما سەۋزە شەربىتى بولسا بىر كۈچلۈك پىچاققا ئوخشايدۇ، بۇ خىل يامان خارەكتىرلىك ياخشى بولمىغان ماددا ئالمىشىشنى كىسىپ تاشلايدۇ، شۇڭا گۈزەللىكنى سۈيىدىغان گۈزەل خانىم - قىزلار ھەر كۈنى بۇنداق مول ئۇزۇقلۇقتىنن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيەنە قەۋزىيەتنىمۇ داۋالايدۇ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۈرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، بۇ بولسا ھورۇن ئورۇقلۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دورا، بىر تەرەپتىن ئورۇقلاتسا يەنە بىر تەرەپتىن سالامەتلىككە پايدىلىق، ئورۇقلاشنى خالايدىغانلار سەۋزە شەربىتىنى ئىچىپ بەرسە تاماقتىن ئۆزىنى چەكلىمىسىمۇ 8 ئاي ۋاقىت ئىچىدە 10 كىلوگىرام ئورۇقلىيالايدۇ.
سەۋزە شەربىتى ئورۇقلىتىپلا قالماستىن يەنە چىراي گۈزەللەشتۈرىدۇ،
سەۋزە بولسا چىراي گۈزەللەشتۈرۈپ ، ئورۇقلىتىدۇ، بىراق بەك كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، ھەر بىر ئىشنىڭ بىر چەكلىمىسى بۇلىدۇ، سەۋزە ئىستىمال قىلىش مىقدارى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتكەندە تۇخۇم بىلەن سېرىق تەنچىنىڭ بىرىكىشگە تەسىر يىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاجىرالمىلار ئاز بۇلۇش، ھەتتا ئادەت كەلمەسلىك ، تۇجۇم چىقارماسلىق، ئادەت قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىلىنىشى نېرۋا خارەكتىرلىك يىمەكلىكتىن بىزار بۇلۇش ، ھەيىز كەلمەسلىك ، قان ئالغاندىمۇ قان تەركىبىدىكى كاروتىننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلىدۇ،
شۇڭا سەۋزىنى يەپ ئورۇقلاش ئۈچۈنمۇ يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە بۇلىشى كېرەك، بەك ئېشىپ كەتسە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ، ئۇنداقتا تۆۋەندە سەۋزىنى قانداق ئىستىمال قىلغاندا ساغلام ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ كۆرۈپ باقايلى.
سەۋزە شەربىتى؛
ماتىريال؛ يېڭى سەۋزە 2 تال
ياساش ئۇسسۇلى؛ سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ يۇمىلاق شەكىلدە توغراش.
توغراپ بولغان سەۋزىنى ئېزىش ماشىنىسىغا سېلىپ شەربىتىنى چىقىرىپ ئىستىمال قىلسىڭىز بۇلىدۇ،
ھەر كۈنى تاماقتىن بۇرۇن، 1-2 ئىستاكان ئىچىش، يىمەكلىكتىن پەرھىز قىلىشىڭىز ھاجەتسىز، ئەگەر 1ئايلا داۋاملاشتۇرۇپ ئىچسىڭىز 5 كىلوگىرام ئورۇقلىيالايسىز.
سۇدا پىشۇرۇلغان سەۋزە.
ماتىريال؛ 2 تال سەۋزە
ياساش ئۇسسۇلى ؛ سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ ، ئايرىم- ئايرىم توغراش
قازانغا ئىككى چىنە سۇ قۇيۇپ توغراپ تەييار قىلغان سەۋزىنى قازا نغا سېلىپ قاينىتىپ ، سەۋزى يۇمشىغانغا قەدەر قاينىتىش.
ھەر كۈنى ئەتىگەن ئاچ قورساق سەۋزە سۈيىدىن ئىچىپ بەرسىڭىز ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى ، چۈشتە ، كەچتە ئىچسىڭىزمۇ بۇلىدۇ،
ھەرخىل سالات قىلىش.
ماتىريال؛ ياپىلاق پۇرچاق، سەۋزە، قىزىل تاتلىق لازا ، سۆسۈن رەڭلىك كاپۇسكا، قەنىتسىز قېتىق، ئالما، ھەسەل، تۇز، قاتارلىقلارنى تەييارلايسىز .
ياساش ئۇسسۇلى؛ ھەممە سەي- كۆكتات خۇرۇچلارنى توغراپ سوغۇق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز، ئاندىن ھەممىنى بىر قاچىغا ئېلىپ ئاندىن ئۈستىگە قېتىق ، ھەسەل ، تۇز ، تاتلىق لازا ، زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنى قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كىيىن ئىستىمال قىلسىڭىز بۇلىدۇ.