ھۆسىناجى ئابدۇرىھېمRqvئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
Rqvئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
1. تېلېۋىزورنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن – قىسقا بولۇشى ئادەتتە تېلېۋىزورنىڭ ئېكرانى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، باھاسى قىممەت بولغاچقا، ئەڭ مۇھىم ئاسرىلىدىغان تەرەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئامال بار تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ تەۋرىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تېلېۋىزور ئوچۇق ھالەتتە ياكى تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋېتىپ كەينىدىنلا ھۆل سۈرتكۈچ بىلەن ئېكراننى سۈرتۈشكە، شۇنىڭدەك سوغۇق سۇدەك نەرسىلەرنى تېلېۋىزور ئېكرانىغا تەگكۈزۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ پارتلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.Rqvئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
2. تېلېۋىزورنى تۆۋەنرەك يورۇقلۇق ھالىتىگە تەڭشەپ كۆرگەندە، مەنپىي قۇتۇپ قويۇپ بەرگەن ئېلېكتىرون سانى بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە نىسبەتەن ئازراق بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ بالدۇر كونىراپ بۇزۇلۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئېلېكتىر بېسىمى تۇراقلىق بولمىغان رايونلاردا، ئەڭ ياخشىسى بېسىمنى تۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى سەپلەش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ تۇراقلىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن مەنپىي قۇتۇپ تاختىسىنىڭ بالدۇر كونىراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.Rqvئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
3. تېلېۋىزورنى قالايمىقان ئېچىپ – ئۆچۈرگەندە، ئېكران ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئېلېكتىرون زاپچاسلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى ھەر قېتىم تېلېۋىزور قويغاندا، ئۇرغۇما ئىمپۇلىسلىق توك بېسىمى ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، ئېكراننىڭ كونىراش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتا ۋاقىتلىق ئۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال يورۇقلۇق دەرىجىسى بىلەن ئاۋازنى تۆۋەنلىتىش، كۆرىدىغان چاغدا قايتا يۇقىرىلىتىپ تەڭشەپ كۆرۈش كېرەك.Rqvئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
4. تېلېۋىزورنى ئەڭ ياخشىسى ئورنىدىن كۆپ يۆتكىمەسلىك، بولۇپمۇ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتا خالىغانچە ئورنىدىن قوزغىماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا ئېكران چىراغ قىلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېلېۋىزورنىڭ ئەتراپىغا ئامال بار رادىيو، ئۈنئالغۇ، ياڭراتقۇ قاتارلىق كۈچلۈك ئېلېكتىر مەيدانى ھاسىل قىلىدىغان بۇيۇملارنى، شۇنداقلا ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئىسسىقلىق تارقىتىدىغان ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنى قويماسلىق كېرەك. بولمىسا ئۇلار تېلېۋىزورنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.Rqvئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
Rqvئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
Rqvئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى