ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى يېرىم يىلدا 400 كىلوگىرامدىن ئارتۇق زەھەرنى قولغا چۈشۈردى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، زەھەر چەكلەش تارماقلىرى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا زەھەرگە چېتىشلىق دېلودىن277 نى پاش قىلىپ، 421 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، 412 كىلوگىرام زەھەرنى قولغاچۈشۈرگەن. ساقچى دائىرىلىرى يېرىم يىلدىن بۇيان زەھەرگە چېتىشلىق 37 ئورۇننى تەكشۈرۈپ، يەتتە جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى يوقاتقان، 14 دېلوغا چېتىشلىق 26 ئادەمنى تۇتۇپ، 412.73 كىلوگىرام زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 21.22 كىلوگىرام خىروئىن، 25.05 كىلوگىرام كىرىستال زەھەر، 0.19 كىلوگىرام كىرىستال زەھەر تابلېتى، 16.13 كىلوگىرام كېتامىن، 350.14 كىلوگىرام نەشە بار ئىكەن. پاش قىلىنغان دېلولار ئىچىدە زەھەر مىقدارى 100 گىرامدىن ئاشىدىغان دېلو 61، بىر كىلوگىرامدىن ئاشقان دېلو 20، 10 كىلوگىرامدىن ئاشقان دېلو بىر ئىكەن. زەھەر چېكىدىغان 1764 ئادەم تەكشۈرگەن،987 ئادەم مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇلغان، 777 ئادەم مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان. ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى زەھەر چەكلەش ئىنكاس قىلىش تېلېفونى: 4914992-0991، 4914976 نى ئېلان قىلدى.