ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قانۇنچىلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي لىفىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترەتلىرىدە مەخسۇس قاتناش قائىدىسىگە خلاپلىق قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش سۇپىسى تەسىس قىلىنمىغان بولۇپ ، شوپۇرلار ئەگەر ئۆزىنىڭ قائىدىگە خلاپلىق قىلغانلىقىدىن گۇمانلانسا ، چوقۇم ج خ ئورگانلىرىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈشى ، توردا ۋە جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىكى كېرەك ئىكەن .
توردا ئېقىپ يۈرگەن ئاتالمىش « 8 ماددا » ئاساسەن ئەسلىدىنلا بار بولۇپ ، بەزىلىرىنىڭ جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلغان . بەزىلىرى ئۆزگەرمىگەن . قاتناش ساقچىلىرى بۇ « 8 ماددا » غا تۆۋەندىكىچە ئېنىقلىما بەرگەن :
1 . قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتسە 6 نومۇرى يىرتىلىپ ، 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ .
قاتناش ساقچىسى : بۇ قىسمەن توغرا . بۇ يىل 1 – يانىۋاردىن باشلاپ ، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەن شوپۇرلارنىڭ 6 نومۇرى يىرتىلىپ ، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ .

2 . ھاراق ئىچىپ ئاپتومۇبىل ھەيدىسە 5 يىلغىچە پراۋا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ .
قاتناش ساقچىسى : بۇ توغرا ئەمەس . بۇ يىل 1 – يانىۋاردىن باشلاپ ، ھاراق ئىچىپ ئاپتومۇبىل ھەيدەش بىلەن مەست ھالەتتە ئاپتومۇبىل ھەيدەشكە پەرقلىق جازا قوللىنىلىدۇ :
ھاراق ئىچىپ ئاپتومۇبىل ھەيدىگەن شوپۇرنىڭ پراۋىسى 6 ئاي تۇتۇپ قېلىنىدۇ ، 12 نومۇرى يىرتىلىدۇ ھەم 1000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ . بىر قېتىم ھاراق ئىچىپ ئاپتومۇبىل ھەيدەپ جازالانغاندىن كىيىن ، يەنە ھاراق ئىچىپ ئاپتومۇبىل ھەيدىگەنلىكى بايقالسا ، شوپۇر 10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدۇ ، 1000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەم پراۋىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ . ھاراق ئىچىپ ترانسپورت ئاپتومۇبىللىرىنى ھەيدىگەن شوپۇر 15 كۈن توختىتىپ قويۇلىدۇ ، 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ، پراۋىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش بىلەن بىللە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ . 5 يىل ئىچىدە قايتا پراۋا ئېلىش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
مەست ھالەتتە ئاپتومۇبىل ھەيدىگەن شوپۇرلارنىڭ پراۋىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ھەم 5 يىل ئىچىدە قايتا پراۋا ئېلىش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ . مەست ھالەتتە ترانسپورت ئاپتومۇبىللىرىنى ھەيدىگەن شوپۇرلارنىڭ پراۋىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ھەم 10 يىلغىچە پراۋا ئېلىش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ . چەكلەش مۇددىتى توشۇپ قايتا پراۋا ئالغان ھالەتتىمۇ ترانسپورت ئاپتومۇبىللىرىنى ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ .
ھاراق ئىچىپ ياكى مەست ھالەتتە ئاپتومۇبىل ھەيدەپ ، پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان ھەم جىنايەت شەكىللەندۈرگەن شوپۇرلارنىڭ پراۋىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ، شۇنداقلا ئۆمۈرۋايەت قايتا پراۋا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ .
ئاددىي رېتسىپ
ياڭاقنىڭ شىپالىق رولى
بوۋاقنى چاقماق لامپا يورۇتۇپ سۈرەتكە تارتماڭ
راك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مىۋىلەر
باش پىياز بىلەن كۆيۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ
چىلاننى قانداق يېگەندە قان تولۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ؟
ئىلمىي ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى بىلگىڭىز بارمۇ ؟
ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقىسىز بولۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك؟
تېلېۋىزورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۇسۇللىرى
يېڭى تۈزۈلگەن « موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش كېنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى »
ھورۇنلارنىڭ ئورۇقلاش يىمەكلىكى سەۋزە
جۇڭگودىكى يېيىش مودا بولۇۋاتقان 10 زەھەرلىك يىمەكلىك
نىمىشقا چېچىڭىز چۈشىدۇ ؟
مائۇس ۋە ساغلاملىق ھەققىدە ئىككى كەلىمە
يېڭى تۈزۈلگەن « موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش كېنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى »
تېلېۋىزورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۇسۇللىرى
سېرىقئاش بىلەن لەڭپۇڭدا ئۇزۇقلۇق بارمۇ ؟
قىزىل كىيىم تېرىنى ئاسرايدۇ
پاكارلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيمەسلىكى لازىم
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ زىيىنى
