دۇنيادا نارەسىدىلەرنى داۋالاشتىنمۇ مۇشكۇل ئىش بولمىسا كېرەك.
نارەسىدىلەرگە سوغۇق تىگىپ يۆتەلگەندە بىچارە ئانىلارنىڭ يۈرەكلىرى زەرداپقا تولىدۇ.سەۋەبى نېمە بىرىشنى بىلمەي بىشى قاتىدۇ.
شۇڭا مۇشۇ ئاغرىقنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى بارمىدۇ دەپ ئىزدەشتۇرۇپ يۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى تاپقاندەك بولدۇم.
بىر قوشۇق ئارپىبەدىيان بىلەن قارا ئەندىزىنى ئارلاشتۇرىمىز.ئاندىن ئۇنىڭ ئۇستىگە بىر ئىستاكان سۇ قۇيۇپ چىم -چىم قاينىتىمىز.
كېيىن ئۇنى سۈزۈپ بوۋاققا ھەر ئىككى سائەتتە چاي قوشۇقتا بىر قوشۇقتىن بىرىمىز .بۇ دورا بوۋاقنىڭ يۆتىلىنى چاپسان باسىدۇ.
بىر كۈنى يېزىدا تۇردىغان كىچىك ئانا مېھمانغا كېلىپ قالدى .پاراڭدىن پاراڭ چىقىپ ئۇ؛
-كېچىسى تەرلەيدىغان بىر ئەسكى ئاغرىققا ئۇچىراپ قالدىم .چىلىق-چىلىق سۇ ئىچىدىلا ئۇخلايدىغان بولدۇم .ئوغرى تەرمىكىنتاڭ-دېدى بىپەرۋالىق بىلەن .
ئوغرى تەر ،جان تەر دېگەنلەردىن خەۋرىم يوق ئەمما كېچىسى تەرلەش بويچە يۈرگۈزگەن تەجىربە يادىمغا چۇشتى.كىچىك ئانىغا شۇنى ئېيتىپ ئەتىگەن دورا بىرەي دەپ خاتىرجەم قىلدىم ئەتىسى ئۇنىڭغا بىر بولاق چايكۆكات ،بىر بولاق بولجۈرگەن يوپۇرمىقى تەييارلاپ بەردىم
-ئالدىدا مۇنۇ قوي بولجۈرگىنى يۇپۇرمىقى دەملەپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم ،ھەر قېتىمدا ئوتتۇز گىرامدىن تاماقنىڭ ئالدىدا ئېچىڭ ،ئون كۈندە ھەممىسى ئايان بولىدۇ .ئەگەر بۇ كار قىلمىسا مونۇنى دەملەپ ئېچىڭ – دەپ شالفىي دېگەن كۆكاتنى بەردىم .
كېيىن كىچك ئانا مۇشۇ رىتىسىپنى ئېشلىتىش ئارقىلىق تەر بىسىلغانلىقىنى ،كېچىسى تەرلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى ..ھەم بۇ تەجىربىنى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلدىم .
بىزنىڭ مەھەللىنىڭ يۇقىرسىدا دورا-دەرمەك ساتىدىغان بىر جاي بار ئىدى.ئۇنىڭ سېتىقچىسسى تونۇش ئادەم ئىدى .
بىر كۈنى ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سوراي دەپ بارسام دۇكان يىنىدا بىر چوكان تۇرۇپتۇ. ئالدىدا خىرىدار جىق ئىكەن .بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ سېتىقچى چوكانغا بىر پاچكا بەردى .ئۇ دەررۇلا پىلاتىنىڭ ئىچىگە يوشۇردى.
- نېمە ئېلىۋاتىسىز – دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن .
- چاققاق. دوختۇرلار سېڭلىمغا < قېنىڭ سۇيۇق ،شۇنىڭ ئۈچۈن پات-پاتلا بۇرنۇڭ ،چىشلىرىڭنىڭ تۈۋى قانايدۇ ،چاققاق دۇملەنمىسىنى ئىچ >دېگەنكەن.
چاققاق ئۆسۇملىكى ياخشى دورا ئىكەن ،تونۇشلار ئارقىلىق تېپىۋاتىمىز.
بىر سىقىم قۇرۇتۇلغان چاققاق يوپۇرمىقىنى يىرىم لىتىر سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ،تاماقتىن يىرىم سائەت ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 75 گراملىق ئېستاكاندا بىر ئىستاكاندىن سېستىمىلىق ئىچىپ تۇرسا ئوڭشىلىدۇ،گېموگلوبىن كۆپىيدۇ ،يۈرەك رېتىمى تەرتىپكە چۇشىدۇ.
ئادەتتە بۇ ئاغرىق بىلەن ئادەم بەش-ئالتە كۈن چوقۇم گالۋاڭ بولىدۇ.ئۇنىڭدىن چاپسان قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىش شەرت
توملىقى ئوخشاش 7-8 دانە چوكا ئېلىپ ئۇنى يەل تۇرۇپ قالغان يەردە < ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ ياردىمىدە>
ئۇياقتىن -بۇياققا ينىڭ ۋە ئاستا دۈگلىتىلدۇ.ئارىدىن بەش -ئالتە مېنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يەل تۇرۇپ قالغان يەر قىزىرىشقا باشلايدۇ.شۇ ئەھۋال يۈز بەرگەندە چوكىلارنى دۈگلىتىش توختىتىلدۇ.
بىرىنچى قېتىمنىڭ ئۆزىدىلا يەل تۇرۇپ قالغان يەردىكى تارتىشىش خىلىلا يىنىكلەيدۇ.
شۇنىڭغا قارىماي چوكىنى دۈگلىتىشنى ئېرىنمەي شۇ كۈنى چوقۇم ئىككى-ئۈچ قېتىم تەكرارلاش كېرەك.
پەقەت شۇنداق بولغاندىلا يەل تۇرۇپ قالغان جايدىكى ئۇششاق قان -تومۇرلىرىدىن قان يۈرۈشۈپ بويۇن ،غولدىكى ئاغرىق بېسىلىدۇ.
چاچنىڭ چۇشۇشى ئادەەمنىڭ ھارارىتىنىمۇ كۆتۇرمەيدۇ.جاننى قاخشىتىپ بىئاراممۇ قىلمايدۇ.بىراق ھېچكىمنىڭ بالدۇرلا تاقىر باش بولۇپ قالغۇسى كىلىدۇ دەيسىز بۇ بىر خىل ئەندىشە ئىكەن بولۇپمۇ قىزلارنى بەكرەك غەم -ئەندىشىگە سېلىپ قويىدىكەن .
مېنىڭمۇ چىچىم تۆكۈلگەن .چىچىمنىڭ تۆكۈلگىننى ئاز دېگەندەك بىشىمدىكى ئاقمۇ كۆپىيىپ كېتىپ باراتتى.
شۇنىڭ بىلەن مەن چوغلۇق گۈلى،قېرىقىز يىلتىىز،يۆتەلئوت،چاققاق ۋە ئىگىر يىلتىزىدىن ئىلىپ يىرىم لىتىر قايناتما تەييارلىدىم ھەر ئاخشىمى يېتىش ئالدىدا 75 گىراملىق ئىستاكاندا بىرنى ئۆلچەپ ئالدىم -دە ئۇنى ئىلمان قىلىپ چىچىمنى ئېرىنمەي مايلىدىم ۋە تىگى -تىگىگە ئۆتسۇن دەپ تارىدىم .لاتىدىن تىكىلگەن شەپكەمنى كىيىپ يېتىپ قالدىم .
بىر ھەپتە دەم ئىلىپ يەنە بىر ھەپتە داۋالاندىم .ئاندىن ئالتە ئايدىن كېيىن يەنە بىر داۋالاندىم .چىچىمنىڭ تۆكۈلىشى پەيدىنپەي ئازلىدى چىچىم مايلىغاندەك پاقىراپ تۇردىغان بولدى.
بىر مەزگىلدىن كېيىن بىشمغا چاچ چىقىپ چاچنىڭ تۆكۈلىشىمۇ ،ئاقمۇ توختىدى.
بۇ بەكمۇ كۈچلۈك دورا چاچنىڭ تۆكۈلىشىنى ،باشتىكى كىپەكنى يوقۇتۇش مەقسىتىدە يۇقىرىدا نامى زىكىرى قىلىنغان بەش خىل شىپالىق گىياھنى ئىزدەپ تېپىش شەرىت ئەمەس.مەزكۈر گىياھنىڭ بىرىنىمۇ ئىشلەتسە بولىدۇ.
قېرىقىز،ئىگىر،چوغلۇق گۈل يىلتىزىدىن < قۇرۇتۇپ ئۇۋىتىۋالغان بولسا چوڭ قوشۇقتا بىر قوشۇق> چاققاق بىلەن يۆتەلئوتتىن يوغان بىر چىمدىمدىن ئىلىپ يىرىم لىتىردىن سەل كۆپرەك سۇدا ئالتە-يەتتە مېنۇت قاينىتىلدۇ.
ئاغزى يىپىق ھالدا سوۋۇتۇلىدۇ،سۈزۈلىدۇ ۋە ئاغزى بۇراپ يىپىلدىغان بوتۇلكىغا قاچىلىنىپ توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ.
ئىشلىتىلشى:
كۈنىگە بىر قېتىم .ئاخشىمى ئورۇنغا كىرىش ئالدىدا 75 گىراملىق ئىستاكاندا بىر ئىستاكان قايناتما ئىللىتىپ ،باشقا ئېرىنمەي چېپىلىدۇ ۋەباش ياغلىقتا تېڭىلدۇ.
مەنبە:كامال ھىسامىدىنوفنىڭ < مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى>دېگەن كىتابىدىن ئىلىندى.