• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ھامىلىگە زىيانلىق خىزمەتلەر

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    . قوغۇشۇن ، سىماب قاتارلىق مېتاللار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئاياللار . بۇنداق ئاياللار ھامىلدار بولسىمۇ ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدۇ . سىماب ھامىلىنى غەيرىي يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ ، قوغۇشۇن بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . گۇڭگۇرت تۆت ئوكسىدى ، كىسلېن ، فېنېل ، بېنزىن قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ .
    2 . يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ، شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار . بۇنداق مۇھىت ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز .
    3. ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە تەتقىقاتى ، تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى رادىئاتسىيە نۇرى بار جايدا ئىشلەيدىغان ئاياللار . ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە ھامىلىنىڭ كۆرۈنمەس قاتىلى بولۇپ ، ھامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ ، ھەتتا غەيرىي يېتىلىش ۋە ئۆلۈپ قېلىشتەك ئەھۋاللارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    4 سېسترالار . بۇلار دائىم ھەر خىل ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا ، ھەر خىل كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ئۇلارغا ئەڭ يېقىن بولىدۇ . بەزى ۋىرۇسلار ھامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ .
    5. نۇرغۇن دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئاياللار ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ ، بويىدىن ئاجراش ، ھامىلە غەيرىي يېتىلىشپ قېلىش ، ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز تۇغۇلۇشتەك ئەھۋللارغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . دېھقان ئاياللارمۇ بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك .
    ئادىرسىمىز
    يىڭىلانغان بالىلار بىلىملىرى
    ئەڭ يىڭى ھامىلدارلىق بىلىملىرى