" دوۋن سىندورومى كېسەللىكى " ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان خروموزومنىڭ نورمالسىزلىق كېسلى بولۇپ، تەخمىنەن يېڭى تۇغۇلغان بەش–ئالتە يۈز بوۋاقنىڭ ئىچىدىن بىرەر سىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ خروموزومالىرى ئىچىدە بىرخىل خروموزوما ( 21–نومۇرلۇق خروموزوغا) كۆپىيىپ كېتىدۇ. دوۋن سىندرومى كېسلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىدىن ئېغىر دەرىجىگە ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە تۇغما يۈرەك كېسىلى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بەش ئەزانىڭ يېتىلىشىدىمۇ نورمالسىزلىق بولۇپ، ئىككى قولى " قىسقا" بولۇپ قېلىش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. بىر قىسىم دوۋن سىندورومى كېسەللىكخەە گىرىپتار بولغان ھامىلىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق نورمالسىزلىقىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. يەنى ئۆسۈپ–يېتىلىشى كېيىن بولۇپ، ئۈچەي يولى توسالغۇغا ئۇچراش، بوينىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى تېرىسى قېلىن ۋە پۈرۈم –پۈرۈم بولۇش، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋە پۇت–قوللىرى كىچىك بولۇش قاتارلىقلار. بىراق، بۇرۇنقىدەكلا يېرىمىدىن كۆپرەك دوۋن سىندورومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىلەر ، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندىمۇ بولغان–بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلشتىكى ئەڭ توغرا ئۇسۇل " باش سۈيىنى تېشىش" ئۇسۇلى ياكى " كىندىك ۋېناسىنى تېشىش" ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھۈجەيرىدىكى خروموزومقغا قارىتا تەھلىل ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئازراق خەتەرلىك ( % 3 ئەتراپىدا بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ) شۇنداقلا تەكشۈرتۈش ھەققىمۇ بەك قىممەت. ھەر بىر ھامىلدار ئايال بۇ خىل تەكشۈرتۈشنى ئېلىپ بارالىشى ناتايىن، ئىلگىرى پەقەت ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلگەن ھامىلدار ئاياللارغا دوختۇر مۇشۇنداق قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن، يېقىندا ئانا قېنىنى خىمىيىۋى ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ، دوۋن سىندورومى كېسەللىكلەرنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى پەيدا بولدى. ئانا قېنىنى ئېلىپ قالغاندىن كېيىنكى تەكشۈرتۈش نەتىجىسگە ئاساسەن، دوۋن سىندورومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان–بومىغانلىقىنى، خەتەرلىك نىسبىتىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەسىلە بولۇپ قالسا، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا " تېشىش ئوپېراتسىيىسى" قىلىپ، باش سۈيىدىكى ياكى ھۈجەيرىسىدىكى خروموزمانى تەكشۈرۈپ –بولمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.