باش پىتلاپ كېتىشنىڭ چارىسى نېمىدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم بىرزات ئەپەندىم. تولىمۇ خىجالەتتە مېنى قىيناپ  بىئارام قىلىۋاتقان بىر ئىش توغۇرلۇق ئۆزلىرىدىن مەسلەھەت سوراي دەپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن. بۇ گەپنى ئۆز ئانىسىدىن باشقا بىر كىمگە ئېيتماق ھەقىقەتەن تەس ئىكەن. ئەيىپكە بۇيرىماي ماڭا بىر يول كۆرسەتكەيلا. تازىلىققا شۇنداق دېققەت قىلىمەن بولمىسا، يەنە نېمە ئۈچۈندۇر بېشىم تولا قىچىشىپ بەك قىينىۋەتتى، ئىشلىتىۋاتقان چاچ سوپۇنلىرىم خىل كەلمىگەن ئوخشايدۇ دەپ قىممەت باھالىق سوپۇنلارنى ئىلىپ ئىشلىتىپ باقتىم، يەنىلا ئوخشاش، بىر قېتىم ماڭلىيىمدا ئىنتايىن كىچىك بىر ھاشارەت ماڭغاندەك بولىۋدى ئاستا ئىلىپ قاراپ باقتىم، ئۆمرۈمدە كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر مەخلۇق ئىكەن. مىجىپ ئۆلتۈرۋېتەي دېسەم ھېچ ئۆلىدىغاندەك ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن چوڭلارنىڭ پىت ھەققىدىكى گەپلىرى ئېسىمگە كىلىپ ئانامغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتسام دېگەندەك شۇ پىت ئىكەن. ئاناممۇ بۇنىڭ چارىسىنى بىلمەيدىكەن.ئاناممۇ پىت دېگەننى قىز بالا ۋاقىتلىرىدا كۆرۈپتىكەن. ھازىرمۇ پىتنىڭ بارلىقىدىن قاتتىق ھەيران قىلىۋاتىدۇ.  باشقىلارنىڭ ئالدىدا بېشىمنى قاشلاپ قىلىشتىن شۇنچە ئەندىشە قىلىپ تۇرىمەن.مۇشۇ ئىش كاللامغا كىرىۋىلىپ دەرسلىرىممۇ تۈزۈك كاللامغا چۈشمىدى. ساۋاقداشلىرىمدىن بىرەرسىگە قاراپ قويغىن دېيىشتىن تېخى نۇمۇس قىلدىم، ئوغۇلبالا بولغان بولسامغۇ چېچىمنى چۈشۈرۈپلا قۇتۇلاتتىم. بۇ مەخلۇقنىڭ ماڭا قانداقلارچە يۇقۇپ قالغانلىقىنى ھېچ بىلەلمەي قالدىم.  باشقىلارنىڭ پالاكەت باسقان، نەس باسقان ئادەمنى <<پىت بېسىپتۇ>> دېگەن گېپىنىڭ تەكتىگە ئەمدى يېتىۋاتىمەن. 80خالتا بلوگىنى شۇنچە ئاقتۇرۇپمۇ بۇ ھەقتە بىرەر ئۇچۇرغا ئىرىشەلمىدىم. ماڭا چاچ ھەم باشقا زېيان قىلمىغان ئاساستا مۇشۇ پىتنى يۇقۇتىدىغان بىرەر دورا ياكى ئەڭ ئاسان ئاددىي چارىسى بولسا كۆرسەتكەن بولسىلا، رەھمەت.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:

ھەقىقەتەن جاپادا قاپسىز، ھازىرقى ۋاقىتتا ئىزدىسىمۇ تاپقىلكى بولمايدىغان بۇ <<ئارزۇلۇق>> نىڭ سىزنىڭ بېشىڭىزنى ماكان تۇتۇپ سىزگە مالاللىق يەتكۈزگىنى ئوبدان بولماپتۇ.  پىتنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيمەن، لىكىن بۇنىڭ مەينەتچىلىك، كىر-قاسماق يۈرۈيدىغان كىشىلەردە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئەپسۇسكى سىزدەك تازىلىققا تولۇق ئەھمىيەت بىرىپ پاكىز يۈرۈيدىغانلارغىمۇ باشقىلاردىن يۇقۇش ئارقىلىق <<ھۇجۇم>> قىلىشى مومكىن. بەلكىم ياتاقداشلىرىڭىزنىڭ بىرەرسىدىن يۇققان بولىشى، ياكى سىز ئولتۇرغان ئاپتۇبۇس، بولۇپمۇ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسلارنىڭ كىرلىكلىرىنى ئوبدان تازىلىمىغانلىق سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ بەدىنىدىن چۈشۈپ قالغان پىتلار سىزنىڭ چېچىڭىزغا كىرىۋىلىپ كۆپەيگەن بولىشىمۇ مومكىن.

ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك بۇنىڭ چارىسى مۇنداق: ئىچ كىيىم، يوتقان كىرلىكى دېگەنلەرنى ئىمكان بار يۇقۇرى قىززىقلىقتىكى سۇدا يۇيۇپ ئاپتاپقا قاقلاش، بەدەن تازلىقىنى ياخشى قىلىش، بولۇپمۇ قولتۇق دېگەندەك ئورۇنلارنى ياخشى ئېرىغداپ تۇرۇش كېرەك. چاچنى چۈشۈرمەي تۇرۇپ كىرىۋالغان پىتلارنى يوقۇتۇشتىكى ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل شۇكى:

پىت كۆپ بولۇپ كەتكەن بولسا ئاۋۋال سۈزگۈچ(پىتلاپ كەتكەن چاچ ياكى ھايۋانلارنىڭ تۈكىنى تازىلايدىغان چىشلىرى زېچ بولغان تارغاق) تە چاچنى سۈزۈپ بىر قېتىم ئېرىغداپ بولۇپ ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىرىتىلگەن قوي يېغىغا بىر-ئىككى قوشۇق سىمابنى ئارىلاشتۇرۇپ چاچنىڭ يېلتىزى مايلىنىدۇ. سىمابنى ياغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇشتا خىلى ئۇزۇن بىر نەرسىدە قوچۇش ياكى قول بىلەن مۇجۇش كېرەك. سىماب ياغدا ئىرىپ ئۇششاق مەرۋايىتتەك پارقىراپ ياغ بىلەن يېيىشىپ بولغاندا ئاندىن چاچ يىلتىزىنى ياغلىسا بولىدۇ.چاچ مايلىنىپ بىردەم جىممىدە ئولتۇرسىڭىز چاچ ئارىسىغا كىرىۋالغان پىتلار ئۆزلىكىدىن پىشانە، ماڭلاي، قۇلاق ئارقىسى دېگەندەك جايلاردىن سىرتقا ئۆمۈلەپ چىقىدۇ، شۇ ۋاقىتتا بىر-بىرلەپ تۇتۇپ يوقاتسىڭىز بولىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە چىقالماي قالغانلىرى ۋە ئۇنىڭ سىكە (بالىلىرى) لىرى ئۆزلىكىدىن يوقىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى چوڭلاردىن تولا ئاڭلىغان ئىدىم. ھەم بىر قېتىم مۇشۇ ئىشنىڭ شاھىدى بولۇپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەن بولغاچقا بۇنى سىزگە ئىشەنچ بىلەن ئېيتتىم. ئازابلىرىڭىزدىن قۇتۇلۇپ ئارام تېپىپ قالغايسىز.   

____ بىرزات

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      ippar

      چىچىڭىزنى چۇشۇرۇڭ ، بۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاپام دايىم شۇنداق قىلاتتى .

    • #2

    • #3
      SAHLIK

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم:مىنىڭ دۋسۇنۇمنىڭ ئوڭ تەرپى ئاغىرىدىغان بوپ قالغان ،دوختۇرغا بارسام
      كۆرۈپ ئۇرۇق تۇشۇش نەيچسى تۇسۇلۇپتۇ دىدىمۇ،ئىشىۋاپتۇ دىدىمۇ ئىشقىلىپ ئاپىراتسيە قىلىمز دەپ يەنە بىر دوختۇرنىڭ يىنىغا بۇيرىغان ئۇ دوختۇر كورۇپ ،ئىسسق ئۆتكۈزۈپ بەر دەپ ئەززانلا بىر دورنى يىزىپ بىرىپ
      يەنە ئاغىرۋەرسە كەل ئوپىراتىسيە قىلىمىز دىگەن ،شۇنىڭ بىلەن دورىنى ئازلا ۋاقىت يىدىم بىراق 2ھەپتە ئىسسق ئۆتكۈزۈپ بەرسەم شۇ پىتى ئاغىرمىغان 3،4ئايدەك بولغان ئاغىرىمىغان ھازىر يەنە ئاغىرىۋاتىدۇ زادى قانداق قىلسام بۇلىدۇ مەسلھەت بەرسىڭىز.

    • #4

    • #5
      yultuzqolpan

      ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم:

      مەن بۇيىل 21 ياشقا كىردىم. ئوغۇل . ئىككى ئۇچ ئاي بولدى يەل سەۋەبىدىنمۇ بەدىنىمگە بىر نەرسىلەر چىقپ
      يېلىم تىشىپ كەتتى . خىلى ياخشى دورىلارنى يىدىم .ھەتتا تىلۋۇزۇردا ئىلان قلغان دورىلارنىمۇ يەپ باقتىم
      ئۇيغۇر تىبابەت دوختىرىلىرىغىمۇ كۆرۈنۈپ ئۇلارنىڭ يىزىپ بەرگەن دورىلىرىنىمۇ يەپ باقتىم ،بىراق تازا ياخشى مەنپەئەت قىلمىدى .بەدەنلىرىم بەك قىچىشىدۇ ، تاماقتىنمۇ پەرىز تۇتتۇم بىراق پايدىسى بولمىدى ،شۇڭا بۇنىڭ نىمە كىسەللىك ئىكەنلىكىنى ، قانداق داۋالاش ئۇسۇلى بارلىقىنى بىر دەپ بەرساڭلا .
      ماڭا بىر ياردەم قىلساڭلا دوسلىرىم .ئۆتۈنۈپ قالاي

    • #6

    • #7
      Muradil

      چاچنى چۈشۈرگەن بىلەن يەنە پەيدا بۇلىشى مۇمكىن.. ياخشىسى سۈزگۈچتە سۈزۈش، كۈندە بىر قېتىمدىن يىلىمان سۇدا چاچنى يۇيۇش، پوسما ياكى ياغلىق دىگەندەك نەرسىلەرنى ۋاقتىنچە باشقا ئارىتماسلىق كىرەك.
      سىز بىرزات ھەكىمنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە بىر ئىككى سوملۇق نەرسىلەرنى ساتىدىغان ھارۋۇلاردىمۇ سۈزگۈچنى(篦子) تېپىش ئانچە قىينغا توختىمايدۇ. شۇنى سېتىۋېلىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەتىگىنى تۇرغاندا ئىشقىلىپ ۋاقىت چىقسىلا چېچىڭىزنى سۈزۈپ سۈزگۈچكە چىققان پىتلارنى يانجىپ ئۆلـتۈرۋېتىڭ.مۇشۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل (ئاڭلىشىمچە بەزى يەرلەردە پىشىت ئالارمىش،يىغىپ قۇيۇپ سېتىپ بەرسىڭىزمۇ خەلە پۇللۇق بۇلۇپ قالسىز— چاقچاق جۇمۇ)

    • #8

    • #9
      nadira

      قىزىمنىڭ يەسلىسىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال بار . يەسلىدىكى بارلىق بالىلار پىتلاپ كەتتى . سەۋەبىنى بىلەلمىدۇق . شۇنىڭ بىلەن قىزىمنىڭ چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرمەي ، كىسىپلا تۇرىمىز . دائىم سۈزگۈچ بىلەن سۈزۈپ تۇرىمىز . شۇنداقتىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئىنكاس قىلدۇق . ئۇلارمۇ ئامال قىلالمىدى . مۇشۇنداق ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقۇش يولى كۆپ ئوخشايدۇ . قارىغاندا چوڭ بۇلۇپ مەكتەپكە چىققاندا يۇقاپ كىتەرمىكىن دەيمەن . ئەتە قىزىم تەتىل توشۇپ يەسلىگە كىرىدۇ . قىزىم يەنە پىتلاپ كىتەرمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ كىتىۋاتىدۇ . چۇنكى تۇلا سۈزۈپ بېششى ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى .

    • #10

    • #11
      elijan

      ئۇزۇندىن بېرى مىنىمۇ بىر ئىش قاتتىق قىييناۋاتىدۇ …
      سەل ئىسسىقراق يەرگە كىرسەم ياكى قىززىق تاماق يىسەم پۈتۈن بەدىنىمدە بىر نەرسىلەر قىمىرلاپ بەك بىئارام قىلىۋېتىدۇ … مەن بۇرۇندىن تىرىككەك بولغاچقا بۇنىڭغا زادىلا چىداپ بۇلالمىدىم ، پىت بۇلۇپ قالدىممىكىن دىسەم ئادەتتە ئىچ كىيىملىرىمنىمۇ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرىمەن ،سىرىتلاردىمۇ قۇنۇپ قالمايمەن … (ھازىرغىچە ئىچ كىيىملىرىمدە ئاختۇرۇپمۇ ئۇ سۈيۈملىك مەخلۇقدىن بىرەر تال ئۇچرىتالمىدىم ) مەن قانداق قىلارمەن ؟ يەنە نىمە سەۋەبتىن كىن چاچلىرىمنىڭ يېرىمى ئاقىرىپ كەتكىلى تۇردى … مەن بۇ يىل 20 ياشتا . شۇڭا چاچ ئاقىرىشمۇ نۇرمال ئەھۋال ئەمەسمىكىن دەيمەن ، ھە راس يەنە مۇشۇ پۈتۈن بىر قىش پۇت قۇلۇم مۇزلۇقلا تۇرىدۇ … باشقىلار بىلەن كۈرۈشكەندىمۇ ئۈزۈمنىڭ قۇلىنى بەك مۇزلۇقتەك ھىس قىلىمەن ….

    • #12

    • #13
      tawpik1215

      ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم:
      كىچىك بالىلارنىڭ ئېغىز پۇراش كېسىلىنى قانداق يۇقاتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز! رەخمەت سىزگە !!!

    • #14

    • #15
      ippar

      yultuzqolpan[ ياخشىمۇسىز ؟ مەنچە سىز قالايمىقان دورا يىمەي چوڭ دوختۇرخانىغا بىرىپ كورۇنۇڭ،قاننى سىستىملىق تەكشۇرتۇڭ... بىرەر ۋىرۇستىن يۇقىملاندىڭىزمۇ ياخشى كورۇنۇڭ [face51]

    • #16

    • #17
      سەنەم[

      يەنە بىر خىل ئامال پىتلاپ كەتكەن باشنى ئاچچىقسۇ بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن سۈزگۈچ بىلەن سۈزىۋەتسە قالغان سىركىلەرمۇ چىقىپ كىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى سىناپ بىقىڭ

    • #18

    • #19
      ana

      ۋاي ئۇ مەخلۇق ھازىر كەڭ كۆلەمدە تارقاۋاتقان ئوخشايدۇ، مەنمۇ كۆپ كىشلەردىن شۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بولۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
      ئۇ بولسا ئادەم كېسەل بولمايدۇ دەيدىكەن راسمۇ

    • #20

    • #21
      ana

      ياخشىمۇسىز مىرزات ئەپەندىم، نېمە بولدۇمكىن نەچچە كۈن بوپ كالدى، بىشىم بەك كېچىشىم ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. كېپەكلەر شۇنداق ئاۋۋىپ كېتىپ باردۇ. قانداق قىلسام بولار؟ بېشىمنىڭ سوغۇكى ئىشىپ كەتتىمۇ بىلمەي كالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدىنمگىمۇ ئۇششاق نەرسىلەر كۆپ چىقىپ كېتىپ باردۇ، بەك كېچشىدۇ. يەللىك مېكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
      ئىسسىقلىق دورلاردا يۇيۇنسام بولارمۇ؟

    • #22

    • #23
      wolqan

      سىز ھەرگىز بىئارام بولۇپ كەتمەڭ ،بۇتوغۇرسىدا (گىرمانىيەغۇ دەيمەن)پىرزىدىنتىنىڭ قىزىنىڭمۇ بىشىدا شۇ خىل ھالات كۆرۈلگەنلىكىنى تىلىۋىزوردا خەۋەر قىلغان ،بۇ ھەقتە توردىن ئىزدەپ باقسىڭىز تىخىمۇ كۆپ مەلۈماتقا ئىرىشەلەيسىز ، پىرزىنىت ۋە ئايالىنىڭ دىيشىچە ،ئۆي خىزمەتچىلىرى قىزىنى ھەر كۈنى يۇيۇپ تۇردىغانلىغنى ،شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنلا بۇ پارازىتنىڭ پەيدا بولغانلىغىغا ھەيران قالغانلقنى كورسۇتۇپ ئۆتكەن ،قوشۇمچە قىلىپ ،نۇرغۇن ئۇسۇللارنى قىلغان بولسمۇ تەلتۆكۇس يوقۇتالمىغانلىنى خەۋەر قىلىغان .توردا يەنە ھازىر قى بۇ "تانكا"لارنىڭ ھەرخل يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكنى ئوتتۇرغا قويۇشقان ،مىنىڭچە سىز يەنىلا ئەڭ يەرلىك بولغان "سۈزگۈچ"كە مۇراجەت قىلىڭ!

    • #24

    • #25
      yoluqi110

      ئەگەر باش تېرىسىگە ئەكىس تەسىرى بولمىسا ئەمىن سۈۋەرەكخورىنى چېچىپ بېقىڭ ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرىلىشىدە ئادەم بەدىنىگە ھىچقانداق زىيىنى يوق، چۇسا، سالجا تپىدىكى ھاشارەتلەرنىمۇ يوقىتىش ئۈنىمى ئالاھىدە يۇقىرى دەپ يېزىلغان ئىكەنغۇ . ئەگەر بېۋاستە چېچىشتىن ئەنسىرىسىڭىز ناش كىيىمىڭىزگە چېچىۋالسىڭىزمۇ ئۈنىمى كۆرىلىشى مۇمكىن .راستىنى دىسەم مەنمۇ بۇرۇن كىيىمىمگە كەپتەر پىتى كىرىۋېلىپ ، شۇ كىيىملەرنىڭ ھەممىنى چۈرۈپ تاشلاپ ، يوتقان كۆرپىنى قايناقسۇغا بېسىپ ، گېلەمگە ئەمىن سۈۋەكخورىنى چېچىپ بىراقلا قۇتۇلغان . ئەمىن سۈۋەرەكخورىنى ياسىغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلىمىنى بىلگىلى بولسا ئىدى …

    • #26

    • #27
      waywuy

      شاپتۇل يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق ئېلىپ قاينىتىپ سوۋۇغاندا يۇيۇڭ تامامەن تۈگەيدۇ.

    • #28

    • #29
      tarim216

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بڭر زات ئەپەندىم، مىنىڭ پۇتۇم بەك تەرلەيدۇ،كۈندە پۇتۇمنى ۋە پايپىقىمنى يويۇپ تۇرساممۇ يەنىلا پۇراپ كىتىدۇ،ياز كۈنلىرى باشقىلىرنىڭ يېنىدا ئايىقىمنى سېلىشتىنمۇ قورقىمەن.پۇت پۇراشنى ئۈنۈملۈك داۋالاشنىڭ بىرەر ياخشى دورىسى بارمىدۇ؟

    • #30

    • #31
      qeyyum

      [face76]

    • #32
      qeyyum

      [face76]

    • #33
      qeyyum

      [face76][face11]

    • #34
      qeyyum

      [face76][face11]

    • #35
      بوران

      ياز كۇنلىرى كىيىم-كېچەكلەرنى قايناقسۇغا بېسېپ يۇسا
      قىش كۇنلىرى سىرىتتاقۇيۇپ توڭلاتسا پىتلارنى يۇقاتقىلى بۇلىدۇ

    • #36

    • #37
      kok-bora

      بىشىڭىزنى يۇيدىغان سۇغا 1 قوشۇق ئاچچىقسۇ،1 قوشۇق ئاش تۇزى سىلىپ يۇيۇپ سىناپ بىقىڭ.

    • #38

    • #39
      ياسئن

      قان ظازلئقنئ قانداق دؤالئغئ بذلئدذ ؟ظايالم پات-پات هذشذدئن كئتئدئغان بذلدئ نئرؤنئ ياخشلايدئغان ظذسذل بار مذ ؟ظايالئمنئث تةن سالامةت لئگئ ظانچة ياخشئ ظةمةس شذرپا ظئچةلمةيدذ ظأت ياللئغذ بار مةن قانداق قئلئشئم كصرةك ؟

    • #40

    • #41
      ياسئن

      ظايالئمنئنث بصشئ تذلا ظاغئرئپ كصچئسئ ياخشئ ظذخلئيالمايدذ ؟دذختذرلار قان ظازلئق دةپ دئيانذگذز قذيغان

    • #42

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...