قوغۇننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى

ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰدىكى ﺋﯩﺴﯩﻞ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻏﯘﻥ.

قۇغۇننىڭ تەركىبىدە شېكەر، ئاقسل،كالىتېسىي، فوسفور ۋە باشقا ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپ، قوغۇننى ئېتىدىن تارتىپ، ئۇرۇق، شاپىقىغىچە ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قۇغۇن داڭلىق مېۋە بولۇپ، تاتلىق، سۇلۇق، يىپسىز كېلىدۇ. قوغۇن ئادەمنىڭ ئىچىنى يۇمشىتىش، سۇسىزلىنىشنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ۋە ئالدىنى ئېلىش، بۆرەك، دوۋسۇندىكى تاشلارنى ئېزىش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، بەدەنگە تېز تارقاش، تاماق ھەزىم قىلدۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.

ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ

قۇغۇننىڭ ئېتىنى كۆزگە چاپسا كۆز ئاغىرىقى ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە كۆزدىكى ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.سودا بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا تېرىدىكى ئىز ۋە داغلارنى يوقىتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، نەپەس يوللىرى ۋە ئۇچەي يوللىرىنى تازلاش، جىگەر، بۆرەك، كەم قانلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىمۇ خەتەرسىز، ئۈنۈملۇك دورا ھېسابلىنىدۇ. تەركىبىدە تۆمۇر ماددىسى ئەڭ كۆپ.

قوغۇن ئۇرۇقى- جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇرۇش، بۆرەك، دوۋسۇن، ئۈچەيلەرنى تازلاش، ئادەمنىڭ مىجەزىنى ياخشىلاش، باھنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، كۆكرەك ئاغىرىقى، گالنىڭ يىرىكلىكى ۋە سۇيدۇكنىڭ كۆيدۇرۇپ، ئېچىشتۇرۇپ كىلىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇرۇقنىڭ پوستىنى يۇمشاق ئېزىپ يۇزگە ۋە بەدەنگە چاپسا، يۈز ۋە بەدەننى پارقىرىتىپ ھۆسنىنى چىرايلىق قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا بەلغەمنى يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.

سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئېغىز-بۇرۇندىكى جاراھەتنى داۋالايدۇ. ئىسسىقتىن بولغان قانلىق تولغاق، يرىڭلىق تولغاق، چىش ئاغىرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯨﯟﯨﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯘﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. يەلدىن بولغان كېسەللەر ھەم دىئابىت بىمارلىرىغا زەرەر قىلىدۇ.

ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﮬﻪﺳﻪﻝ، ﺋﺎﻧﺎﺭ ﺳﯜﻳﻰ (بۇلار دىئابىت بىمارلىرىغا تۈزەتكۈچى بولالمايدۇ)

ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻝ: ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ

 تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...