ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار. سىلەرمۇ دىققەت قىلغان بولۇشىڭلار مۇمكىن. مەن بۇ ئىلمىي غىزالىنىش پروگراممىسىغا ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتىمەن.ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى ۋاستىدىن، پەن-تېخنىكا مەھسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىق ۋە ياشام سۈپىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە يېغىلدىڭلار!
بۇ يەرگە يىغىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قىممەتلىك دوستلۇرۇم، ئۇزۇن يىللىق خېرىدارلىرىم، تورداشلىرىم.
مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىگە ۋە ساغلاملىقىغا، ئائىلىسىگە مەسۇلىيەتچان مۇئامىلە قىلىدىغان، بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە، يۇقىرى سەۋىيەلىك كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ.
بىلىمەن ، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كۆپىنچىڭلار ئىنتايىن ئالدىراش، ۋاقتىڭلار قىس. مەن سىلەرنى بۇ يەرگە يىققان ئىكەنمەن ئاجراتقان قىممەتلىك ۋاقتىڭلارغا، سەرپ قىلغان زېھنىڭلارغا، ئادەتلەنگەن ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىڭلارنى توغرا ئىزىغا سىلىش جەريانىدىكى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقىڭلارغىمۇ مەسئۇل بولۇشىم كېرەك دەپ ئويلايمەن .
مەنمۇ بۇ توپنى قۇرۇپ سىلەرنىڭ ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پروگراممىسىنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىپ، تەن ساقلىقىڭلارنى ئاسراش، ساغلاملىقىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، توغرا ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، سىلەرنىڭ مۇشۇ پروگرامما جەريانىنى قىسقا ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك تاماملىشىڭلار ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلىۋاتىمەن دەپ قارىغان ئىكەنمەن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بۇ باشلىغان ئىشىمغا مەسۇل بولۇشۇم كېرەك.
سىلەرمۇ بۇ باشلىغان ئىشىڭلارغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن مەسۇلىيەتچان بولۇپ ، ئاخىرغىچە قىزغىن، ئاكتىپ، بولغايسىلەر. مەن بۇ توپقا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ھەر بىر دوستىمىزغا ئوزۇقلىنىش پروگراممىسىنىڭ تەلىپى، بۇ توپنىڭ ئۈنۈملۈك، ساغلام ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن قائىدە تۈزۈملەرنى ئەۋەتىپ، قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن توپقا ئەكىردىم. بۇنىڭدىن مەقسەت باشلىغان ساغلاملىق پروگراممىمىزنىڭ رەتلىك ، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن.
يەنە بىرسى، بۇ توپقا كىرگەن ھەربىر دوستىمىز بىلەن كىچىككىنە بىر كېلىشىم بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم.
ئەسلىدە بۇ توپقا مۇشۇ ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان. قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزئارا تەجرىبىلىرىمىزنى ئورتاقلىشىپ ، ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقارماقچى ئىدۇق. بۇ پروگراممىنى ئىجرا قىلمىغان، لېكىن بۇنىڭغا قىزىققان، ساغلاملىق ھەققىدىكى بىلىملەردىن خەۋەردار بولغۇسى بار، دوستلىرىمىزنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىق رەت قىلغان ئىدۇق.ھەتتا مەن، خانىم بۇ پروگراممىنى ئىجرا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ توپقا قوشمىغان ئىدىم. بەزى دوستلىرىمىز تەكرار بۇ توپقا كىرگۈسى بارلىقىنى ئېيتىپ، تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىلمىي ئوزۇقلىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن باشلىسا بولىدۇ دەپ قاراپ ئەكىرىپ قويدۇم.
شۇڭا مەن دېمەكچى بولغىنىم سىلەر تېخىمۇ ئەستايدىل بولۇپ تەڭ كۈچ چىقارغان بولساڭلار، كۈندۈلۈك ئۆزگىچىرەك تاماقلارنىڭ سۈرىتى، ئىشلىتىلگەن خۇرۇچلار، قىسقىچە تەييارلاش ئۇسۇلى دېگەندەكلەرنى بىزدىن ئايىمىغان بولساڭلار!
يەنە بىرسى بۇ پروگراممىنى ئەستايدىل ئىجرا قىلىۋاتقانلار ئىمكان بار ھەپتىلىك ئۆزگىرىش، ھېس قىلغانلىرىڭلارنى قىسقىچە، چۈشۈنۈشلىك يېزىپ ماڭا ئايرىم يوللاپ قويغان بولساڭلار، زۆرۈر كەلسە سىلەردىكى پەرقلىق مىزاج، بەدەن شارائىتى سەۋەبلىك ساقلانغان بەزى مەسىلىلەرگە ئەسقاتىدىغان كۆرسەتمىلەرنى بىرىشىمگە پايدىسى تېگىپ قىلىشى مومكىن.
ئادەتلەنگەن خاتا ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ بەدىنىمىزنىڭ تەبىئىتىگە، ئىھتىياجىغا ئۇيغۇن شەكىلدىكى توغرا، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بەل باغلىغان ئىكەنمىز، باشلىغان ئىشىمىزدا نەتىجە قازىنايلى!
بىرەر ئىشنى بولسىمۇ غەيرەت قىلىپ داۋاملاشتۇپ ئادەتلىنەلىسە باشقا ئىشلارنىمۇ تەرتىپلىك، ئەستايدىل قىلىدىغان خاراكتىر يېتىلىدۇ.
قانداقلا ئىش قىلماقچى بولساڭ ئاۋۋال بىر ئىشنى پىلانلىق، ئىزچىل قىلىشقا ئادەتلەن. بۇ، تەپەككۇرىڭنى تەرتىپلەپ ھاياتىڭنى ئۈنۈملۈك سەرەمجانلاشتۇرۇشۇڭغا ئەڭ زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
ھاياتىمىزنى ئۆزىمىز زوقلانغۇدەك گۈزەل سەرەمجانلاشتۇرايلى، ساغلاملىق ئۈچۈن ئىلمى ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئاقىلانە قەدەم.
ئىلمى ئوزۇقلىنىشتىكى مەخسەت ھاياتىمىزنى ساغلاملىق ئىچىدە داۋام ئەتمەكتۇر.
ئەگەر سىلەر قىزغىن بولساڭلار، باشلىغان ئىشىڭلارنى ئاكتىپ، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن داۋام ئەتسەڭلار، مەنمۇ قىلغان ئىشىمنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، نەتىجىلىك بولىشى ئۈچۈن ۋاقتىمنى، زىھنىمنى سەرىپ قىلىشنى خالايمەن.
سالامەتلىكىمىزنى ئاسراش ئۈچۈن تېخىمۇ موھىم، ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان مەزمۇنلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. قىسقا ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك نەتىجە قازىنىشىمىز ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى سەرپ قىلىشقا ھازىرمەن. /::)
بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىق قارىشى، يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتى توغرا، ئىلمىي بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن شۇ دۆلەتتە ھەر خىل سوزۇلما ۋە يامان سۈپەتلىك كېسەللىكلەر كۆپىيىپ كېتىپ دۆلەت خەلقنىڭ داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاشقا سەرپ قىلىدىغان مالىيەسى زور بېسىمغا دۇچار بولىشى مومكىن. ئىلمىي، توغرا بولغان غىزالىنىش ئادىتى يېتىلسە، ساغلاملىق ئېڭىمىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ئۆزىمىزگە، ئائىلىمىزگە، دۆلەتكىمۇ پايدىلىق. ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا بۇمۇ بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەننى سۆيگەنلىك.
ئەمدى چاۋاك چالىدىغانلار چاۋاك چىلىپ، سۆيۈنچە بەرگۈسى كىلىپ كەتكەنلەر قىزىل بولاق ئىتىپ، ئۇيقۇسى كەلگەنلەر ئۇخلاپ قالساڭلار بولىدۇ. كۆپچىلىككە رەھمەت! /::D
مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
ئىلمىي غىزالىنىش ئۈندىدار توپىدا سۆزلىگەن پاراڭلاردىن