ئۆرۈكنىڭ تەبئىتى: بالدۇر پىشىدىغانلىرى - ھۆل سوغۇق ، كېچىكىپ تومۇز يەپ پىشىدىغىنى - ھۆل ئېسسىق، تومۇزنىڭ ئاخىرلىرى پىشىپ شاختا ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالغانلىرى قۇرۇق ئېسسىق بولىدۇ.

خۇسۇسىيىتى: ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، سەپرانى قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددىلارنى يۇمشۇتۇش، راكنىڭ ئالدىنى ئىلىش، يۈرەكنى ئاسراش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار. زىيانلىق تەسىرى:

" /> ئۆرۈك پىشسا - ئۆرۈك ھەققىدە تېما يوللىدۇق! - 80 خالتا بلوگى

ئۆرۈك پىشسا - ئۆرۈك ھەققىدە تېما يوللىدۇق!


مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

مۇزدەك قەشقەر چۈلىسى ئىچىپ باققانما؟؟

ئۈرۈك مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

 

ئۆرۈكنىڭ تەبئىتى:

بالدۇر پىشىدىغانلىرى - ھۆل سوغۇق ، كېچىكىپ تومۇز يەپ پىشىدىغىنى - ھۆل ئېسسىق، تومۇزنىڭ ئاخىرلىرى پىشىپ شاختا ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالغانلىرى قۇرۇق ئېسسىق بولىدۇ.

خۇسۇسىيىتى: ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، سەپرانى قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددىلارنى يۇمشۇتۇش، راكنىڭ ئالدىنى ئىلىش، يۈرەكنى ئاسراش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار.

زىيانلىق تەسىرى: سوغۇق مىزاجلىقلار كۆپ يېمىگەن ياخشى. ئاشقازان-ئۈچەينى ئاجىزلىتىپ قورساقنى ئاغرىتىدۇ، ئىچىنى سۈرىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: ئۆرۈك مېغىزى، شىكەر، نانىخا...

ئۈرۈك گۈلىسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى:

 ئۈرۈك مېۋىسىنىڭ ئېتى سېرىق، يۇمشاق، يېقىملىق ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپ، ياز پەسلىدىكى ئاساسلىق مېۋىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۆرۈكنى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، قاق قۇرۇتۇپ، بالقاق ياساپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى ئۈرۈك قېقى تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ئامىگدالىن، شۇنىڭدەك كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. ئۈرۈك قېقى قېقىنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار، يەنە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى ئازايتىش رولى بار. دائىم ئكرۈك قېقى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدە پايدىسى بولىدۇ.

 ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: ئۈرۈك قېقى نەپەسلىنىش سىستېمىسىدا مەسىلە بارلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، شۇنىڭدەك ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن رادىئوئاكتىپلىق داۋالاش، خىمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. تۇغۇتلۇق ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاغرىقلار، بولۇپمۇ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۈرۈك قېقى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. ئۈرۈك قېقى گەرچە يېيىشلىك بولسىمۇ، لېكىن زىيادە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئامىگدالىننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇنجۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا مەركىزىي نېرۋىنى تورمۇزلاپ، نەپەسلىنىشنىڭ پالەچلىنىشىنى، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما بالقاق تەييارلاش، قاق قۇرۇتۇش جەريانىدا، ئۈرۈك قېقى تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار پارغا ئايلىنىپ ياكى ئېرىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۈرۈك قېقى قېقىنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ

مەنبە: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى

پايدىلانغان ماتېريال: ۋېتامىن ۋە مىنرال ماددىلار




[Birzat بۇنى 2013-06-04 07:31 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئۆرۈك ئۈرۈك ئۈرۈك مېغىزى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماniyazdixan[2013-06-27 01:10 AM | del]
ئۈرۈك قېقى گەرچە يېيىشلىك بولسىمۇ، لېكىن زىيادە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئامىگدالىننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇنجۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا مەركىزىي نېرۋىنى تورمۇزلاپ، نەپەسلىنىشنىڭ پالەچلىنىشىنى، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما بالقاق تەييارلاش، قاق قۇرۇتۇش جەريانىدا، ئۈرۈك قېقى تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار پارغا ئايلىنىپ ياكى ئېرىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۈرۈك قېقى قېقىنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
************************************************
ياخشى ساۋاتكەن. بىراق مۇشۇ بىر بۆلەكتە زىتلىق بارمۇ ياكى بىرەر-ئىككى سۆز ئارتۇق ياكى كەم بولۇپ قالدىمۇ؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.