ئاق ئۈجمىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2013-05-27
ئۈجمە يازلىق مېۋىلەر ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن پىشىپ مېۋە بېرىدىغان مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ، ئۇ دورىلىق قىممىتى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتى (ئاساسلىقى يېپەكچىلىكتىن كىلىدىغان ئىقتىسادىي قىممىتى) ناھايىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇ ئاساسلىقى ئاق ئۈژمە ۋە قارا ئۈژمە، يەنى شاتۇت دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئاق ئۈژمىنىڭ مېۋىسى شىرنىلىك، تەمى تاتلىق، يۇمشاق؛ قارا ئۈژمىنىڭ مېۋىسى شىرنىلىك، يۇمشاق، تەمى چۈچۈمەلرەك بولىدۇ. ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان «ئۈژمە ئۆستۈرگەن كىشىنىڭ ئۈژمىسى پىشىپ مېۋىسى يەرگە تۆكۈلگەندە، ئۇنىڭ گۇناھى بولسا ئۈژمە بىلەن بىللە تۆكۈلىدۇ»، «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دېگەنگە ئوخشاش ماقال-تەمسىللەر بىزگە خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، ئۈژمىنى ئالاھىدە چوڭ بىلىپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئاق ئۈجمە مېۋىسىنىڭ قان كۆپەيتىپ، مېڭە، ئۆپكە، جىگەر، بۆرەككە قۇۋۋەت بىرىش، ماغدۇرلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار. مېڭىدىكى نۇرمالسىز سەپرا، سەۋدالارنى تەڭشەيدۇ. ئۇندىن باشقا قۇرۇق مىزاجلىقلارنىڭ بەدىنىگە ھۆللۈك تولۇقلاپ چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قىزتما قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، تېرىگە جۇلا بىرىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، بەلغەم بوشۇتۇش، يۆتەل پەسەيتىش، سېمىرتىش خۇسۇسىيەتلىرى بار.
ئەسكەرتىش: ھۆل مىزاجلىقلارغا تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئازىراقلا يەپ بولدى قىلىش كېرەك. بەلغەم-ھۆل مىزاجلىق كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا مېڭىدىكى ھۆللۈكنى كۈچەيتىپ، بەدەننى-پەينى بوشۇتۇپ ئىزلەڭگۈ قىلىپ ئۇيقۇنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئاشقازانغا زەرەر قىلىدۇ.
* ئاق ئۈجمە پىشقاندا كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گىرامدىن 80 گىرامغىچە پاكىز يۇيۇپ يەپ بەرسە، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننى، بۆرەكنى جىگەرنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ، قان كۆپەيتىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، قۇلاق غۇڭۇلداشقا، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
* ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، يەلنى ھەيدەپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقلىرى، كۆزدىكى قىزىللىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىپ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.
* ئاق ئۈجمە يېلتىزىنىڭ ئاق پوستىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئېلىپ پاكىز تازىلاپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. دەم سىقىلىشنى ياخشىلايدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئاغرىقلىرى، قان تۆكۈرۈش، سۇلۇق ئىششىق، قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. (ئىزاھات: سوغۇقتىن بولغان يۆتەللەرگە بېرىلمەيدۇ)
* ئاق ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىنى پاكىز تازىلاپ يالپاغداپ كېسىپ قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە، رېماتىزىملىق بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، سوغۇق يەلنى ھەيدەپ، پۇت - قول ئۇيۇشۇشنى ياخشىلايدۇ، قاننى تازىلايدۇ.
* ئۈجمىنىڭ غازىڭىنى قاينىتىپ غار-غار قىلسا گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
* ئۈجمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سىقىپ ، سۈيىگە سىركە قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ، قىزىتما قايتۇرىدۇ.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئۈجمە
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بىرزاتكا ئۇجمىنىڭ تازا پىشقان ۋاقىتى ئىدى سىناپ كۇرەي دىگەن ئىدىم . مۇشۇ توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسىڭىز ؟.....