2012-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2012-12-19
شۇنداق قىلىپ 2012-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ خۇلاسىسى چىقتى. بۇ يىل بلوگلار ئارا رىقابەت تولىمۇ كەسكىن بولغان بىر يىل بولدى. ئىتراپ قىلىشىم كىرەككى بۇ يىل يىللاردىكىگە قارىغاندا تۇرمۇش، تېرىكچىلىك ھەلەكچىلىكى دەپ يۈرۈپ بلوگقا نەچچە يىللاردىكىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ تورداشلار كۆڭلىگە ياققۇدەك ئوبدان يازمىلارنى كۆپ يوللىيالمىدىم. بلوگىمنىڭ يېڭىلىنىشى تولىمۇ ئاستا بولۇپ قالدى، نۇرغۇن سۇئاللار جاۋابسىز قالدى. ھەتتا ئارىدا 4-5 ئاي پەقەتلا يېڭىلىيالماي قالدىم، شۇنداق بولىشغا قارىماي بۇ يىلمۇ 80خالتا بلوگى ھىممەتلىك تورداشلارنىڭ سېخى، مەرت قوللىرى بىلەن تاشلانغان 441 دانە بىلەت بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى 10 نادىر بلوگلار قاتارىدا 5-رەتكە تېزىلىش شەرىپىگە ئىرىشتى. بۇنىڭدىن تورداشلارنىڭ يەنىلا 80خالتا بلوگىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بىرزات ھەكىمدىن يېڭى يىلدا ۋە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ 80خالتا بلوگى ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە تەن ساقلىق ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي بىلىم-ئۇچۇرلارنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس. مەن ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن 80خالتا بلوگىغا بىلەت تاشلىغان ھەر بىر ئوقۇرمەن زىيارەتچىلىرىمگە سەمىمىي ئىھتىرام بىلدۈرىمەن. بىلەت تاشلىمىغانلارغىمۇ ھەم سەمىمى ئىھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. چۈنكى سىلەر ماڭا رىقابەت بىلەن تولغان بۇ يېڭى دەۋردە شاللىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىش، غەيرەت قىلىش كىرەكلىكىنى تونۇتتۇڭلار! رەھمەت!
2012-يىللىق 10 چوڭ نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ خۇلاسە تەپسىلاتنى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسقا مەرھەمەت قىلىڭ!
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: