ئۈرۈمچى بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تونۇشتۇرلىشى


ئاپتاۋى قىزىلگۈلقەنت
تەبئىتى: مۆتىدىل
تەسىرى ۋە شىپالىق رولى: مىجەزنى تەڭشەپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. ھەر خىل جىگەر ياللۇقلىرى، ئۆپكە سېلى، ئاشقازان ئاجىزلىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. نېرۋا، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. تاماقتىن كىيىن يېسە مېڭىگە بۇخارات ئۆرلەشنى توسىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ رەڭگى رويىنى چىرايلىق قىلىدۇ. ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. باللاردا كالتىسىنىڭ سۈمۈرىلىشى ياخىشى بولماسلىق، ئىشتىھاسىزلىق،
 ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئوزۇق ھېسابلىنىدۇ.
.قوشۇمچە ئۆپكە تىبوركوليۇز كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
قەشقەرنىڭ يەرلىك قىزىلگۈل بەرگىنى ئەنئەنۋى ئۇسۇلدا ئېزىپ تومۇزنىڭ ئاپتىپىدا تولۇق
ئىككى ئاي پۇشۇرۇپ تەييارلانغان ئاپتاۋى گۈلقەنت 1 كىلوگىرامى: 45 يۈئەن
پىننە گۈلقەنتى
تەبئىتى: ئىسسىق
ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ئىشتىھانى ئىچىش، يەل تارقىتىپ ھەزىمنى ياخشىلاش، مېڭە، يۈرەك، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
بىر كىلوگىرامى: 35 يۈئەن.
 يالپۇز گۈلقەنتى
تەبئىتى: ئىسسىق
يەل تارقىتىپ قورساق ئېسىلىشنى يوقىتىش، ئۆتنى راۋانلاشتۇرۇپ قەۋزىيەتنى بوشىتىش، ئىشتەينى ئىچىش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، قەۋزىيەت سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئېغىزدىكى غەيرى پۇراقنى يوقۇتۇش تەسىرى بار.
بىر كىلوگىرامى: 35 يۈئەن
ئەنجۈر مۇرابباسى
تەبئىتى: ھۆل ئىسسىق
ئوزۇق بولۇش، سەمرىتىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ ئۆپكە، جېگەر، تال كېسەللىكلىرى، ئومومىي بەدەن ۋە باھ ئاجىزلىقلىرىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ. بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارغا سۈت كۆپەيتىش، تۇغۇتتىن كىيىنكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ياخشى ئوزۇق بولالايدۇ. تولۇق پىشقان ئاتۇش ئەنجۈرىدە تەييارلانغان ئەنجۈر مۇرابباسى- بىر كىلوگىرامى: 28 يۈئەن.
بىھى مۇرابباسى
تەبئىتى: مۆتىدىل
ھۆنى توختىتىپ ئىشتىھانى ئىچىش، نېرۋا، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ كۆڭۈلنى خۇرسەن قىلىش، سەپرانى پەسەيتىش، ھامىلدارلاردىكى سېزىكنى يەڭگىللىتىش كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇش ۋە ھەزىم بۇزۇلۇشنى يوقىتىش تەسىرىگە ئىگە. 

كىلوگىرامى: 25 يۈئەن 

ئۇندىن باشقا ئەفرۇز ھەممىباب مەلھىمى، جىگدە چېچەك ھەسىلى، قۇۋۋەت دورىلىق ئالىي ھەسىلى، ۋە باشقا ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاسارەتلەر ئۈچۈن ئوزۇق-دەرمەكلەر. ھەرخىل مىزاجدىىكىلەر ئۈچۈن دورىلىق چايلىقلار تەييارلاپ بىرىلىدۇ. 

 




[Birzat بۇنى 2012-12-10 00:49 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.