چەتئەللەردە ياشايدىغانلار كىرىڭلار!!!
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2012-02-24
بەزى رايۇنلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ھاۋا كىلىماتى ۋە يېمەك -ئىچمەكلىرى باشقا ئوخشىمىغان رايۇندا ياشىغۇچى كىشىلەرگە ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچراپ تۇرىدىكەن. مەسىلەن: ئىچىملىك سۇ تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن <<سۇ يەكلەيدىغان>> ، ھاۋانىڭ نەم ياكى زىيادە قۇرغاق بولىشى سەۋەبلىك بۇرۇن ياللۇقى، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسەللىكلىرى، رېماتىزىم، بوغۇم ئاغرىقلىرى دېگەندەك سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدىغان دېگەندەك ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدىكەن. يۇرتىمىزدىن ئوقۇش ياكى تىجارەت بىلەن چەتئەللەرگە چىققان كۆپۈنچە كىشىلەر شۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى، يىمەك-ئىچمەكلىرىگە ماسلىشىپ بولغۇچە خىلى قىيىنچىلىق تارتىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇندىن باشقا بەزى زۇكام، ئىچ سۈرۈش، ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى سېزىك، ئانگىنا دېگەندەك ئۆزى ئاددىي لىكىن تارتىدىغان ھەرەج كۆپ بولىدىغان ساقسىزلىقلارنى يۇرتىمىزدا ئادەتتە دوختۇرغا بارماي ئائىللەردە ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغاندا چەتئەللەردە دوختۇرغا كۆرۈنمەك تەس بولۇش بولۇش ياكى بەزى ساقسىزلىق ئەھۋاللارنى ئۇ يەردىكى دوختۇرلار چۈشۈنۈپ بولالماي دېگەندەك ئىشلار سەۋەبلىك ماڭا تېلفۇن قىلغان تورداشلار كۆپ بولدى. ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ سورايدىغىنى ، بەزى ساقسىزلىق ئالامەتلىرىگە قارىتا ئاددىي ئۇسۇللار، يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ياخشىلىغىلى بولىدىغان ئۇسۇللار بولسا دەپ بەرسىلە دەيدۇ. تېبابەت ساھەسىدىكىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك ھەر قايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك شارائىت، يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى، گېن-ئىرسىيەت ئامىلى دېگەندەك پەرقلەر سەۋەبلىك ھەر قايسى ئىقلىملاردا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىدە رۇشەن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. شۇ سەۋەب ھەر قايسى جايلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدىغان ئۆسۈملۈك-كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. بىزنىڭ بەدىنىمىز ۋە ساغلاملىقىمىز تەكلىماكان بويلىرىدىكى قۇرغاق كىلىمات ۋە شۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ چىققان نىئمەتلەرنى ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە شۇنىڭغا مۇناسىپ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. رايۇن ئاتلىغاندا بىزگە يات يۇرتلارنىڭ نېمىسى ياقىدۇ، قايسى جەھەتتىن ، نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك دېگەنلەرنى بىلىپ قويغاننىڭ پايدىسى كۆپ.
مەن مۇشۇ ئىھتىياجلار سەۋەبلىك ھەر قايسى دۆلەت-رايۇنلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تورداشلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جاينىڭ ھاۋا كىلىمات، يېمەك-ئىچمەك - مېۋە-چېۋە، گۆش (توخۇ، قوي، كالا، بىلىق، سۇ كالىسى، قوتاز) ئىچىملىك سۇ، تاماققا ئىشلىتىدىغان ماي، ئوزۇقلىنىش ئادىتى، شۇ دۆلەتلەرگە بارغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مىزاجىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش دېگەندەكلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەسىراتىنى بايان قىلىپ بەرسە شۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان، ۋە كىيىن بارماقچى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاز تولا ماتىريال بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يوللىدىم. بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى رەتلەپ 80خالتا بلوگىمدا پايدىلىق بىر ماتىريال تەييارلىغۇم بار.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئوزۇقلۇق، مۇھىت
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن ھازىر جەنۇبى جەنۇبى جۇڭگۇدا، بۇ يەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆزەمنى ماغدۇرسىز ھىس قىلىشقا باشلىدىم، ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇش تەس كىلەتتى، يامغۇر ياغسا پۇتۇم ئاغرىيىتتى، كىيىن سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئېلىۋالغان «بوزوغا ئۇۋۇلىنىش مېيى» ئېسىمگە كىلىپ ئىشلەتتىم، تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن كۈنىلا سەھەر سائەت بەشتە ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى، شۇنداق تېتىك روھلۇق ئورنۇمدىن تۇرۇدۇم.
مەنمۇ ئۆز ئەھۋالىمنى بىر بايان قىلىپ ئۆتەي ئەمسە:
مەن ئېچكىرگە كېلىپ ئوقۇۋاتقىلى 10يىل بولاي دەپمۇ قالدى. دەسلەپ يۇرتىكى ۋاقتىمدا ئېغىرلىقىم نورمال، ناھايىتىمۇ روخلۇق، ئاسان ھارغىنلىق ھېس قىلمايتىم. بۇ ئىچكىرى دىگەن يەرگە كەلگەندىن بۇيان، تاماق-ئۇزۇقلۇقلار ياخشى بولمىسىمۇ سەمرىپ كەتتىم، ئۇيقۇ كۆپ، ماغدۇرسىز. ئاسان تەرلەيدىغان، بەل-پۇتلار مۇزلاپ سوغۇقلا تۇرىدۇ، ياز ۋاقتى بۇ يەر ھەم ئىسسىق ھەم ناھايىتىمۇ نەم بولغاچقا كۈندە بىرقانچە قېتىم مۇنچىغا چۈشمىسە ئەسلى چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. ئاسان چارچاش ، ئۇنتۇغاقلىق ئالامەتلىرى بار.كۆرۈش قۇۋىتىم كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەپ كۈزۈمنىڭ ئەتىراپى قارداپ قالدى ، بۇ يەردىكى چېغىمدا ئىشتاھايىم خېلى ياخشىدەك تۇرسىمۇ ھەر قېتىم ئۆيگە قاتساملا بىر قانچە كۈن ئاغرىپ قالىمەن: تاماق سىڭمەسلىك(بۇلۇپمۇ قىيمىلىق تاماقلار)، ياندۇرۇش، ئاشقازان ئاغرىش ۋە كۈپۈش، تاماق خالىماسلىق دىگەندەك.
man Australiada yashawantkan bir muhajira boliman, BIRZAT apandim siz digandak hawa kiliwatiha maslixalmay kilip qikiwatikan salamlik masilierini manmu dayim bu yardiki kirindaxlardin anglap turiman ham ozummu buni baxtin kaqurdim. bu yarning suiyi kandak kin? qax bak quxup kitidu ham muxu kiyindin beri mining bexim bak kipak bolip kitiwatidu, kilmihan amalim kalmidi, maga bir yahxi maslihay bargan boldigiz?
قانداقراق ئەھۋالىڭىز. بىزنىڭ مىللى شىفاخانىلار ئىستانبولدا خېلى رۇناق تېپىپ قېلىغلىق دەپسىز. شۇ مىللى شىفاخانىلار بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولا؟ ۋەتەندىن مىللى دۇرىلىرىمىزنى ئەكەلمەك تەسكەن، ئىستانبولدىكى شىفاخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىىشنى ئويلىشىۋاتقان.
ئېغىر كۈرمەي ياردەم بەگەن بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم Trond قېرىندىشىم
مەن بۇيەردە بىرەرسىنىڭ ئىسمىنى چىقارسام ئېلان قىلغان بوپ قالماي،ئېرىنمەي زەيتىنبۇرنۇ ۋەيا قارشىدا ئولتۇرۇدىغانلاردىن سورىسىڭىز دەپ بېرىدىۇ.
google دىن uygur akupuntur veya geleneksel tib دەپ ئىزدىسىڭىز چىقىشى مۇمكىن.
Uygur Tıbbı دىسەم خېلى ياخشى نەرسىلەر چىقتى. uygur şifa دەپمۇ ئىزدەپ بېقىڭ!
سىزگە ساغلام ھايات تىلەيمەن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
قانداقراق ئەھۋالىڭىز. بىزنىڭ مىللى شىفاخانىلار ئىستانبولدا خېلى رۇناق تېپىپ قېلىغلىق دەپسىز. شۇ مىللى شىفاخانىلار بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولا؟ ۋەتەندىن مىللى دۇرىلىرىمىزنى ئەكەلمەك تەسكەن، ئىستانبولدىكى شىفاخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىىشنى ئويلىشىۋاتقان.
ئېغىر كۈرمەي ياردەم بەگەن بولسىڭىز.
بۇ كىسەلنى ساقايتقىلى بولامدۇ؟ مىللى تىبابەتتە بۇنىڭ داۋاسى بارمۇ؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز.
بىززات غۇجام قانداقراق ئەھۋالىڭىز.مەنمۇ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر مۇھاجىر.باشقىلار دىگەندە بۇيەرنىڭ نەملىك دەرىجىسى بەك يۇقۇرى. يەرلىكلەرنىڭ تۇلىسىدا رۇماتىزىم ۋە شىكەركېسىلى ، ھەتتا پاينەكباشلىق (چېچى چۈشۈپ كېتىش) قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بۇلۇش ئادەتتىكى ئىشتەك.كېسەلنىڭ جېقللىقىدا دوختۇرغا بېرىپ سۇغۇرتالىق داۋالانسىمۇ دۇختۇرنىڭ بىمارغا قاراشقا 2 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقتى يەتمەيدۇ، باشنى كۈتەمەي دۇرا يازىدىغان گەپكەن. شۇ سەۋەپتىنمىكىن بىزىم مىللى شىفاخانىلار خېلى رۇناق تېپىپ قېلىغلىق.ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن.ئەمما بىزدەك ئىشلەمچىلەر شىفاخانىنىڭ دۇرىسىنى سۇغۇرتا قىلاممايدىغان بولغاچقا مىللى بۇرىلىرىمىز بىزگە ئېغىر كەپكېتىپ ، ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن تۇلۇق پايدىلالاناممايۋاتىمىز.
بۇلاپمۇ مەندە ۋە باشقىلاردا ئەڭ كۆپ كۈرۈنىدىغان كېسەللىك بولسا ، سەھەردە مۇنچىغا چۈشۈپلام سىرىتقا ئىشقا ماڭغانلارنىڭ بېشىغا سۇغاق ئۈتەپ كېتىپ ، بۇرۇن ياللۇغىغا (http://tr.wikipedia.org/wiki/Sin%C3%BCzit) بوپقېلىش ئەھۋالى ئېغىردۇر.
خەنسۇچە 鼻窦炎 دەيدىكەنمىز.مۇشۇنىڭ بىر ئاددى قوللىنىشچان داۋاسىنى ئېيتىپ بىرلەرسىزمۇ؟ http://zh.wikipedia.org/wiki/%E9%BC%BB%E7%AB%87%E7%82%8E