بەزى تەپسىلاتلارنىڭ جەمىيەتكە ئاشكارلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورۇن، ۋاقت، كىشى ئىسىملىرى قاتارلىقلار بېرىلمىدى.(ھېكايە شەكلىدە ) تورداشلارنىڭ قاتتىق ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ـــــــــــ
تېلېفۇننىڭ قايتا- قايتا سايرىشى يەكشەنبىلىك بالىلرىم بىلەن بېلىق تۇتۇش، دەم ئېلىش ئارامىنى بۇزدى.
تېلېفۇن شەھەرلىك ساقچىخانىدىن كەلگەن ئىدى.
ــ تىز كەلمىسىڭىز بولمايدۇ، ئىنتايىن مۇھىم ئەھۋال يۈز بەردى،- دېدى ساقچىخانا باشلىقى كەسكىن تەلەپپۇزدا.
يەكشەنبىلىك تاتلىق دەم ئېلىشقا قىيالمىغان ھالدا ساقچىخانا تەرەپكە ماشىنىنىڭ رولىنى بۇرۇدۇم...

ئالدىراش كىرسەم ئىشخانىدا 25ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق بىر قىز بىر نەچچە ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا مېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. قىز گەرچە ھۆسىن- جامالدا ۋايىغا يەتكەن گۈزەللەردىن بولسىمۇ، بىراق چىرايى خۇددى كۆرپىنىڭ تېگىدە قالغان شەپكىدەك سەتلىشىپ، دومسىيىپ تۇراتتى.

" /> ئەيدىز قىزنىڭ ئۆچ ئېلىشى - 80 خالتا بلوگى

ئەيدىز قىزنىڭ ئۆچ ئېلىشى


ئەيدىز قىزنىڭ ئۆچ ئېلىشى

بەزى تەپسىلاتلارنىڭ جەمىيەتكە ئاشكارلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورۇن، ۋاقت، كىشى ئىسىملىرى قاتارلىقلار بېرىلمىدى.(ھېكايە شەكلىدە ) تورداشلارنىڭ قاتتىق ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ـــــــــــ
تېلېفۇننىڭ قايتا- قايتا سايرىشى يەكشەنبىلىك بالىلرىم بىلەن بېلىق تۇتۇش، دەم ئېلىش ئارامىنى بۇزدى.
تېلېفۇن شەھەرلىك ساقچىخانىدىن كەلگەن ئىدى.
ــ تىز كەلمىسىڭىز بولمايدۇ، ئىنتايىن مۇھىم ئەھۋال يۈز بەردى،- دېدى ساقچىخانا باشلىقى كەسكىن تەلەپپۇزدا.
يەكشەنبىلىك تاتلىق دەم ئېلىشقا قىيالمىغان ھالدا ساقچىخانا تەرەپكە ماشىنىنىڭ رولىنى بۇرۇدۇم...

ئالدىراش كىرسەم ئىشخانىدا 25ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق بىر قىز بىر نەچچە ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا مېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. قىز گەرچە ھۆسىن- جامالدا ۋايىغا يەتكەن گۈزەللەردىن بولسىمۇ، بىراق چىرايى خۇددى كۆرپىنىڭ تېگىدە قالغان شەپكىدەك سەتلىشىپ، دومسىيىپ تۇراتتى.
مەن نېمە ئىش ئىكەنلىگىنى سوراپ بولغۇچە ساقچىخانا باشلىقى قىزنى ئىشارەت قىلىپ: گېپىڭىزنى ئەمدى دېسىڭىز بولىدۇ.- دېدى قىزغا.
قىز قەبرىگە كېرىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغا جەسەتتەك بولۇپ كەتكەن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ گېپىنى باشلىدى.
(ئۇنىڭ قولىدا سەل كونىراپ قالغان قارا تاشلىق خاتىرە دەپتەر تۇراتتى)

قىزنىڭ ھېكايىسى
مەن دەپ گېپنى باشلىدى قىز كۆزىگە لۆممىدە چىققان ياشنى سۈرتىۋېتىپ:
ئاتا-ئانام ،ئوقۇتقۇچىلىرىم ، شۇنداقلا جەمىيەتنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشىدە ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن شۇنداق ياخشى تاماملىدىم. ھەممە ئادەم مەندىن خۇش بولدى. بولۇپمۇ ئاتا-ئانام بەك خوش بولدى.
ئالى مەكتەپنى تۈگەتتىم، ئەمما خىزمەت تېپىش مەسىلىسدە ئىزچىل تەلىيىم كەلمىدى. بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى.

بىر كۈنى مەمۇرلۇق ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ بولۇپ ياخشى تەييارلىق قىلدىم. دەرسلەرنى ياخشى ئۆگەندىم. دېگىنىمدەك ئىمتىھاندىن 1-بولۇپ ئۆتتۇم. ھەتتا 2-بولغان رىقابەتچىمدىنمۇ 27نومۇرنى يوقۇرى ئالغان ئىكەنمەن. بەك خوش بولدۇم، ئاتا-ئانامنىڭ خۇشالىقىنى دېمەيسلەر تېخى...

ھەممە رەسمىيەتلەر پۈتتى. ئەمدى ئىشقا چۈشۈپ كادىر بولۇپ ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى بىر -بىرلەپ قايتۇرىدىغان ۋاقتى كەلگەن ئىدى. ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدىغان گەپ ئىكەن. ماڭا ئوخشاش ئىمتىھاندىن ئۆتكەن نۇرغۇنلىغان تەلەيلىك بالىلار بىلەن مەنمۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرەتتىم. مەن ساغلام ئادەم ، مەندە نېمە قىلسۇن كېسەللىك؟- دەپ ئويلىدىم. ھەممە تەكشۈرۈش ئاخىرلىشىپ، قان تەكشۈرۈش نەتىجىسنى ساقلاپ تۇرغان چاغدا سىستىرا قىز مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ قالدى. باردىم، بىردەمدە بىر مۇنچە سېستىرا- دوختۇرلار پەيدا بولدى، مېنى ئايرىم بىر ئىشىخانىغا ئېلىپ كىردى. مەن نېمە بولغانلىقىنى بىلمەي سەل تەئەججۈپلىنىپ قالدىم.

ئىشىخانىغا كىرىپ ھايال ئۆتمەي بىرسى ئىشىكنى گۈپ قىلپ ياپتى، كەينىدىن كىرگەن بىر مۇز قاپاق چوكان دوختۇر ماڭا قاراپ يەۋېتىدىغاندەك سەت ئەلپازدا، تىللاشقا باشلاپ كەتتى.
-ھۇ «ج» پاسكىنا بۇزۇق، سەندەكلەر مۇشۇنداق بۇزۇقچىلىق قىلغاچقا جاھاننى كېسەل قاپلاپ مەينەت بوپ كەتتى بۇ ئىشلار، ئەيدىز بولۇپسەن «ق» ! ئەمدى ئۆل مانا!...ھېلىقى چوكاننىڭ ئىغىزىدىن چىقاۋاتقان خالا...
مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ...پۈتكۈل سېزىمىمنى يوقاتتىممۇ ئەيتاۋۇر بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام ئۆيدە يېتىپتىمەن.

بىرىنچى بولۇپ كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى بىچارە ئاپامنىڭ تولا يىغلاپ قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرى بولدى.
مېنىڭ ئورنۇمدىن تۇرۇشقا مادارىم يوق ئىدى، مەن گەپ قىلمىدىم، ئاپاممۇ گەپ قىلمىدى. ئۇ پەقەت مېنىڭ چاچلىرىمنى شور پىشانەمنى سىلايتتى. ئەسلى ئۆلۈپ كەتسەم بولاتتى، ئۆلگىلى بولمىدى. مەن شۇ ياتقانچە ئۈچ ئاي ياتتىم، ئىككى كۈندە بىر كېلىپ كىسەللىك ئەھۋالىم بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرىدىغان ئەيدىز كىسەللىگىنى تىزگىنلەش ئىدارىسى دەمدۇ ئىشقىلىپ ھۆكۈمەت ئادىمىدىن باشقا ئاپاملا كۈندە يېنىمغا كېرىپ تۇردى. ئۇندىن باشقا ھېچكىم كىرمىدى، مېنىڭمۇ خەقنى كۆرگۈم يوق. دادام مېنى يوقلاپ كېرىپمۇ قويمىدى. دادام تېخى ياش 40دىن ئەمدى ئاشقان جۇشقۇن غورۇرلۇق ئادەم ئىدى. ئاپامدىن ئاڭلىسام ئۇ كۈندە ئۆيگە كىرمەي ھاراق ئىچىدىغان، مەس ئەمەس چاغلىرىدا ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەيدىغان، كىشلەرگە ئارلاشمايدىغان، ئادەملەردىن يىراق تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
چۈنكى دادامنىڭ بىردىنبىر بالسى مەن، ئۈمىدى مەن، خىيالى، روھى خۇشاللىقى مەن ئىدىم.

مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىمدا ئىنتايىن ئەخلاقلىق، ئوغۇل بالىلارغا تىكىلىپ قارىيالمايدىغان ئۇياتلىق قىز ئىدىم ئەمەسمۇ؟ ياتاقتىكى باشقا قىزلار ئويناپ كېلەيلى دەپ شەنبە- يەكشەنبە كۈنلىرى سىرتقا ماڭسا، مەن مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانسىدا دەرس تەكرارلىغان، قىزلار ئوغۇل دوستلىرىنى قولتۇقلاپ مۇھەببەتنىڭ ياشلىقتىكى لەززىتىنى سۈرسە مەن (مەن تېخى كىچىك، ئوقۇش پۈتكەندە خىزمەتكە چىقىپ بولۇپ مۇھەببەتلەشسەممۇ تېخى كىچىكمەيمەن، بالدۇر ئېچىلغان گۈل بالدۇر توزۇيدۇ) دەپ ئۇلارنى زاڭلىق قىلغان ئىدىم. ھەق راست، مەن ئۇلارنى زاڭلىق قىلىشقا ھەقلىق ئىدىم .مەن ئىپپەت- نومۇسۇمنى ساقلاپ، پاكىز ياشاپ كەلگەن ئىدىم. كەلگۈسىدىكى يولدىشىمغا پۈتۈنلەي يۈز كېلەلەيتتىم.

ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغان ھەممە ساۋاقداشلىرىمىز بىر- بىرىدىن ئايرىلىشقا قىيالماي ھىسياتلىرىمىز بەك نازۇكلىشىپ كەتكەن ۋاقىتلار. ئەشۇ كۇنى سىنىپتىكى باللار ئولتۇرۇش قىلدۇق. ئولتۇرۇشتىن تاراپ ياتاققا قايتتۇق ، ياتاقتىكى بىر نەچچە قىز بىلەن ماڭغان ئىدىم، مەكتەپ دەرۋازىسىغا يېقىنلاپ قالغان چاغدا ياتاقدىشىمنىڭ ئوغۇل دوستى پەيدا بولدى. ئۇلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن : بۈگۈن كەچ بىر يەرگە بىرىپ ئوينايدىغانلىقىمىزنى دەپ مېنى ۋە ياتاقتىكى باشقا قىزلارنى بىللە بارىمىز دەپ تۇرىۋالدى. باشقا قىزلار خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. مەن قوشۇلمىدىم، ئادەتتىمۇ مەن قەتئىي ئۇلار بىلەن بارمايتتىم.

ئوقۇش پۈتكۈزىشىمىزگە بىر نەچچە كۈن قالدى. ئەمدى ئايرىلساق بۇ ھاياتىمىزدا كۆرىشەلەمدۇق-كۆرىشەلمەمدۇق، خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. بۈگۈن بىز بىلەن بىر قېتىم بارساڭ نېمە بولىدۇ. ھېلىمۇ بەش يىل بارمىدىڭ، سەن زادى بىزنى كۆزگە ئىلامسەن- ئىلمامسەن، بىز سېنى بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ئاپارمايمىز ئويناتقىلى ئاپىرىمىز! بارساڭ- بارمىساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارى ...
ساۋاقداشلارىن ئايرىلىشقا چىدالماي تۇرغان نازۇك ھىسياتىم بىراقلا ئېرىپ قالدى. بارساممۇ باراي دېگەن يەرگە كەلدىم. ئەمما ھۇجۇدۇمنى قانداقتۇر بىر قارا قۇيۇن ئىگىلەپ، بېسىپ كېلىۋاتقاندەك بولدۇم. سەزگۈلىرىم قانداقتۇر بىلگىلى بولمايدىن رەۋىشتە سىلكىنگەندەك بولاتتى. ئۇ كەچ مەن ئۇلار بىلەن راسا ئوينىدىم. دىسكۇخانلاردىكى جۇشقۇن مۇزىكىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ، لەرزان ئۇسۇل، لىرىك ناخشىلاردىن مۇڭلىنىپ كەتتىم. (بەش يىل ئوقۇپتىمەن، مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانسىدىن باشقا يەرنى كۆرمەپتىمەن. مۇنداقمۇ يەرلەر بار ئىكەن ئەمەسمۇ) سەزگۈلىرىمدە ئاللىقانداقتۇر سېزىملار پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولىشى مۇمكىن... دىسكۇخانىدىن چىققاندىن كېيىن ھېلقى ياتاقدىشىمنىڭ ئوغۇل دوستى باشلاپ كەلگەن بىر نەچچە يىگىتلەر ئەمدى قاۋاقخانا دەيدىغان بىر يەرگە بارايلى دەپ تۇرىۋالدى. مەن ياتاققا قايتايلى دەپ تۇرۋالدىم. بىراق ئۇ چاغ بولغاندا مەكتەپ ياتىقىنى ئەمەس، دەرۋزىسىنىمۇ تاقاپ بولاتتى. ئامالسىز قاۋاققا باردۇق. يىگىتلەر ھاراق ئىچىشتى، قىزلار باشتا ماڭا ئوخشاش مىۋە سۈيى ئىچتى. كېيىن يىگىتلەرنىڭ قايتا -قايتا زورلىشى بىلەن ھاراقنى باشلاپ كەتتى.

بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان بىر كارۋات، بىر ئۆي... بىشىم چىڭقىلىپ ئاغرىيتتى.
كارۋاتتىكى يوتقان- كۆرپە پاك -پاكىزە... بىر خىل ئاغرىق پۈتۈن بەدەنلىرىمنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. ماڭسام تۇرۇپ- تۇرۇپ پۇتلۇرۇم سانجىپ -سانجىپ ئاغرىپ كېتەتتى... مەن ئويلىدىم... قىزلىقىمدىن ئايرىلغان ئوخشايمەن! ئەمما غەلىتە يېرى ئۇ ئەرچۇ؟ ئۇ زادى كىم؟ مەلىمىزدىكى چوڭ ياشلىق چوكانلاردىن، قىز بالا تويى بولغان كېچىدە ئۇرۇن كۆرپىلەرنىڭ قان بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، قان چىقمىسا قىز چىقمىغان بولىدۇ، دېگەنلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسام ئەمسە ئورۇن- كۆرپىلەر نېمانداق پاكىز؟ ئەمما نېمە ئۈچۈن بەدەنلىرىم ئاغرىپ تۇرىدۇ. ماڭساممۇ ئاغرىۋاتسا؟ ھەسرەتلىك پۇشايمان كۆز- ياشلىرىمنى ئامالسىز يۈرۈكۈمنىڭ نازۇك يەرلىرىگە تېمىتىشقا مەجبۇر بولدۇم.

ياتاققا قايتىپ كەلگەن ۋاقتىمدا ياتاقداشلىرىم خۇددى يېڭى كەلگەن ئادەمگە ياتسىراپ قارىغاندەك ماڭا سىنچىلاپ قاراپ كېتىشتى. بەزىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ھىچقانداق مەنە ئىپادىلگەن چىراينى سەزگىلى بولمايتتى. مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇ يەردە يېتىپ قالغانلىقىمنى سورىسام، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەست بولۇپ قالغانلىقلىرىنى، باشقا ھېچقانداق ئىشنى بىلمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى. بىر كېچىلىك ئويۇن خۇددى نورمال ئىشتەكلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلدى. نەچچە كۈنلەردىن كېيىنمۇ بەدىنىمدە ھېچقانداق غەيرى ئالامەت سېزىلمىدى. ئۇزاق قالماي ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايىتتۇق. كاللامدا ئىزچىل ھالدا(مەن خورلىنىشقا ئۇچرىدىممۇ ياكى مەن پاكمۇ؟)دېگەن سۇئال ئەگىپ يۈردى. مەھەللىدىكى ھېلىقى چوكانلاردىن قايتا سوراپ باقسام ئۇلار قان چىقمىسا قىز ئەمەس دېگەن جاۋاپنى بەردى، شۇندىلا كۆڭلۈم ئەمىن تاپقاندەك بولدى. ئۆزۈمگە تەسەللى بىرىپ خاتىرجەم ياشاۋەردىم .

مانا ھەممە سىر يېشىلدى. مەن ئەسلى ئەشۇ كېچە ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلغان، باشقىلانىمۇ (بىچارە دادام، جاپاكەش ئاپام) ھەممە نەرسىسدىن ئايرىغان ئىكەنمەن.

ئۇچ ئايدىن ئارتۇق ۋاقت ئۆيدە يېتىش بىلەن بولدۇم، ھېلىقى ئەيدىز چەكلەيدىغان ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ كۈندە كېلىپ باتۇر بولۇڭ، ھاياتنى قەدىرلەڭ، سىز چوقۇم ساقىيىپ كېتىسىز، جەمىيەت سىزنى يەكلىمەيدۇ. ھۆكۈمەت سىزدەك بىمارلانى ھەقسىز داۋالايدۇ...دېگەندەك قۇلاققا خۇشياقمايدىغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈنلەر ئۆتمەكتە... ئۆلىۋېلىشقا بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولساممۇ جان تاتلىق ئىكەن. مەن ئۆلسەم باشقىلار ئۈچۈن بەرىبىر، چۈنكى مەن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن ئادەم.

تۇيۇقسىز كاللامدا چاقماق چاققاندەك بىر سادا پەيدا بولدى. ھېلىقى كۈنى كېچىدە قاۋاقخانىدا ماڭا ئىچىملىك بىلەن زەھەرلىك دورىنى ئىچكۈزۈپ، بىھۇش قىلىپ ئىپپىتىمگە تېگىپ بولۇپ، يەنە پاكىز يۇيۇپ كىيىملىرىمنى قايتا كەيدۈرۈپ باشقا ياتاققا ياتقۇزۇپ قويغان ئىپلاس، مەينەت ھايۋانغا بولغان ئاچچىقىم، ئۆچ -ئاداۋىتىم بارا-بارا ئاجىزلاپ، مېنى تەكشۈرۈپ تىللىغان ھېلىقى ھازازۇل خوتۇنغا نەپرىتىم كۈچىيىشكە باشلىدى. ھېلقى ھايۋاندىن ئۆچۈمنى ئالالمىدىم. ئۇنىڭ كىملىگىنى بىلمەيمەن. كۆرۈپمۇ باقمىغان. مېنىڭ قىزلىقىمغا ئېرىشىپ، ھايۋانىي- نەپسىنى قاندۇرغىنىنى ئاز دەپ ماڭا مەرەزنى قالدۇرۇپ قىچىپ كەتتى. لېكىن ماۋۇ ھازازۇل خوتۇن نېمە ئۈچۈن ماڭا بۇنداق ھاقارەت قىلىدۇ؟ توختا، مەن تېخى ھايات! ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۇ سېسىق خوتۇننىڭ، مېنى خارلىغان مۇشۇ جەمىيەتنىڭ بىر ئەدىبىنى بىرەي! بىردىنلا ھۇجۇدۇمغا كۈچ- قۇۋەت ئۇرغۇغاندەك بولدى. بۇ خيالىمدىن تولمىۇ سۆيۈنۈپ كەتتىم. ئۆلسەممۇ ئارمانسىز كېتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىم. چۈنكى مەن تۈزگەن پىلان ئىتايىن مۇكەممەل بولۇپ، قىلچە چاتاق چىقارماي مەقسىتىمگە يېتىدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەن ئىدى.

ئەتسى ھىلىقى ئەيدىز چەكلەيدىغان ھۆكۈمەت خادىمى ئەھۋالىمنى بىر قۇر سۈرۈشتە قىلىپ كۆرۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاپامغا سىرتقا چىقىپ ھاۋا يەپ كىرىدىغانلىقىمنى، ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتماي ھاياتىمنىڭ ئاخىردا مەنىلىك ئىشلارنى قىلدىغانلىقىمنى دەپ ئانچە- مۇنچە پۇللىرىمنى ئېلىپ (ئەزەلدىن بەتخەجلىك قىلماي يىغقان ئۈچ- تۆت مىڭ يۈەن پۇل بارئىدى) سىرتقا ماڭدىم.

بىرىنچى قىلغان ئىشىم بىر دانە قول تېلېفۇن سېتىۋېلىش بولدى. (مانا مۇشۇ تېلېفۇن دەپ كۆرسىتىپ قويدى قىز ،يېندىكى تېلېفۇننى چىقىرىپ) ئاندىن دوختۇرخاندىكى ھېلىقى <ھازازاۇل>نى سۈرۈشتە قىلىپ تاپتىىم. ئۇنۇڭغا كۆرۈنمەي تۇرۇپ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە كىرىشتىم. ئۈچ كۈن ھەركەت قىلىپ ئۇنىڭ تولۇق ماتىرىيالىنى قولغا چۈشۈردۈم. ئېرى ساقچىخانىدا ساقچى ئىكەن، 5 ياشلىق بىر ئوغلى، 9ياشلىق بىر قىزى بار ئىكەن. ئىچىمدە تازا خۇش بولدۇم. ئۇنۇڭغا بولغان نەپرىتىم ۋولقانغا ئايلانغان ئىدى. يىراقتىن ئۇ خوتۇننى كۆرۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىپ بىراقلا قۇتۇلايمۇ، دەپمۇ ئويلىدىم. ئەمما ئۇنۇڭغا پۈتكۈل جەمىيەتكە بولغان ئۆچمەنلىكىمنى بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۋەتسەم قاندۇرغىلى بولدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

مەن ھەركەتنى باشلىدىم. ئالدى بىلەن ھېلىقى خوتۇننىڭ ئېرىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى تېپىپ ئۇنۇڭغا ئۇچۇر يوللىدىم. ئۇمۇ ماڭا ئۇچۇر يوللىدى. بىز بىر ھەپتە ئۇچۇرلاشتۇق. ئۇنۇڭغا شۇنداق تاتلىق گەپلەرنى قىلدىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ خېلى ئېرىگەندەك بولدى. بىز بىر يەردە كۆرۈشتۇق. ئۇ مېنى كۆرۈپ ھوشىنى يوقىتاي دەپلا قالغان ئىدى. دېمسىمۇ مەن بەك چىرايلىق قىز ئەمەسمۇ. ئۇ باشتا تەكەللۇپ قىلىپ ئاللىقانداقتۇر دەبدەبىلىك گەپلەرنى قىلدى. سىز كىچىك ئىكەنسىز بۇنداق قىلساق بولمايدۇ، مېنىڭ خوتۇن- بالىلىرىم بار ئادەم، ئاكا -سىڭىل بولۇپ ئۆتەيلى... دېگەندەك.ئۇنىڭ مۇشۇنداق گەپلىرىگىلا بولدى قىلمايمەندە... چۇنكى مەن ئۆچۈمنى ئالمىسام بولمايدۇ، مەن بۇ جەمىيەتنى ئوڭتەي- توڭتەي قىلىۋېتىپ ئاندىن ئۆلىشىم كېرەك...

«مەن سىز گە كۆيۈپ قېلىش، سىزنى ياخشى كۆرۈش ھوقۇقۇم يوقما؟ كىمنى سۆيگۈم كەلسە شۇنى سۆيىمەن. خوتۇنى بولسا نېمە بوپتۇ. مېنىڭ كارىم يوق. مەق پەقەت سىز بىلەن بىللە بولساملا بەختىلىك! سىزمۇ ئەرمۇ؟ بىر قىز بالا ئالدىڭىزدا نېمە قىلساڭ مەيلى، مەن سىزنىڭ دەپ تۇرسا ، ئازراقمۇ ئىرەي دېمەيدىكەنسز ، قېنى سىزنىڭ ئەركەكلىگىڭىز ؟ ئىككى بالام بار دەيسز تېخى، قانداقمۇ تاپقانسىز ئۇ باللارنى؟ بوش!» بۇنداق ئاھانەتلىك گەپلىرىم ئەركەك دېگەننى ئېرىتمەي قالامتى؟! ... ئىشنى تۈگۈتۇپ پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم. تۆت - بەش ئايدىن بىرى بۈگۈن ئەڭ تاتلىق، ئەڭ شېرىن ئۇيقۇنى ئۇخلۇدۇم، تاماقنىمۇ شۇنداق جىق يىدىم.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ھېلقى ئەردىن تېلېفۇن كەلدى. بىز يەنە ئۇچراشتۇق، ئۇ بەز يىگەك مۈشۈك يەنە بىر مۇرادىغا يەتتى... بۇ ئىش 3- 4 - قېتىممۇ داۋاملاشتى. 5-قېتىم بولدى قىلدىم، ئەمدى مەقسىتىم ھاسىل بولغان ئىدى. ماڭا بىر قېتىمدا يۇققان مەرەز 4قىتىمغا يۇقماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.

ھېلىقى ئەيدىز چەكلەيدىغان ھۆكۈمەت كادىرى دائىم كېلىپ تۇراتتى...لېكىن ئۇنىڭمۇ ئائىلسى ، بالىلىرى،باشقا خىزمەتلىرى بار. نەدىمۇ مېنى كۈندە كۈزەتكىدەك ۋاقتى بولسۇن. كېيىنچە مېنىڭ تېلېۇن نومۇرىمنى يېزىۋېلىپ تېلېفۇندىلا ئەھۋالىمنى ئىگىلەيدىغان بولدى.

مېنىڭ ئۆچ ئېلش ھەركىتىم تېخى تۈگىمىدى. بازارغا چىقىپ بىر خاتىرە دەپتەر سېتىۋالدىم. ئۆچ ئېلىشتىن ئىبارەت«ئۇلۇغۋار» غايە مېنى دائىم جىم ياتقۇزمايتتى. جەميەتتىكى ئىشقىۋازلانىڭ ئەدىپىنى بېرىشكە باشلىدىم.

ھېلىقى ھازازۇلنىڭ ساقچى يولدىشىدىن باشقا تۇنجى ئۇچراشقىنىم، بىر ئەمەلدارمىش. ئىسم- فامىلسى، تېلېفۇن نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قارا تاشلىق خاتىرەمگە يېزىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ ئەر كىشى بولسىلا بىللە بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پۇلدارلار كۆپرەك. مەن بەزىدە ئەرلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ ئۇلاردىن شەكىلگە پۇل ئالدىم. بۇنداق قىلسام مېنى پاھىشە دەپ قارايتتى. بەزى نامرات بىچارە ئەرلەرنى ئۆزۈم مېھمان قىلىپ، ئۆزەم ياتاق ئېلىپ، گۆر ئالدىغا سۆرەپ ئاپىرىپ قويدۇم. بەزى ئەرلەر گاندۇن ئىشلىتىدىكەن. بىراق مېنىڭ تاتلىق سۆزلىرىم ، ئايدەك چىرايىم، بۇلاقتەك كۆزلىرىم، ئەۋرىشىم پاختىدەك بەدەنلىرىم ئالدىدا ئۇلار تەسلىم بولۇپ گاندۇنلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ھايۋانىي- ھەۋەسلىرىنى، سېسىق شەھۋەتلىرىنى قاندۇرىشاتتى. ئەرلەرنى شۇنداق باتۇر، شۇنداق نوچى دەپ قارايمىز، ھەممىسى پوق گەپ! كىچىككىنە ئەرزىمەس شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەشۇ بەش مىنۇتلۇق ھوزۇرنى سۈرۈش ۋەسۋەسسدە قىز- چوكانلارنىڭ ئالدىدا قىلمىغىنى قالمايدۇ. ھەتتا مەندەك بىر ئەيدىز ۋاباسى بىلەن يۇقۇملانغان مەينەت قىزنىمۇ تىللىرىنى سەت چىقىرىپ شوراپ كېتىشلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا يەنمۇ جىق ئەر ھايۋانلارنى جايلاشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ ئۆچ ئېلىشنى تېخمۇ جىق داۋاملاشتۇرغۇم كېلەتتى. مەن بىللە بولغان ئەرلەنىڭ ئىچىدە پۇلدار بايلار، ساقچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، دېھقانلار ، ئوقۇغۇچىلار، جەميەتتىكى داشقاللار...ئىشقىلىپ ھەممىسى بار.

ھېلىقى دېھقان بالا بىلەن بىللە بولۇش ئىشىمنىڭ قىزىقارلىقلىقىنى دېمەمسلەر تېخى. ياخشى بىر «ئوۋ» ئىزلەپ بىر كوچىدا كېتىۋاتسام (بۇ كوچا مەخسۇس خەنزۇ پاھىشە قىزلىرىنىڭ باش يۇيىمىز، پۇت يۇيىمىز ...دېگەندە ۋىۋىسكىلارنى چىقىرىۋېلىپ ئەسلى باشقا يەرلەرنى يۇيىدىغان كوچا)، كىيىم -كىچەكلىرى ئاۋارە بىر بالا ئېچىرقاپ كەتكەن شەھۋانى ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن (يۇيۇش )خانغا كېرىپ كېتىپ بارىدۇ. ئىچىمدە شۇ يەرگە بەرگەن پۇلنى نەدىنمۇ تاپقانسەن؟ قانچىلىك بۇغداي، ياكى قوناق ساتقانسەن؟ ياكى بولمىسا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلۇڭنى ئالغانسەنمۇ؟ دەپ ئويلىدىم-دە، ئۇ بالىنى چاقىرىۋالدىم. ھەي بالا، ماياققىمۇ قاراپ قويۇڭ، بىزمۇ بار مەيەردە ! ھېلىقى دېھقان بالا قاتتىق ھودۇقۇپ كەتتى. ماڭا قاراپ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن يېنىمغا كەلدى. لېكىن مەندە سىزنى ياتاققا باشلاپ بارغىدەك پۇل يوقتە؟ مېنىڭ گۈزەل چىرايىم، قاملاشقان بەدەنلىرىم ئۇنى خېلىلا جەلىپ قىلغان ئىدى.
ــ ئەمسە ئايەگە پۇل باركەنغۇ مانا؟- سورىدىم مەن.
ــ «شاپبولاڭ» دېگەنگە 20يۈەن بولسىلا بولدى.( يەرلىكلەر پاسكىناخانلارنى ئەشۇنداق ئاتايتتى، مەنسى: تېز بولۇڭ ــــ يەنى ئىشنى تىز تۈگۈتۇپ 20يۈەننى بىرپ قايتىڭ، دېگەن گەپ)
ــ پۇل بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەن ياتاقنى ئۆزۈم ئاچقۇزاي.
ھېلىقى بالا غەلىتە بىر ئىشقا دۇچ كەلگەندەك، ماڭا چەكچىيىپ قاراپ كەتتى. بىز شۇنداق كېلىشىپ، مەن پۇل چىقىرىپ پاسكىناخانا خانىسدىن بىر ئېغىز ئاچتۇرۇپ كىرىپ كەلدۇق.

ياتاققا كىرگەندە ھېلىقى بالا ماڭا يىقىنلىشالماي تىرنىقىنى تاتىلاپ ئولتۇرىدۇ.
مەنمۇ ئويلىنىپ قالدىم. بىچارىنىڭ راستىنلا20يۈەن پۇلى بار ئىكەن. ئۇ پۇلنى قانداق تاپقاندۇ؟ سوراپ باقايچۇ.
دېھقان بالا بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇ بالنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىدا تۇردىغانلىقىنى يالغۇز ئانىسىنىڭلا بارلىقىنى، ئۆيىنىڭ ئىنتايىن نامراتلىقىنى، ئۆيدە يەيدىغان ئۇن -ياغنىڭمۇ يوقلىقىنى، ئانا- بالا يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ھەر ئايلىقىغا 67يۈەن تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالدىغانلىقىنى...ئۇقتۇم. ھەي ئەرلەر، ئىشقىۋازلىق شۇنچە مۇھىممۇ؟ بۇ شەھۋەت سىلەرنى مۇشۇنداقمۇ جەلپ قىلارمۇ؟ ئاناڭدىن ئوغۇرلاپ كەلگەن ئەشۇ 20يۈەن قۇتقۇزۇش پۇلنىمۇ ئۆز جايىغا خەجلىمەي «شاپبۇلاڭ» غا بېرىپ 5 مىنۇت شەھۋەت سۈرۈپ نېمە قىلارسەن؟
ئويلىغانسىرى غەزىپىم تاشتى...«بولىدۇ، سېنىمۇ گۆر ئاغزىغا ئاپىرىپ قوياي» دەپ ئويلىدىم- دە، ئۇ بالىنىڭ كىيىملىرىنى ئۆزەم سالدۇرۇشقا باشلىدىم. بالا ھەقىقەتەن ياۋاش ئىكەن. مېنىڭ ئالدىمدا تىترەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىچى كىيىملىرىنى سالدۇرۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ شۇنچە كىرلىشىپ كەتكەن يىرتىق ئىچ كىيىملىرىنىڭ كام بولغاندا يەتتە -سەككىز يىللىق كىيىم ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، مېنىڭ ئاجىز قوللۇرۇممۇ ئۇنى ئاسانلا يىرتالايتتى. ئۇنى گۆر ئاغزىغا ئېلىپ كېلىشىمگە ئازلا قالغاندا تۇيۇقسىز ھېلىقى دېھقان بالىنىڭ ئانسىنىڭ بىچارە ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۆزەمنىڭ ئاتا- ئانامنىىڭ ھازىرقى ھالتىچۇ تىخى... كىيىملەر پۈتۈنلەي سېلىنىپ بولغان ئىدى. بالىغا ئازراق ئىچىم ئاغرىغاندەك بولدى. قىلسام بۇ بالا ماڭا ئوخشاش ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتىدىغان تىرىك مۇردا بولىدۇ. قىلماي كېتەي دىسەم بۇ بالا يەنە شۇ 20 يۈەنگە «شاپبۇلاڭ» ئوينايدۇ...

شۇ خىياللاردىن كېيىن جوزا ئۈستىدىكى گاندۇننى ئۇنۇڭغا بەردىم (ھازىر مەينەتخانلاردا ئومۇميۈزلۈك گاندۇن تەمىنلەيدۇ) ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ ېىھقان بالا بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئانسى راستىنلا قېرى، ئاجىز ئايال ئىكەن تۇرمۇشى ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق ئىكەن. ئۇلارنى كۆرۈپ ئۆلۈم ۋەسۋەسسدە قالغان كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولدى. نەچچە ۋاقىتتىن بىر نادان ئەرلەنى ئاخىرەتكە ماڭىدىغان «داغدام يوللار»غا باشلىغاچ ئۇلارنىڭ بايلىرىنىڭ پۇللىرىنى جايلىغاچ ماڭغان ئىدىم. ئۆزۈمنىڭ پۇلى بىلەن قوشقاندا 10000دىن ئېشىپتىكەن. پۇلنى ھېلىقى مومايغا بەردىم. يېرىمىنى ئوغلىنى ئۆيلەشكە، يېرىمىنى تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان بولدى.

موماينىڭ ئۆيىدىن قايتىپ كېلىپ كۆچمە خەۋەرلىشىش شېركىتىگە بىرىپ نەچچەئاينىڭ ئالدىدا ھازازۇل خوتۇننىڭ ساقچى ئېرى بىلەن سۆزلەشكەن ،ئۇچۇرلاشقان خاتىرىنى بېسىپ چىقىرىپ. دوختۇرخانىدىكى ئۇ ھازازۇلنى تاپتىم. تېلېفۇن خاتىرلىرنى كۆرگەن ھازازۇل نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتتى. مەن قارا خاتىرەمنى ئېلىپ ساقچىخاناڭلارغا كەلدىم. ئەمدى قانداق قىلغۇڭلار كەلسە شۇنداق قىلىڭلار!

################################################

مەن ناھىيىنىڭ ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان خادىم بولغاچقا دوختۇرخانا ۋە ساقچىخانىلاردىكى مۇھىم بولغان ئەيدىز كېسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار چىقسا مېنى ئىزلەيتتى. قىز گېپىنى تۈگىتىپ، قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئارقىدىن دەپتەرنى ساقچىخانا باشلىقىغا بەردى. دەپتەرنى ئېچىپ قارىساق قىز ئۆزى ئىقرار قىلغاندەك، نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئارخىبى خاتىرلىنىپتۇ.

ئەتىسى مۇناسىۋەتلىك ناھىيە باشلىقلىرى بىلەن قارا خاتىرىگە ئىسمى چۈشكەن نۇقتىلىق ئادەملەرنى نۇسخا ئېلىپ قان تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. قىز يالغان ئېيتماپتۇ.

..........
 

يوقارقى ۋەقە چىن ۋەقە!
بەزى تەپسىلاتلارنىڭ جەمىيەتكە ئاشكارلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىشى ئىسىملىرى، ئورۇن، ۋاقىت قاتارلىقلار بېرىلمىدى.

مەزكۇر تېما «ئەلكۈيى» تور بېكىتىگە تەۋە. تورداشلارنىڭ باشقا تور بېكەتلەرگە مەنبە ۋە ئاپتۇرنى ئېنىق ئەسكەرتىپ يوللىشىنى توسمايمىز.
ماقالە ئاپتۇرى: ناۋاي



[Birzat بۇنى 2011-05-31 05:51 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 77 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماibrat[2014-01-29 01:47 PM | del]
ھەممەيلەن ئبرەت ئالايلى
回复قايتۇرماgulnigar[2013-05-25 04:49 PM | del]
ئەسسالامۇ ئلەيكۇم....تورداشالار  .....مەن بۇ ۋەقلىكنى ئوقىغاندن كىيىن . مىللىتىمىزدىكى قىز-ئوغول پەرزەتلرنىڭ ۋە 2..3..تىن بالىلىرى بار ئاكىلىرىمىزنىڭ يولدىن چىقىپ شەيتانىڭ كەينىگە كىررىپ ئائىلىسنى   ئايالنى ۋەيران قىلۋاتكنلىقىنى كۆرىۋاتىمىز .........مەن بۇ ۋەقلىكنى ئوقىوپ ئولتۇرۇپ بىر ئالى مەلۇماتلىق بىر قىزنڭ ياخشى ئوقۇغاتىم دىگىنىگە پەقەتلا  ئىشەنمىدىم       ............بۇ قىز بىلىم ئالماپتۇ  ئەكسىنچە  مەكتەپتە ئۇخلاپ يۇرگەن ئوخشايدۇ............ئۆزى بۇ كىسەلگە  گىرىپتار بولگاندىن كىين باشقىلارغا نەسيەت قىلىشى كېرەك ئىدى  .......مىنىڭچە بىز بۇنڭدىن ئىرەت ئېلىپ  ئاۋال ئۆزىمىزنى ئاندىن پەرزەتنىتلىرىمىزنى ياخشى تەربيلەيلى .......كالىمىزنى سىلكىۋىتەيلى قىرىندشلار .......
回复قايتۇرماkosuwul[2013-04-15 09:01 PM | del]
تۈۋە دەيلى يەنلا
回复قايتۇرماxajarim[2013-01-16 12:55 AM | del]
ھەييي ،    ئۆزى يۇمۇملانغاندىنكىيىن، بولسا  تۆۋە قىلىپ ئۆمۇرنىڭ ئاخىردا ، ياخشى ئىشلارنى قىلسىچۇ.  ئۇ قىزنىڭ يۇقۇملىنىپ قىلىشى ياكى قەستەن بولمىغاندىنكىن.
回复قايتۇرماkarwan25[2012-12-05 03:34 PM | del]
ھازىر جەمىيەت بەك بۇزۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ،،،شۇڭا ئاتا-.ئانىلار ئائىلدە پەرزەنت تەربىيسينى ياخشى ئىشلىشى كىرەك. بولۇپمۇ ئەرلىىرىمىز مىللىتىمىز قىز ئاياللىرىنى ياخشى قوغدىشى كىرەك، مەيلى ئۇلار بىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز بولمىسىمۇ ھەممەيلەن قان قىرىنداش...ئەرلىك مەجبۇرىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كىرەك...ھەربىر قىرىندىشىمىزغا مەسئۇل بولايلى،،،ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.....!
回复قايتۇرمابارخان[2012-11-29 11:39 PM | del]
نۇرغۇنلىغان قىزلار ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ۋاقىتتا ھېكايىدە ئېيتىلغاندەكلا  «مۇشۇ بىر قېتىم ئوينىۋالغانغا  نىمە بولاتتى؟ يەنە قاچان كۆرۈشىمىز بۇنى كىم بىلىدۇ؟» دەپ قېلىپ، بېرىشقا تېگىشلىك بولمىغان سورۇنلارغا بېرىپ ئۆزىنى بىلىپ-بىلمەي يوقىتىپ قويىدۇ. (پېقىرمۇ ئىككى قېتىم ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ باققان) . ئەمما شۇ قېتىملىق خاتالىقى ئۆمۈرلۈك بەختىنى نابۇت قىلىۋىتىدۇ. ئەرلەرنىڭ ھەۋىسى قوزغالغاندا نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، يەنى ھايۋان تەبئىتىنى ئاشكارىلايدۇ. بىر «ئەيدىز بېمارى ئەر» گە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئۇنى تىللاشنىڭ تېخىمۇ ئورنى يوق. چۈنكى (قىزچاق ئەيدىز بولغاندا ھاقارەتكە ئۇچراپ قانداق ئۆچ ئالدى؟) شەرمىي ھايانىڭ، ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ شاھنىشاھى سانىلىدىغان قىزلار جېنىدا شۇنداق ئۆچ ئالالىغان يەردە ئۇ ئەر ئەيدىز بېمارىنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى ئەقىلگە سىغدۇرغىلى بولىدۇ. گەپ يەنىلا شۇ سىتۇدېنىت قىزچاقلارنىڭ «بىر قېتىم ئوينىۋىلىپ ئۆيىگە قايتىش» شوئارىدا.
شۇڭا ئەيدىز بېمارلىرىنى ھاقارەتلەشكە، تىللاشقا بولمايدۇ. ئۇلارمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خالاس...... ھەممىمىز سىتۇدېنت قىزچاقلارغا مۇنداق دەيلى: ئوقۇش پۈتتۈرىدىغاندا دەپ ئويناپ سالماڭ، شۇ ئويۇنلىرىڭىزنى ئىپپىتىڭىزنى تاپشۇرغان ئېرىڭىزگە دېسىڭىز چوقۇم ئوينىتىدۇ. شۇ چاغدىمۇ ئويۇنغا كېچىكمەيسىز.
回复قايتۇرماanwar731[2012-11-02 01:03 PM | del]
ھەي بېچارە قېز   [fa               ئھ  ئۇلۇغ ئاللا   مۇسۇلمان بەندەڭنڭ  كوڭلېگە   ئۇزلېرې   ئنساپ   بەرگەيلا   ئامن         شوكېرې   ئاللا بەرگەن  كۇنلرڭزگە      ئۇبېچارە  كېزنڭ كسلېگە  ئوزلرې   شپالق بەرگەيلا
回复قايتۇرماtawseya1122[2012-10-30 02:06 AM | del]
回复قايتۇرماtawseya1122[2012-10-30 02:04 AM | del]
回复قايتۇرماhalis[2012-10-13 11:42 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،ھەممىڭلارنىڭ ئىنكاسى ياخشى بوپتۇ ، مىنىڭچە ھەممە سەۋەنلىك قىزنىڭ ئۆزىدە ئىكەن. كىچىدە ئوينىغىلى بارغىنىنى ئاز دەپ نىمشقا ھاراق ئىچىدۇ ؟ئەجبا ھاراق ئىچسە مەس بولۇپ شۇنداق يامان ئىشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىنى نىمىشقا ئويلىمايدۇ ؟ياخشى ئوقۇدۇم دەپتۇيۇ نىمىشقا شۇنچىلىك ئېشقا ئەقلى يەتمەيدۇ . يەنە كىلىپ نىمىشقا كىسەللىك ئەھۋالىنى بىلگەندىن كىيىن ھىلىقى ھەزىلەكنى ئېزدىمەي باشقىلارغا يامانلىق قىلىدۇ؟ ئېزدەي دىسە ھىلىقى ياتاقداش سولامچى دوستلىرى ئارقىلىق تاپالايتتىغۇ.  (ھىلىقى ھەزىلەككىمۇ لەنەت بولسۇن . ئسىت ئوغۇل بوپ قالغىنىغا ). مۇشۇ ھەزىلەك تۈپەيلى نۇرغۇن كىشىلەر نابۇت بوپتۇ . قىرىنداشلار كاللىمىزنى سىلكىۋىتەيلى ، 5مىنۇتلۇق ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ بىر بىرىمىزگە يامان قولىمىزنى سۇنمايلى . شەيتاننڭ ۋەسۋەسسىگە بىرىلىپ ئىمانىمىزنى بۇلغىمايلى. ئەسلمزنې ئۇنتۇپ قالمايلى.مۇسۇلمانداچىلىق ئاغزىمزدا ئەمەس ،ئەمەللىرىمزدىن بۇلسۇن.
回复قايتۇرماxxx123[2012-09-08 12:32 AM | del]
مېنىڭچە قىزلارنىڭ مەكتەپتە ۇزاق ۋاقىت ئۇقىشى ياخشى ئەمەس!!!
回复قايتۇرماberdax[2012-07-31 05:00 PM | del]
شۇم خەۋەرنى دەسلەپ ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئۈمۈدىنى ئۈزۈۋەتمىگەن بولسا ،بۇيامان يولغا كىرمىگەن بولسا،بىرەر ياخشى يىگىت ئەمرىگە ئالار ئىدى.تەربىيە دۇرۇس ئەمەس! قىز ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلەلمەپتۇ!ياخشى ئويلانساق جاۋاب چىقىدۇ ئىنشا ئاللاھ! بىز نىڭ ئەخلاقىمىز ،ھەي ئىست بىر قىزنى نابۇت قىلغان ئاشۇ <ئوغۇل>نى تەربىيلىگەن شەيتانغا لەنەت!بىراۋنى بىرى تەربىيلىمىسە ئۇنى شەيتان تەربىيلەيدۇ! ئاتا -ئانا بولغان ۋە ئاتا-ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان قېرىنداشلار !پەرزەنت تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ،شۇنداق مەلۇنلارنىڭ جەمىئەتتە پەيدا بۇلۇشىنى توسۇيلى! مۇھەممەد(س ئە ۋ) ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى ئۈلگە!
回复قايتۇرماjapan[2012-07-28 10:31 AM | del]
ياخشى تېما يوللاپسىز   ئۇ قىزغا بەك ئۇۋال بوپتۇ .جەمىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشلىرىمىز ئوزى قىلغان ئازدەپ جەمىيىتىمىزدىكى بىركىسىم  پاك،ئەخلاققىق ،بىلىملىك كىشلىرىمىزنىڭ ئۈمۈرلۈك ھاياتىنى نابۇت قىلماقتا    كىشلىرىمىزئېتىدىغان سوزۈم :كىشى ئىمانلىق،ئەخلاقلىق بولسىلا مېنىڭچە جەمىيەتتىكى بىرقىسىم نىيىتى بۇزۇق كىشلەرنىڭ دامىغا چۈشمەيدۇ دەپ قارايمەن.
回复قايتۇرماginral[2012-07-19 07:21 PM | del]
回复قايتۇرماSARGARDAN01[2012-07-19 03:55 PM | del]
menig MU XU GUZAL KIZ  GA  IQIM SERILDI BIQARA ATA ANISIQU TEHI  BAHTI EQILMASMIDI BIQARENIGKI
回复قايتۇرماancar[2012-06-16 02:56 PM | del]
ۇكز نڭ  د
回复قايتۇرمازۆھرەجانىم[2012-05-26 01:41 PM | del]
تىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يوللىنىپتۇ!  ئىنىقكى ، بۇ ئىشتا قىز ۋە  شۇنچە كۆپ ئەرلەرنىڭ بۇ  نىجىس يولغا كىرىپ كېتىشى ئىمان ۋە ھايانىڭ سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىدىن كىلىپ چىقىپتۇ!
回复قايتۇرما520janan[2012-04-03 02:28 PM | del]
ھەي ئىسىت      بىچارە           ئۇ  ھاراملىقنىڭ  سىڭىللىرى   يوقمىدۇ
回复قايتۇرماظايچصچةك[2012-03-28 05:40 PM | del]
بئچارة قئزغا ظذؤال بوپتذ ،بذنئثغا سةؤةپچئ يةنئلا شذ ناكةس ظةر كئشئ .هئچقاچاندا ظايال كئشئ ظةركئشئگة پوخذرلذق قئلالمايدذ.ظاللا ظئگةم ظةرلئرمئزگة ظنساپ ،ؤئجدان ظاتا قئلغاي.
回复قايتۇرماALONE[2012-03-11 01:51 PM | del]
ئاۋۇ ھارملىقنىڭ سېڭلسى يوقمىدۇ.  ئەمىليەتتە ئاشۇ قىزنىڭ ئۆزىدىن كەتكەن يەلرىمۇ باركەنغۇ بارمسىا بولىدۇغۇ . مڭنىڭچە قىزلارنى ئۇقۇتۇپ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرمەن دىمەي ئىمانلىق ئىتقاتلىق تەربىيلەپ ۋاختىدا تويىنى قىلىۋەتكەن ياخشى ئەمەسمۇ چۈنكى ئاياللار ئۈچۈن جەننەتكە ئېرى ئارقىلق ئېرشىدىغان تورسا . قانداق دېدىم تورداشلار ...
回复قايتۇرماotkurxh[2012-02-23 09:55 PM | del]
مەن بۇ ماقالىمى كۆرۈپ بەك ھايا جانلاندىم . بۇ مەسلىنىڭ مەنبەسى مەنچە يەنىلا ئىمانىمىزنىڭ ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان . مائارىپ چۇقۇم شۇكىشى خەلىقلىرنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپد ئادەتلىرىگە  ماس كېلىشى كېرەك .مائارىپ ئۇقۇغۇچىلىلارنى مۇستكەم ئىمان ،ئىتىقاد ،ئەخلاق بىلەن تەربىيلىشى كېرەك  شۇنداقتىلا جەمىيەتتىكى بۇ ئەھۋالارنى ئوڭشىغىلى بۇلىدۇ .
    ئاللاھ ھەمىمىزنى ھىدايەت قىلغاي ،بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتىپ بەرگەي (ئامىن )
回复قايتۇرماsartikin[2012-01-02 06:10 PM | del]
ھېلىقى ھايۋاننىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇپ ئىتتا تاشلاپ بەرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ  تۇققانلىرىم مىللەت دىگەن سۆزنى يۈرۈ كىمىزدىن ئويلايلى
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.