ئانا سۈتى ھەققىدە
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-05-08
80خالتا بلوگ ئىلاۋىسى: ئانا سۈتى - ئىنسانىيەت ھالال رېسىقلىرىنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىسى ۋە ئەڭ كاتتىسىدۇر. بوۋاقنىڭ ساغلام يېتىلىشى، ئەقلىي قابىلىيىتى، چوڭ مېڭە تەرەققىياتى، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى، ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلاردا ئانا سۈتى موھىم رول ئوينايدۇ. بالىنىڭ ئانا قارنىدا تۇرۇش ۋاقتى توشۇپ يورۇق ئالەمگە كۆز ئاچقاندىن كىيىن ئانا كۆكسىدە سۈت پەيدا بولۇشىنى ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان مۆجىزىلەرچە كاتتا نىئمىتى دېيىشكە بولىدۇ. ئانا ھامىلىدار بولغان پەيتتە ئەمچەك سۈت ئاجرىتىش تەييارلىق ھالىتىدە بولۇپ بالياتقۇ بىلەن بوۋاقنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى بالا ھەمرىيى ھاسىل قىلغان ئاياللىق ھورمۇن ئەمچەكتىكى سۈت ئىشلىگۈچى سىستېمىنى غېدىقلاپ، ئۇنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بوۋاقنىڭ دۇنياغا كۆز ئىچىشى بىلەنلا ئانا تېنىدىكى قاننىڭ سۈتكە ئايلىنىش جەريانى كىشى ئەقلىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. بوۋاق تۇغۇلۇپ دەسلەپكى 3-4 كۈن ئىچىدە ئانا ئەمچىكى ئىشلەپ چىقارغان سۈت ئوغۇز سۈتى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۈت سۇسىمان سۇيۇقلۇق بولۇپ رەڭگى سارغۇچراق كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى ئاز بولۇپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇق تەلىپىنى قاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ. لىكىن ئوغۇز سۈتىنىڭ رولى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم بولۇپ ئۇ بىر خىل تازىلىغۇچى سۇيۇقلۇق بولۇپلا قالماستىن بەلكىم بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى شىلىمشىق ماددىلارنى ۋە باشقا كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرۋېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇ بىر خىل خىسلەتلىك دورىلىق سۇيۇقلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن تەركىبىدە مول ئانتىتېلا ( 抗体 kàng tǐ ) بار بولۇپ بوۋاقنى قېزىل، كۆكيۆتەل، ئىسكارلاتىنا قاتارلىق كېسەللىك خەۋپىدىن ساقلايدۇ.
بوۋاق تۇغۇلۇپ 5-كۈنىگە كەلگەندە ئوغۇز سۈتى ئۇنىڭ بەدىنىنى پاكىز تازىلاپ بولىدۇ، - بوۋاق ھەقىقى ئوزۇقلىقى مول بولغان سۈتكە ئىرىشەلەيدۇ.
قاننىڭ سۈتكە ئايلىنىشى ئاجايىپ خىمىيەلىك رىئاكسىيە جەريانى بولۇپ بىر كۈندە ئانا ئەمچىكى ئىشلەپ چىقىرىدىغان 600 مىللىيگىرام سۈت ئۈچۈن كۈدە ئاز دېگەندە 4500 مىللىلېتىر قان ئەمچەك توقۇملىسىدىكى تورسىمان قان تومۇرلاردىن ئۆتۈشى كېرەك. ئەمچەك توقۇملىسىدىكى پۈۋەكچىلەردىن ئېقىپ ئۆتكەن قاندىن بوۋاقنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن موھىم بولغان ئۇزۇقلۇقلاردىن كالتىسىي، ۋېتامىن، ئاقسىل ۋە باشقا مىنرال زۆرۈر ئېلمىنتلارنى سۈزۈۋالىدۇ. تۆۋەندە بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار دېگەن تېما دېققىتىڭىزدە بولىدۇ:
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سۈت قان ئانا ئەمچەك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن بۇيىل 26ياشقا كىرگەن بولساممۇ،لىكىن مەندە ئەمچەك توپچىسى چىقمىدى.بۇ كىيىنكى تۇرمۇشىمغا تەسىرى بولارمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالىمەن.قانداق قىلسام ئۇنى چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
رەھمەت.
ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم ياخشىمۇسىز؟ سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دىگەن ۋاختىڭىز بارمىكىن ،مەن بۇ يىل 33 ياشقا كىردىم بىر ئوغۇلۇم بار .مىنىڭ پات-پاتلا دوۇسۇنۇم ئاغىرىپ تۇردۇ ئاق خۇن جىق كىلىدۇ يېقىندىن ياقى بىر خىل كۈچلۇك پۇراق پەيدا بۇلۇپ قالدى، يولدىشىم بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا بۇ پۇراق تېخىمۇ كۈچىيىپ كىتىپ بارغاندەك ھىس قىلىمەن ،قانداق قىلسام بۇخىل پۇراق يوقايدۇ مەسلىھەت كۆرسەتسىڭىز ؟؟؟؟؟؟
مىنىڭ تۇنجىسى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.نەچچە ئايدىن كىيىن مەن يەنە ھامىلدار بولدۇم.ھامىلدار بۇلۇپ ئىككى ئايدىن كىيىن قورسىقىم بەك قاتتىق ئاغرىپ ئادەت كىلىپ كەتتى. دوختۇرخانىغا بېرىپ كۈرۈنسەم بالا ساق سالامەتكەن دىگەن.ھازىر تۆت ئايلىق بولغان ئىدى .،دوۋسىنىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ دوختۇرغا كۈرۈنسەم بالا پەسلەپ كىتىپتۇ دەيدۇ، بۇنداق بولسا بۇ نۆۋەتمۇ چۈشۈپ كېتەرمۇ ؟قانداق قىلسام بولار؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. قانداق قىلسام ھامىلە يوقىرىغا ئۆرلە؟ ئەگەر بۇ نۆۋەتمۇ چۈشۈپ كىتىپ قالسا ئادەت خارەكتىرلىك چۈشۈشكە ئايلىنىپ قالارمۇ؟