بۇ موماينىڭ تېبابەتتىن كۆپ خەۋىرى يوق بولسىمۇ ئۇقۇمۇشلۇق ئايال بولغاچقا ئۆزىنىڭ مىزاج، كەيپىياتىنى قانداق تەڭشەشنى، مىزاجىدىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ ئوزۇقلىنىشنى بىلىدۇ. مەن ئانچە - مۇنچە بۇ <<ئانام>>نى يوقلاپ بارغاندا، بالام تازا مىجەزىم يوق، تومۇرۇم تۈنۈگۈندىن بىرى مۇنداقراق سوقۇۋاتىدۇ، شۇڭا پالانى غىزانى يىمەي تۇردۇم، مۇنداقراق غىزانى يېسەم ھازىر خىلى ياخشى، سىلى بىر كۆرۈپ باقسىلا دەيدۇ. مەن تومۇرنى تۇتۇپ كۆرسەم ئۆزى ئېيتىپ بەرگەندەك ھالەتتە سوقۇۋاتقان بولىدۇ. يېمەك-غىزالارنىڭ تەڭشىلىشىنىڭمۇ مۇۋاپىق بولغانلىقىنى ئېيتىمەن. بۇ مەزلۇمغا مەستلىكىم كىلىدۇ.

" /> تومۇرىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلىپ باققىڭىز بارمۇ؟ - 80 خالتا بلوگى

تومۇرىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلىپ باققىڭىز بارمۇ؟


يېشى 80 دىن ھالقىغان، ئۆزىنى ئاسىراشنى ئوبدان بىلىدىغان بىر مەزلۇمە بار. كۆپلىگەن جەبرى-جاپالارنى، دەرت-ئەلەملەرنى، خاپۇلۇقلارنى تارتقان بۇ مەزلۇمەنىڭ تېنىنىڭ ساق بولىشى، روھىي ھالىتىنىڭ تېتىك، جۇشقۇن بولىشىنىڭ سەۋەبىنى كۆزىتىپ باقتىم. كېچىنىڭ يېرىمىنى ئىبادەت، قۇرئان ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن بۇ ئايالنىڭ ئەڭ ئېسىل سۈپەتلىرىدىن مەن بايقىغىنىم كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق، غەيرەتلىك بولۇش قاتارلىقلاردۇر . مىسالەن : ئۆزىگە ئازار بەرگەن ، يامانلىق قىلغان بىر كىشىنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ شىكايەت قىلىپ كەلگەن ئادەمگە باشقىلاردەك تەڭ ئولتۇرۇپ تىللىشىپ بەرمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇ يامان كىشىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق يامان كۆرۈلگەن كىشىنى ئاقلايدۇ. ھەمدە ھەر قانداق ئادەمنىڭ تەبئىتىدە ئۇنچىلىك ئەيىپ-نۇقسانلارنىڭ بولىشى نۇرمال ئىش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تەبئىتىدىكى پەزىلەتلەرنىڭ يامان سۈپەتلەرنى يوقۇتالايدىغانلىقىنى، شۇڭا كەڭ قورساق بولۇپ ئۇ كىشىنى كەچۈرۋىتىشىنى ئېيتىدۇ. يېقىنلىرىغا تولا ئازار بىرىدىغان ئۇ كىشى بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ قىلىپ خىجالەتتىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي ئۇ ئايالنىڭ كەڭ قورساقلىقىغا قايىل بولىدۇ.

بۇ موماينىڭ تېبابەتتىن كۆپ خەۋىرى يوق بولسىمۇ ئۇقۇمۇشلۇق ئايال بولغاچقا ئۆزىنىڭ مىزاج، كەيپىياتىنى قانداق تەڭشەشنى، مىزاجىدىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ ئوزۇقلىنىشنى بىلىدۇ. مەن ئانچە - مۇنچە بۇ <<ئانام>>نى يوقلاپ بارغاندا، بالام تازا مىجەزىم يوق، تومۇرۇم تۈنۈگۈندىن بىرى مۇنداقراق سوقۇۋاتىدۇ، شۇڭا پالانى غىزانى يىمەي تۇردۇم، مۇنداقراق غىزانى يېسەم ھازىر خىلى ياخشى، سىلى بىر كۆرۈپ باقسىلا دەيدۇ. مەن تومۇرنى تۇتۇپ كۆرسەم ئۆزى ئېيتىپ بەرگەندەك ھالەتتە سوقۇۋاتقان بولىدۇ. يېمەك-غىزالارنىڭ تەڭشىلىشىنىڭمۇ مۇۋاپىق بولغانلىقىنى ئېيتىمەن. بۇ مەزلۇمغا مەستلىكىم كىلىدۇ. تۆۋەندە ئۆزىنىڭ مىزاجىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى تومۇرىنى تۇتۇش ئارقىلىق بىلگىسى كىلىدىغانلارغا : تومۇر ۋە ئۇنىڭ ھەركىتى، تومۇرلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە تومۇردىن بىلىنىدىغان ئالامەتلەر، تومۇر تۇتۇشنىڭ ئۇسۇلى، ئادەم ھاياتىنىڭ ھەربىر دەۋىرىدىكى تومۇر ھەرىكىتى، مىزاجلارنىڭ بەلگىسىنى كۆرسىتىدىغان تومۇرلار، ئەر ۋە ئاياللارنىڭ تومۇر پەرقى، سېمىز ۋە ئورۇق كىشلەرنىڭ تومۇرى، تۆت پەسىلدىكى تومۇرلار، ئۇخلاۋاتقان ۋە ئويغاق كىشىلەرنىڭ تومۇرى، تاماقنى نورمال، كۆپ، ئاز يېگەن، ئىسسىق، سوغۇق ياكى ئۆز مىزاجىغا ياقمايدىغان زىيانلىق تاماق يېگەن شاراب،ئېچكەن كىشىلەرنىڭ تومۇرى، كېسەل بولغان ۋە بەدىنى ئىشىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تومۇرى، بېشى ئاغرىدىغان كىشىلەرنىڭ تومۇرى دېگەندەك ئەھۋاللاردىكى تومۇر سوقۇشىنىڭ ئۆزگىرىش ھالەتلىرىنى بايان قىلىنغان مەزمۇنلار دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

 1-پەسىل تومۇر ۋە ئۇنىڭ ھەركىتى
 
ھەرقانداق تومۇر ئىككى ھەرىكەت ۋە ئىككى توختاش بىلەن تامام بولىدۇ. ئاۋالقى ھەرىكەت تومۇرنىڭ ئېچىلىپ كېڭىشىدۇر. ئۇئىنبىسات (كېڭىيىش) دېيىلىدۇ؛ ئىككىنچى ھەركىتى ئىنقىباز( تارىيىش) دېيىلىدۇ. تومۇرنىڭ ھەرىكەتتىن توختىغان ھالىتى سۇكۇن( توختاش) دېيىلىدۇ.
ئىنبىسات(كېڭىيىش) ھەرىكتىنىڭ تۈگىشى، ئىنقىباز( تارىيىش) ھەركىتىنىڭ باشلىنىشى ئارىسىدا سۇكۇن( توختاش) بولىدۇ. ئىنبىسات ھەرىكىتى ئوچۇقراق ۋە تۇراقلىقراق بولۇپ، بارماق ئۇچى بىلەن بايقاشقا بولىدۇ. ئەگەر ئەزالارنىڭ كۈچى ئاجىز بولسا، ئىنقبازنىڭ ھەرىكىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ. تومۇر تۇتۇشتا چوڭراق، قاتتىقلىق، كۈچلۈك، ئاستىلىقنى بايقاش مەزمۇن قىلىنىدۇ. شىريان( ھەرىكەتلىك) تومۇرلارنىڭ ھەرىكىتى ھەردائىم يۈرەكنىڭ ھەرىكىتى بىلەن تەڭلا ۋاقىتتا بولىدۇ. ئەگەر شىر يانغا بىرەر زەخمە يەتسە، ئۇنىڭ ھەرىكىتى زەخمە سەۋەبىدىن يۈرەكنىڭ ھەرىكىتىدىن تىز بولىدۇ.

 2-پەسىل تومۇرلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە تومۇردىن بىلىنىدىغان ئالامەتلەر

 يۈرەك ئىنسانغا قانداق مۇھىم بولسا، شىريان يۈرەككە شۇنداق مۇھىمدۇر. شىريان تومۇرلىرىنىڭ ھەر قايسىسى يۈرەككە تۇتاشقان بولىدۇ. يۈرەكتىكى روھ ئۆپكىنىڭ نەپەس چىقىرىشى ئارقىلىق قانغا راھەت يەتكۈزىدۇ. تومۇرنىڭ ۋەزىپىسى روھقا ساپ ھاۋا يەتكۈزۈش، بۇ خاراتلارنى روھتىن يىراق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتلەر يۈرەك ۋە شىر ياننىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئورۇنلىنىدۇ. ھارارىتى ئەسلى ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى يۈرەكتۇر. بەدەن قۇۋۋىتى ھايۋانى بىلەن تىرىك تۇرىدۇ ۋە ھارارىتى ئەسلى بىلەن پۈتۈن ئەزا ئىسسىق تۇرىدۇ، پۈتۈن ئەزالار قۇۋۋەتنى قۇۋۋىتى ھايۋانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىي ئارقىلىق قوبۇل قىلىدۇ. بەدەننىڭ ساق تۇرۇشى قۇۋۋىتى ھايۋانىي ، قۇۋۋىتى نەپسانىي ۋە ھارارىتى ئەسلىنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئورنى يۈرەكتۇر. پۈتۈن قۇۋۋەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى يۈرەكنىڭ ھەرىكىتىدىن بىلگىلى بولىدۇ. يۈرەكنىڭ ھەرىكىتىنى شىريان تومۇرنىڭ ھەرىكىتىدىن بىلىنىدۇ، تېۋىپلار قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ ۋە روھنىڭ ئەھۋالىنى يۈرەكنىڭ ھەرىكىتى ۋە شىريان تومۇرنىڭ ھەرىكىتىدىن بىلگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. يۈرەكنىڭ بوشلۇقى ۋە شىر ياننىڭ ئارىسىدا قان بىلەن بىللە روھ بولىدۇ. شىريانلار روھنى بەدەنگە يەتكۈزىدۇ. تومۇرنىڭ ئۈستىگە قولنى قويۇش ئارقىلىق، ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ئۇزۇنلۇق، قىسقىلىق، كۈچلۈك، ئاجىزلىق، شۇنداقلا، يۈرەكنىڭ بوشلۇقىدا ۋە شىريانلاردا بولغان كېسەللەرگە سەۋەبچى بولغان ئەھۋالنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ۋە سەۋەبلىرىنى تامامەن بىلگىلى ۋە سەزگىلى بولىدۇ.

3-پەسىل تومۇر تۇتۇشنىڭ ئۇسۇلى
 
تومۇر قولنىڭ بىلەيزۈك بوغۇمىدىن تۇتۇلىدۇ. چۈنكى، بۇ جاينىڭ گۆشى ئازراق، تومۇر يۈزەرەك بولغىنى ئۈچۈن، تومۇر ھەرىكىتىنى ئاسان بىلگىلى بولىدۇ ھەم قولنى كۆرسىتىشكە ھېچكىم ئۇيالمايدۇ. بۇيەردىكى شىريان تومۇرلارمۇ يۈرەكتىن ئاجراپ چىققان بولۇپ، گۆشلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. ئەمما، ھەرىكەتسىز تومۇرلاردەك تولغان بولمايدۇ. تومۇر تۇتقاندا تۆت بارماق ئۇچى بىمارنىڭ بىلەيزۈك قىسىم يان تەرىپىگە قويۇپ تۇتىلىدۇ. بىمارنىڭ قولى ئارامىدا تۇرۇشى،قولىدا ھىچ نەرسە تۇتماسلىقى، بىر نەرسىگە تايانماي تۇرۇشى لازىم. ئەگەر تومۇر كۈچلۈك بولسا، ئوتتۇرا بارماق بىلەن، ئەگەر كۈچسىز بولسا، قولنى يىنىك قويۇپ سىلىق تۇتۇش لازىم. تومۇرنى مەلۇم ۋاقىت تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق تومۇرنىڭ چوڭلىقى-كىچىكلىكى، ئىسسىق-سوغۇقلۇقى، كۈچلۈك -كۈچسىزلىكى، ئارقا-ئارقىدىن سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايقىغىلى بولىدۇ. تېۋىپ تومۇر تۇتقان ۋاقىتتا ئاغرىق كىشى قۇرقۇنىچتىن، بەك خۇشلۇقتىن، بىئاراملىقتىن، ھېرىپ-چارچاشتىن ۋە جاپا -مۇشەققەتتىن يېراق بولۇشى لازىم. مۇنچىدىن يېڭى چىققان چاغدا، كۆپ ئۇخلىغان ۋە ئۇيقۇسىز قالغان، تويۇپ كەتكەن ۋە بەك ئاچ قالغان ئەھۋالدا تومۇر تۇتماسلىق لازىم. ھەربىر كىشىنىڭ تومۇرى ۋە مىزاجى ئوخشاش بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ يېشىغا، تۆت پەسىلگە، ھاۋا، تەبىئەت ئەھۋالىغا قاراپ تومۇرنى مۇلاھىزە قىلىش لازىم. تېۋىپ تومۇر تۇتقاندا، بىمارنىڭ تومۇرىنى ئىلگىرىمۇ تۇتۇپ كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ ئادىتى ۋە ھەرىكىتىنى سىنىغان بولسا ھەمدە تومۇردا ئۆزگىرىش ۋە پەرىق بولسا، ئاندىن ئۇنىڭغا ھۆكۇم قىلسا بولىدۇ. پۈتۈن تومۇرنىڭ تۈرلىرىنى مۆتىدىل(نورمال) قىياس قىلىش لازىم. تېز ۋە ياكى ئاستىلىقىنى، ئۇزۇن ۋە قىسقىلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا تۈرلىرىنى بىلىش لازىم.
 
4-پەسىل تومۇرنىڭ تۈرلىرى

 تومۇرنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە بىر نەچچە خىل بولىدۇ. بىرىنچى، تومۇر
ھەرىكىتىنىڭ مىقدارىغا قاراپ ئۇزۇن-قىسقا، كەڭ-تار، يوغان-ئىنچىكە، ئىگىز-پەس، مۆتىدىلدىن ئىبارەت 9 خىلغا بۆلىنىدۇ. ئىككىنچى، تومۇرنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ ئىسسىق-سوغۇق، قاتتىق- يۇمشاق، مۆتىدىلدىن ئىبارەت 5 خىلغا بۆلىنىدۇ. ئۈچىنچىسى، تومۇرنىڭ ئارىسىدىكى روھقا قاراپ توشۇق، كاۋاك، مۆتىدىلدىن ئىبارەت 3 خىلغا بۆلىنىدۇ. تۆتىنچىسى، تومۇرنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ مۇستەۋى( باراۋەر)، مۇختەلىپ( قارمۇ قارشى)، مۇنتىزىم( تەرتىپلىك)، نامۇنتىزىم( تەرتىپسىز)، مەۋزۇن( ئۆلچەملىك)، نامەۋزۇن( ئۆلچەمسىز) دەپ 6خىلغا بۆلىنىدۇ. تومۇرنىڭ ھەرىكىتنى تۆت بارماق ياكى ئۈچ بارماق سەزسە، تەۋىل( ئۇزۇن)، بىر بارماق سەزسە قەسىر ( قىسقا) دېيىلىدۇ؛ بارماق تومۇرنىڭ توملىقىنى سەزسە، ئەرىز( كەڭ) دېيىلىدۇ. دەقىق( ئىنچىكە) ئەرىزنىڭ ئەكسىدۇر. يوغان تومۇرلارنىڭ ھەرىكىتى ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكتە بارماقلارنىڭ كەڭلىكىدىن زىيادە بولىدۇ. ۋە تېرە تەرەپكە كۆتۈرۈلۈپ ھەرىكەت قىلىدۇ.؟ ئۇ شتاھىق( ئېگىز) ۋە مۇرتەپىئە( كۆتۈرۈلگۈچى) تومۇر دېيىلىدۇ. بەزىدە تومۇرلار يۇقىرى كۆتۈرۈلمەي، پەسكە، يەنى گۆش تەرەپكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ مۇنھەپىز( پەسەيگۈچى) دېيىلىدۇ؛ ھەممە ئەھۋاللىرى نورمال بولغىنىنى مۆتىدىل دېيىلىدۇ؛ كۈچلۈك تومۇر بارماققا كۈچ بىلەن تەسىر قىلىدۇ. ئاجىز تومۇر، ئۇنىڭ ئەكسىدۇر. تېز-تېز سېلىپ، ئارلىقتىكى جىملىق قىسقا بولسا، ئۇ مۇتەۋاتىر( ئارقا-ئارقىدىن ھەرىكەت قىلغۇچى) دېيىلىدۇ؛ مۇتەپاۋوت ئۇنىڭ ئەكسىدۇر. تومۇر ھەرىكىتى بارماقنىڭ كۈچى بىلەن ھەرىكەتتىن توختىسا، يۇمشاق تومۇر دېيىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئەكسىچە بولغىنى سەلىب( قاتتىق تومۇر) دېيىلىدۇ. بارماقلار تومۇرنىڭ ئارىسىدىكى ھارارەت ۋە ھۆللۈكنى سەزسە ئەقىل دېيىلىدۇ. تومۇرنىڭ ئىلگىركى ۋە كېيىنكى ھەرىكەتلىرى باراۋەر بولسا، ئۇ، مۇستەۋى ( باراۋەر) دېيىلىدۇ؛ ئاۋۋالقى ھەرىكىتى كېيىنكى ھەرىكىتىگە باراۋەر بولمىسا، ھەر قېتىمدا باشقىچە ھەرىكەت قىلسا، ئۇ، مۇختەلىپ( قارمۇ قارشى) تومۇر دېيىلىدۇ. تومۇرنىڭ ھەرىكىتى بىر خىلدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزگەرمىسە، مۇنتىزىم ( تەرتىپلىك)، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، نامۇنتىزىم(تەرتىپسىز )دېيىلىدۇ؛ تومۇرنىڭ كېڭىيىش ۋە قىسقىرىشى ھەرىكەتنىڭ ۋاقتى ھەم ئارلىقتىكى ئىككى جمىلقنىڭ ۋاقتى بىر-بىرىگە مۇناسىپ بولسا، مۇستەقىمۇل ۋەزنى( توغرا ئۆلچەملىك) تومۇر، ئەگەر بۇ ھەرىكەت ۋە جىملىقلار بىر-بىرىگە مۇناسىپ بولمىسا، ئۇ، نامەۋزۇن ۋە رەدىيول ۋەزنى(ناچار ،ئۆلچەمسىز) توپمۇر دېيىلىدۇ. تومۇرنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ _ كېڭىيىپ ھەرىكەت قىلغىنىنى ئىنبىسات( كېڭەيگۈچى) تومۇر دېيىلىدۇ، ئەكسىچە بولسا. ئىنقىباز( تارايغۇچى) تومۇر دېيىلىدۇ؛ ئۆسمۈلەرنىڭ تومۇرى يىگىتلەرنىڭ تومۇرىدەك بولسا،ئۇ، مۇتەغەييۇرۇل ۋەزنى ( ئۆزگىرىشچان ئۆلچەملىك) تومۇر دېيىلىدۇ. يەنە بىر خىل تومۇر بار بولۇپ، ئۇ، مۇبايىنۇل ۋەزنى( ئۆلچىمى ئوچۇق ) تومۇر دېيىلىدۇ. گۈدەكلەر تومۇرىنىڭ ۋەزنى قېرىلارنىڭ تومۇرىنىڭ ۋەزنىدە بولسا خارىجىل ۋەزنى( ئۆلچەمدىن تاشقىرى) تومۇر دېيىلىدۇ.

5- پەسىل تومۇرلارنىڭ سەۋەبلىرى
 تومۇرلارنىڭ ئەسل زاتى ئەسىبابى ماسسىكە(تۇتۇپىتۇرۇش سەۋەبلىرى) دېيىلىدۇ. بۇ ئۈچ خىل بولىدۇ. بىرىنچىسى، يۈرەك بىلەن شىريان تومۇر بولۇپ، ئۇ ئالەت( ئەسۋاب) دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچىسى، قۇۋۋىتى ھايۋانى بولۇپ، پائىل( ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ ) دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، يۈرەك شىريان ئارقىلىق ساپ ھاۋانى ئۆزىگە تارتىدۇ، ئىنبىساتنىڭ ھەرىكىتى بىلەن يېڭى ھاۋانى ئۆزىگە تارتىش ۋە ئىنقىباز(يىغىلىش) ھەركىتى بىلەن ئىسسىق ھاۋانى ئۆزىدىن قايتۇرۇش ھاجەت دېيىلىدۇ. تومۇر ھاجەتنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بىر ھالەتتىن ئىككىنچى بىر ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. ھارارەتنىڭ ئېشىپ كېتىشگىمۇ شۇ ئۈچ نەرسەسەۋەب سەۋەب بولىدۇ. قاتتىق ئاغرىق ياكى كۆپ مۇشەققەت تارتىش، ھېرىش -چارچاش ياكى بۇس- بۇخارات ۋە خىلىتلارنىڭ بەتبۇي( سېسىق پۇراق) لار تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان بولسا، تومۇر ھەرىكىتىنىڭ تىزلىشىشى ئۇ ئۈچ نەرسىگە مۇراجەت قىلىدۇ. تومۇرنىڭ كۈچلۈكلۈكى كېيىن پەيدا بولغان ھارارەتنىڭ سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا، مەسلەن: ئىچ پۇشقاندىن كېيىن، رىيازەت تارتقاندىن كىيىن ياكى ھاممام( مۇنچا)غا كىرگەنلىك سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا، بۇ خىل ئەھۋال دەرھال يوقىلىپ تومۇر ئۆز ھالىغا كېلىدۇ. كۈچى ئاجىزلاشمايدۇ، ئىسستمىدىن پەيدا بولغان تومۇرنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىدۇ. تۇتۇپ تۇرۇش قۇۋۋىتى ھەر چاغ مۆتىدىل بولسا، پۈتۈن بەدەننىڭ ئەھۋالى نورمال بولۇپ، تومۇرنىڭ ھەرىكىتىمۇ نورمال بولىدۇ. ئەگەر تومۇر ئەزىم (چوڭ) ۋاقىتتا ھاجەت ئارتۇق بولسا، تومۇر كەينى -كەينىدىن ھەرىكەت قىلىدۇ؛ ئەگەر قۇۋۋەت ئاجىز، شىريان قاتتىق ، ھاجەت ئاز بولسا، تومۇر تېز ھەرىكەت قىلالمايدۇ.. شۇنداقلا، قۇۋۋەت كەم، شىريان قاتتىق، ھاجەت ئاز بولسا، تومۇر پەرقلىق بولىدۇ. قۇۋۋەت كەم، تومۇرى قاتتىق، ھاجەت ئاز بولسا، يەنە پەرقلىق بولۇپ، تومۇر ھەرىكىتى ئاستا بولىدۇ. قۇۋۋەت زەئىپ بولسا، تومۇر ھەرىكىتى كىچىك بولىدۇ.
قىزىقلىق، بەدەندىكى كۆيگەن ماددىلار، ئەزالارنىڭ ئىششىشى، ئۇيقۇسىز لىق، ئىشتىھاسىزلىق ۋە قىسمەن ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن تومۇر قاتتىق بولىدۇ. ئەگەر تەرلەش ئەھۋالى بولسا، تومۇر دولقۇنسىمان بولىدۇ؛ بوھران ياخشىلىنىپ، سالامەتلىكى، ئوزۇقلنىشى نورمال بولسا، تومۇر ئۇزۇن ۋە يوغان بولىدۇ. ئەگەر تومۇرنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىغا ۋە ئۈستى تەرەپكە سېلىشتىن يانسا، شىرياننىڭ قاتتىقلىقى تومۇرنىڭ بېشىدىكى گۆشكە كىلىپ، ئوزۇقلىنىش نورمال بولسا، تومۇر ھەرىكىتى يوغان بولىدۇ. قۇۋۋەتنىڭ كەملىكىدىن شىريان قاتتىق بولىدۇ.

 6-پەسىل مۇختەلىپ(قارمۇ قارشى) تومۇرلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى
 يۈرەك ۋە شىرياندا سئى مىزاج پەيدا بولسا ۋە قۇۋۋەتنىڭ ھالىتىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، تومۇر خىلمۇ-خىل سوقىدۇ. بەدەندە سۇددە( توسالغۇ )پەيدا بولۇش ۋە ئەئرازى بەپسانى( روھىي ئۆزگىرىشلەر) تومۇرنىڭ قارمۇ قارشى سوقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قاننىڭ كۆپ بولۇشى تومۇرنىڭ قارمۇ قارشى سڭقۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ ئەھۋال قان ئېلىش بىلەن يوق بولىدۇ. قاننىڭ قۇيۇق ۋە كۆپ بولۇشىدىن خونناق(بوغما) ۋە سەكتە پەيدا بولىدۇ. بۇخىل ئەھۋال شارابنى ھەددىدىن زىيادە ئىچكەنلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ.ئوخشاش بولمىغان تومۇرلارنىڭ تۈرلىرىدىن بىرى زەنبىلپاردۇر، زەنبىلپار دېگەن چاشقان قۇيرۇقى دېگەن بولىدۇ. زەنبىلپارنى چىمچىلاق بارماق ھەممىدىن ياخشى تاپىدۇ، نامسىز بارماق ئۇنىڭدىن ئاجىز، ئوتتۇرا بارماق ھەممىدىن ئاجىزراق تاپىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئاغرىقنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىندۇر. ئاغرىق كۈچلۈك بولسا، زەنبىلىپارنىڭ ئەھۋالىنىڭ يامانلىقىنىڭ بىشارىتى. بۇنداق تومۇر قۇۋۋەت جەھەتتە زەنبىلپار تومۇرنىڭ ئىككى باراۋىرىدە بولىدۇ.ئەگەر ئۇ تومۇرنىڭ قۇۋۋىتى زىيادە بولۇش بىلەن بىرگە ھارارەت ياخشى بولسا، بەدەن مىزاجىنىڭ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتىدۇر.ئەگەر تومۇر زەنبىلپار تومۇردەك بولۇپ، ھارارىتى ناچار بولسا، بۇ ياخشى ئەمەس.
 نەبزى مۇنقەتىد( ئۈزۈك تومۇر) مۇنداق بولىدۇ: پۈتۈن ئەزاغا تارقالغان قىزىقلىق ئالامىتى كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ ئاستىدا پەيدا بولۇپ، ئوتتۇرا ئۇزۇن بارماقنىڭ ئاستىدا سېزىلمىسە، زۇلپىرەت(ئۈزۈلگۈچى) ناملىق تومۇرغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئەمما بۇ تومۇردا قۇۋۋەت ئازراق بولىدۇ. چۈنكى، بۇ تومۇر دەسلەپتە بىر ئاز سوقسىمۇ، پات ھېرىپ قالىدۇ. بۇنداق بولۇشى كېسەللنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ. غەززالى(كىيىك ماڭغاندەك) تومۇر ئۈزۈك تومۇردەك بولىدۇ. ئەمما، بۇ تومۇرنىڭ سوقۇشى باشلىنىپ، تاكى تۈگىگىچە ئارلىقتا ئوتتۇرىدا توختاپ قالىدۇ.
 نەبزى زۇلقەرئەتەيىن(ئىككى ئۇرۇپ بىر توختايدىغان) تومۇرنىڭ سوقۇشى ھاجەتكە لايىق بولىدۇ.ئەمما، بۇ تومۇر ئۆزىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىكى گۆش سەۋەبىدىن بىردەك ھەرىكەت قىلالمايدۇ، ئارىدا ئازراق توختاپمۇ قالىدۇ.توختىغاندىن كىيىن يەنە سوقۇپ ھەرىكىتىنى تاماملايدۇ، بىر ھەرىكەتنى ئىككى قىتىمدا تۈگەتكەن بولىدۇ.
 نەبزى مۇختەلخىل قۇرئە(ھەرخىل شەكىلدە سوقىدىغان) تومۇر بولسا، يۇمشاق ۋە كەڭ بولىدۇ.ئەمما، ئېگىزلىك جەھەتتە نورمال، ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكتە چۈمۈلىدەك بولىدۇ. بۇ، مەۋجى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تومۇر سوقۇشنىڭ باشلىنىشى ناچار، ئاجىز بولۇپ، ئاخىرى كۈچلۈك بولىدۇ ياكى باشلىنىشى كۈچلۈك بولۇپ، ئاخىرى ئاجىز بولىدۇ. نەبزى مەۋجى( دولقۇنسىمان) تومۇر بولسا، يۇمشاق ۋە كەڭ،ئېگىزلىك جەھەتتە نورمال ۋە ئۇزۇن،كەڭلىكتە مۈچىدەك بولىدۇ. بۇنداق تومۇر مۇنچىغا كىرگەندىن كېيىن، شاراب ئىچكەندىن كىيىن پەيدا بولىدۇ. ئىستسقا، پالەچ، سەكتە،زاتىررىيە(ئۆپكە ياللۇغى) دىمۇ پەيدا بولىدۇ.
ئەگەر ئىسسىتما پەيدا بولغان ۋاقتىدا تومۇر مەۋجى بولسا، تەرلەشنىڭ بەلگىسىدۇر. بۇ تومۇر مەۋجى بولۇشنىڭ سەۋەبى قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولىدۇ.
 نەبزى دۇدى(قۇرتتەك سوقىدىغان تومۇر) بولسا، مەۋجىگە ئوخشاش، لېكىن، ئىنچىكىرەك، سوقۇشى تىزراق،خۇددى قۇرت ماڭغانغا ئوخشاپ كىتىدۇ. بەزىلەر بۇ تومۇر تىز سوقىدۇ، دەپ گۇمان قىلغان بولىسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بۇ تومۇر بولسا ،ئاستا-تېز، ئىگىز ۋە پەسلىكلەرنىڭ ئارلاشمىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ،بۇ ئۈچ خىل بەلگە بىر تومۇردا پەيدا بولىدۇ. بۇنداق بولۇشى قۇۋۋەتنىڭ يوقىلىشقا باشلىغانلىقىدىندۇر.
 نەبزى نەملى (چۈمۈلە ماڭغاندەك سوقىدىغان تومۇر) بولسا، سوقۇشى تېز، يۇقىرقى تومۇردىن ئىنچىكىرەك سالىدۇ، يىڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ تومۇرىغا ئوخشايدۇ.بۇ قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى،كېسەلنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
 نەبزى مىنشارى(ھەرە تارتقاندەك سوقىدىغان تومۇر) بولسا، مەۋجى تومۇرغا ئوخشايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىن قاتتىقىراق،ئېگىز-پەس، قالايمىقانراق بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ مىنشارى(ھەرە) دەپ ئاتىلىدۇ. نۇ تومۇر كۆپىنچە زاتىلجەنبە(كۆكرەك پەردە ياللۇغى)كېسەللىكىدە پەيدا بولىدۇ. يۈرەك پەردىسىدە پەيدا بولغان ئىشىشق سەۋەبىدىنمۇ پەيدا بولىدۇ.
 نەبزى مۇتەخەلخەل(ئارىلاپ سوقىدىغان تومۇر) بولسا، ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، تومۇردىكى ھەرىكەت كۈزىتىلگەندە توختاپ قالىدۇ. بۇنداق بولۇشى بەدەندە قۇۋۋەت يوقالغانلىقتىندۇر. يەنەبىرى، تومۇردىن توختاش كۆز تۇتۇلغاندا سوقىدۇ. بۇنداق بولۇشى يوقالغان قۇۋۋەتنىڭ بەدەندە يېڭىباشتىن پەيدا بولغانلىقىدىندۇر. ئاۋالقىشى زۇلپىترەت(ئۈزۈلگۈچى)، كېيىنكىسىنى ئەلۋاقىئى پىلۋەسەت(ئوتتۇرىدا پەيدا بولغۇچى تومۇر) دەپ ئاتىلىدۇ.
 نەبزى مۇتەشەننۇچ(تارتىشىپ سوقىدىغان تومۇر)،مۇتەۋاتىر( ئارقىمۇ ئارقا سوقىدىغان)، مۇتەۋى(يۆگىشىپ سوقىدىغان) تومۇرلار سۈرگە دورىسى ئىچكەندىن كىيىن، قۇرۇق مىزاج كېسەللىكلەردە پەيدا بولىدۇ.ئەمما، بۇ خىل كېسەللىكلەردە تومۇر تارتشقان ھەم قاتتىقراق بولىدۇ.
 نەبزى مۇرتەئىش(تىتىرەپ سوقىدىغان تومۇر)بولسا، سوقۇشتا تىترەش ئىپادىسى سېزىلدىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى بەدەندە خىلىتلارنىڭ كۆپلۈكى، قۇۋۋەتنىڭ ئارتۇقلۇقىدىن كېسەلنى قايتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ.ئىگىز-پەس، قالايمىقان تومۇر كۆپىنچە، بۇزۇق ماددىلار بەدەندە توپلىشىپ قالغانلىقتىن ۋە نەدەن قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقانلىقتىن پەيدا بولىدۇ.ھەرىكەت قىلىش ۋاقتىدا ئاجىز بولۇش، بەدەن ئاجىز لىقىدىن بولىدۇ.

 7-پەسىل ئادەم ھاياتىنىڭ ھەربىر دەۋىرىدىكى تومۇر ھەرىكىتى

 بالىلارنىڭ تومۇرى تېز ياكى ئارقىمۇ ئارقا سوقىدۇ. چوڭلۇقتا ئوتتۇراھال بولۇپ، ئۆز بەدىنىگە مۇۋاپىق كىلىدۇ. تومۇرنىڭ تېز ۋە ئارقىمۇ ئارقا سوقۇشى بولسا، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ھەم ئۇنىڭ يېتىلىشىنىڭ تېخى تولۇقلىنىپ بولالمىغانلىقىدىندۇر. قۇۋۋەتنىڭ تېخى يېتىلمىگەنلىكى ئەزالارنىڭ ھۆللۈكى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ياشلارنىڭ تومۇرى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتى تولۇقلانغان ۋە بالىلىق دەۋىردىكى ئەزالارنىڭ ھۆللۈكى ئازايغانلىقتىن بولىدۇ.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرنىڭ تومۇرى بولسا، ياشلارنىڭ تومۇرىغا قارىغاندا، ئىنچىكە ۋە ئاستىراق بولىدۇ. چوڭلۇق ۋە قۇۋۋەت جەھەتتە ئوتتۇرا ھال بولىدۇ.
 ياشانغانلارنىڭ تومۇرى ئاجىز ۋە تولا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولىدۇ. تەبىئىي ھۆللۈك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن يۇمشاق بولىدۇ.
 
8-پەسىل مىزاجلارنىڭ بەلگىسىنى كۆرسىتىدىغان تومۇرلار
 ئەگەر مىزاجنىڭ ئىسسىقلىقى تەبىئىي بولسا، تومۇر چوڭ ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر مىزاجنىڭ ئىسسىقلىقى غەيرىي تەبىئىي بولسا، تومۇرنىڭ كۈچى ئاجىز ۋە تۆۋەن بولىدۇ. مەسىلەن:كۆپكەن تەپلەردە، سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ تومۇرى ئىنچىكە ياكى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. ھۆل مىزاج كىشىلەرنىڭ تومۇرى قىسقا بولىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق كىشىلەرنىڭ تومۇرى كۆپىنچە ۋاقتىدا ئىنچىكە ۋە قاتتىق بولىدۇ.

 9-پەسىل ئەر ۋە ئاياللارنىڭ تومۇر پەرقى
 ئەرلەرنىڭ تومۇرى ئاياللارنىڭ تومۇرىغا قارىغاندا كۈچلۈك ۋە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئەرلەرنىڭ مىزاجى كۆپىنچە ھۆل ئىسسىق، ئەزالىرى قاتتىقراق بولىدۇ. چۈنكى، ئەرلەرنىڭ ئىشلىرى ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشلىرى كۈچلۈك ۋە چوڭقۇرراق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەرلەرنىڭ تومۇرى بىلەن ئاياللارنىڭ تومۇرى پەرقلىق بولىدۇ.

 10-پەسىل سېمىز ۋە ئورۇق كىشلەرنىڭ تومۇرى
 ئورۇق كىشىلەرنىڭ تومۇرى سېمىز كىشىلەرنىڭ تومۇرىغا قارىغاندا چوڭ، لېكىن، سوقۇشى ئاستا بولىدۇ. چۈنكى ئورۇق كىشىلەرنىڭ تومۇرى ھەرىكەت قىلىشتا ئۇزۇنلۇقتا، كەڭلىكتە، چوڭقۇرلۇقتا ھېچقانداق توسالغۇسى بولمايدۇ. لېكىن سوقۇشتا پەرقلىق بولغانلىقتىن ئاستا بولىدۇ.
سېمىز كىشىلەرنىڭ تومۇرى ئىنچىكە، لېكىن تېز سوقىدۇ، ئەگەر سېمىزلىك گۆشتىن بولسا، تېزلىكى ۋە قۇۋۋىتى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. ئەگەر سېمىزلىك ياغدىن بولسا، تومۇرنىڭ تېزلىكى قۇۋۋىتى ئازراق بولىدۇ

 11-پەسىل تۆت پەسىلدىكى تومۇرلار
 باھاردا تومۇرنىڭ سوقۇشى نورمال قۇۋۋىتى زىيادە بولىدۇ. ئىسسىق بەلۋاغ ۋە ھاۋا كىلماتى نورمال بولغان يېزا-قىشلاق، شەھەر كىشىلىرىنىڭ تومۇرى ياز پەسىلىدە ھاۋا ئىسسىق بولغانلقتىن، سوقۇشى تېز، ئىنچىكە ئاجىز بولىدۇ. كۈز پەسىلىدە ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىپ تۇرغانلقتىن، تومۇرنىڭ سوقۇشى نورمال، لىكىن، كۈچسىزرەك بولىدۇ. قىش پەسىلىدە تومۇر سوقۇش پەرقلىق ئاستا ياكى ئىنچىكە بولىدۇ. ھارارەلىك كىشىلەرنىڭ تومۇرى كۈچلۈك بولىدۇ.

 12- پەسىل نورمال ئەمگەك قىلغان كىشىلەرنىڭ تومۇرى
 نورمال ئەمگەك قىلغۇچىلارنىڭ تومۇرى كۈچلۈك بولىدۇ.بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەسىلى بەدەن قىزىقلىقى ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانى زىيادە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تومۇرى پەيدىنپەي كۈچلۈك ۋە چوڭ سوقىدۇ، ئىشتىن چۈشكەندە تومۇرى تېز بولىدۇ.
ئەگەر ئەمگەك ئېغىر بولسا،تومۇرى ئىنچىكە ۋە كۈچسىز بولىدۇ. ئەگە ر بەدەننىڭ قۇۋۋىتى ئارتۇق بولسا، تومۇرى تېز سوقىدۇ.بەدەندىكى ماددىلاردا تولا ئۆزگىرىش بولۇپ، تومۇرلارنىڭ يولى ئېچىلغانلىقتىن، تومۇر ئىنچىكە ،كۈچسىز بولىدۇ. ئەگەر چارچاش ئىغىر بولسا،تومۇر قۇرىتسىمان، چۇمۈلىسىمان سوقىدىغان بولىدۇ.

 13-پەسىل ئۇخلاۋاتقان ۋە ئويغاق كىشىلەرنىڭ تومۇرى
 ئۇخلاۋاتقان كىشىنىڭ تومۇرى زەئىپ، ئىنچىكە، مۇتەۋاتىر( ئارقىمۇ -ئارقا) بولىدۇ. ئۇخلاۋاتقاندا ھارارىتى ئەسلى بەدەننىڭ تەكتىگە بارغانلىقتىن ۋە تاماق ھەزىم بولۇپ پىشىۋاتقانلىقتىن، تومۇر ئىنچىكە، كۈچسىز ۋە ئاستا سوقىدۇ. تاماق ھەزىم بولۇپ، ھارارىتى ئەسلى،روھ يېمەكلىكتىن ئۆزىگە ئىھتىياجلىق قۇۋۋەتنى ئالغاندىن كىين، تومۇر يەنە چوڭ ۋە كۈچلۈك بولۇپ، تاشقى ئەزادا ھەرىكەتلىندۇ.ئەگەر ئۇيقۇ ھەددىدىن ئارتۇق بولسا، تومۇر ئىنچىكە، كۈچسىز ۋە ئاستا سوقۇش ھالىتىگە قايتىدۇ.
ئۇيقۇنىڭ ياردىمىدە يېمەكلىكلەر ئۆزگىرىپ،يېمەكلىك گازلىرى يەنە بەدەنگە قايتىدۇ،شۇ سەۋەبتن تومۇر ئىنچىكە ۋە كۈچسىز بولىدۇ. بىر كىشى قورساق ئاچ ۋاقتىدا ئۇخلىسا، تومۇرنىڭ سوقۇشى ئاستا،كۈچسىز ۋە ئىنچىكە بولىدۇ.
ئادەم ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىنلا،تومۇر چوڭ ھەم تېز سوقىدىغان بولۇپ،پەيدىنپەي كىچىكلىشىپ، ئاستا سوقىدىغان بولىدۇ. ئەگەر بىر كىشى ئۇيقۇدىن تۇيۇقسىزلا قورقۇپ ئويغانسا، قورقۇنچىدىن روھى چۈشكۈنلۈككە ئۇچراپ، تومۇرى دەرھال ئاجىزلىشىپ،كېيىن ئۆز ئەسلىگە كېلىدۇ. قورقۇپ ئويغانغان كىشىنىڭ قۇرقۇنچىسى يالغان بولسا، تېز ئەسىلىگە كېلىدۇ. ئەگەر راست قۇرقونچى بولسا، كېيىنرەك ئەسىلىگە كېلىدۇ.

 14-پەسىل تاماقنى نورمال، كۆپ، ئاز يېگەن، ئىسسىق، سوغۇق ياكى ئۆز مىزاجىغا ياقمايدىغان زىيانلىق تاماق يېگەن
 شاراب ئېچكەن كىشىلەرنىڭ تومۇرى
 تاماقنى كۆپ يەيدىغان كىشىنىڭ تومۇرى، مىزاجى مەيلى ئىسسىق بولسۇن، مەيلى سوغۇق بولسۇن،قالايمىقان ۋە تېز سوقىدۇ.
 نورمال تاماق يېگەن كىشىنىڭ تومۇرى چوڭ بولۇپ،كۈچلۈك ۋە تېز سوقىدۇ.
 تاماقنى ئاز يەيدىغان كىشىنىڭ تومۇرى نورمال بولۇپ، بىر ئاز كۈچسىز سوقىدۇ.ئەگەر ئىسسىق مىزاجلىق كىشى ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى يېسە، تومۇرى ئاجىز ۋە كۈچسىز بولۇپ قالىدۇ.
ئەگەر مىزاج ئىسسىقتىن بۇزۇلسا،تومۇرى تېز ۋە ئارقىمۇ- ئارقا سوقىدۇ.
 ئەگر ئىسسىق مىزاجلىق كىشى سوغۇقلۇق ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلسا، مىزاجى نورمال بولۇپ تومۇرى كۈچىيىدۇ.
 سوغۇق مىزاجلىق كىشى سوغۇقلۇق ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلسا، سوغۇقتىن بۇزۇلغان يامان مىزاجنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تومۇرى كۈچسىز، ئىنچىكە،ئاستا ۋە قالايمىقان سوقىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛
 ئەگەر ئىسسقلىق ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلسا، مىزاجى نورماللىشىپ، تەڭشىلىپ تومۇرى كۈچلۈك بولىدۇ.
ئەگەر ھەر قانداق بىر كىشى ياخشى ياكى ناچار ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلسا، شۇنىڭغا ئەگىشىپ تومۇردا ئۆزگىرىش بولىدۇ.
ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە تومۇر قالايمىقانلىشىپ، تومۇردا قان ۋە ماددىلارنىڭ يۇرۇشۈىشى تۇسۇلۇپ، خەتەرلىك ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك.
سۇ تاماقنى ئىرىتىپ، قۇۋۋەتكە ياردەم بېرىدۇ. تومۇرنى كۈچەيتىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچىش،خاراكتېر جەھەتتىن تاماقنى كۆپ يېگەن بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ.

 15-پەسىل سۈرگە دورىسى ئىچكەندىن كېيىن، كلىزما قىلغاندىن تومۇردا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر
 سۈرگە دورىسى ئىچكەندىن كېيىن، تومۇر بوشاپ، ئاستىلىشىپ قالىدۇ.كۈچسىزلىشىدۇ. ئەگەر ئىچ ئۆتۈش چىكىدىن ئېشىپ كەتسە،تومۇر قۇرىتسىمان ، چۈمۈلىسىمان سوقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەمما،كلىزمىدىن كىيىن تومۇر خىلىت، ماددا ۋە گازغا تولۇپ قالىدۇ، ئەگەر ئارتۇق بولسا، تومۇر قالايمىقانلىشىدۇ. سۈرگە دورىسى بېرىش كلىزما قىلىش ئىشلىرىغا تېۋىپلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم.

 16- پەسىل ئەئرازى نەپسانى(خۇشاللىق، غەم-قايغۇ، قۇرقۇنچ، ئاچچىقلىنىش،غەزەپ - نەپرەت) قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە تومۇردا كۆرۈلدىغان ئۆزگىرىشلەر
 خوشاللىق ۋاقتىدا تومۇر چوڭ ھەم ئۆزگىرىشچان بولىدۇ.قايغۇرغاندا تومۇر غەم ئارقىلىق ئىچكى ئەزا تەرەپكە چۆ كۈۋالغانلىقتىن، ئىنچىكە ۋە كۈچسىز، ئاستا ۋە قالايمىقان بولۇپ قالىدۇ.
ئادەم قورققان ۋاقتىدا تومۇر تېز،تىترەپ سىلكىنىپ سوقىدۇ، قالايمىقان ۋە تۇراقسىز بولىدۇ.ئاچچىق ۋە غەزەپ قىزىقلىقنى يۇقىرى ئۆرلەتكەنلىكتىن، تومۇر چوڭ،تېز ۋە ئارقىمۇ ئارقا سوقىدۇ. ئەگەر غەزەپكە قورقۇنچ ۋەخىجللىق قوشۇلسا،ئېگىز پەس، قالايمىقان سوقىدۇ.
ئادەم خۇشال بولغاندا ۋە بىر نەرسىدىن لەززەت ئالغاندا، لەززەت قۇۋۋەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەچكە تومۇر چوڭ سوقىدۇ. لېكىن تېزلەشمەيدۇ.

 17- پەسىل مۇنچىغا كىرگەندىن كېيىن تومۇردا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر
 ئىسسىق سۇدا يۇيۇنسا،تومۇرچوڭ، كۈچلۈك، لېكىن يۇمشاق سوقىدۇ.كېيىنچە سوقۇسى تېزلىشىدۇ.
ئەگەر مۇنچىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا، بەدەب قىزىقلىقى پەسىيىپ،تومۇر كۈچسىز،قالايمىقان ۋە ئاستا سوقىدۇ. ئەگەر سوغۇق سۇدا يۇيۇنسا، تومۇر ئىنچىكە ، قالايمىقان، كۈچسىز ۋە ئاستا سوقىدۇ. ئەگەر تاشقى بەدەن سوۋۇپ، قىزىقلىق ئىچكى ئەزادا يېغىلىپ قالسا، تومۇر كۈچلۈك ، چوڭ ۋە تېز سوقىدۇ.
ئەگەر ھاكلىق كان، گۈڭگۈرت كېنى ياكى ئاق زەمچە كېنىدىن پەيدا بولغان سۇدا يۇيۇنسا، تومۇر قاتتىق ۋە تېز سوقىدىغان بولىدۇ.

 18-پەسىل كېسەل بولغان ۋە بەدىنى ئىشىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تومۇرى
 ئەگەر بىر كىشىنىڭ بىرەر ئەزاسى ئاغرىسا، تومۇرى تېز سوقىدىغان بولىدۇ. ئاغرىقى ئېغىرلىشىپ بىئارام بولسا،تومۇرى كىچىك ۋە كۈچسىز بولۇپ، چۈمۈلىسىمان سوقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئەگەر بىر ئادەمىنڭ بىر ئەزاسى ئىسىسقتىن ئىششىسا،تومۇرى تېز، ھەرىسىمان ۋە تىترەپ سوقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىششىق قاتتىق بولسا،تومۇر ھەرىسمان بولىدۇ، ئىششىق ئېغىرلاشقانسىرى تومۇرنىڭ ھەرىسىمانلىقى ئىشىپ بارىدۇ. ئەگەر ئىششىق يومشاق بولسا، تومۇرى دولقۇنسىمان سوقىدۇ. ئەگەر سوغۇقتىن ئىششسا، تومۇرنىڭ سوقۇشى ئاستا ۋە ئېگىز پەس بولىدۇ. ئەگەر ئىششىقنىڭ ماددىسى پىشىپ يېتىلسە، ئىششىقنىڭ تەمەددۇدى( داۋاملىشىشى) يوقالسا، تومۇر قىسقا سوقىدۇ.

 19-پەسىل بېشى ئاغرىدىغان كىشىلەرنىڭ تومۇرى
 ئىسسىقتىن سەرسام( مېڭە پەردە ياللۇغى) بولغان كىشىنىڭ تومۇرى ئىنچىكە،كۈچسىز قاتتىق بولىدۇ، داۋالغۇپ سوقىدۇ. ئەگەر كېسەلنىڭ ئىسسىتمىسى زىيادە بولسا، مېڭە پەردىسىدىكى ئىششىق سەۋەبىدىن تومۇرنىڭ ھەجىمى چوڭ، سوقۇشى تېز بولۇپ قالىدۇ.
ئىسسىتمىنىڭ باشلىنىشىدا تومۇر ئىنچىكە ۋە كۈچسىز بولىدۇ. بىمارنىڭ ماغدۇرى ئازايغانسىرى تومۇرنىڭ تىترىشى ئايلىنىپ كېتىشنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.

 20-پەسىل قىزىتمىسى بار كىشىلەرنىڭ تومۇرى
 ھەر كۈنى تۇتىدىغان قىزىتمىنىڭ تومۇرى چوڭ ۋە تېز سوقىدىغان بولىدۇ. قىزىتما بەتبۇي ئىسسىقلىقتىن پەيدا بولغان بولسا، ئۇنىڭدا تومۇر ئىنچىكە، تېز، ئېگىز -پەس قالايمىقان سوقۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن چوڭىيىدۇ.
قىزىتما سەپرا ۋە بەلغەمدىن پەيدا بولغان بولسا، تومۇرى قالايمىقان بولىدۇ، كېسەل ئەھۋالى ئوتتۇرا ھال ۋاقتىدا تومۇر چوڭىيىشقا باشلايدۇ.
بەلغەمدىن بولغان تەپنىڭ تومۇرى دەسلىپىدە پەس ۋە كۈچسىز، ئىنچىكە ۋە قالايمىقان بولىدۇ.
تەپپى مۇتبىقە( ئىزچىل قىزتما) نىڭ تومۇرى يۇمشاق، چوڭ ۋە كۈچلۈك بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا تېز بولىدۇ.
ئەگەر قاندىن ئوفۇفەت پەيدا بولسا، تومۇر چوڭ ، تېز ھەم قالايمىقان بولىدۇ.
تەپپى رۇبئى( تۆت كۈندە بىر تۇتىدىغان تەپ) بەلغەم ماددىسىدىن پەيدا بولسا، تومۇر يۇمشاق ۋە ئاستا سوقىدۇ. ئە گەر سەپرا دىن پەيدا بولسا، تومۇر تېز ، ئارقىمۇ ئارقا سوقىدۇ. ئەگەر قاندىن پەيدا بولىسا، تومۇر يۇمشاق ۋە چوڭ سوقىدۇ؛ سەۋدادىن بولسا، تومۇر قاتتىق ۋە ئىنچىكەسوقىدۇ.
چېچەك چىققان بالىنىڭ تومۇرى تېز ۋە قاتتىق، بەزى ۋاقىتىدا قالايمىقان سوقىدۇ.
 ئاپتۇرى: مۇھەممەد ئەكبەر ئەرزانى




[Birzat بۇنى 2011-04-26 03:01 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماpategul[2011-04-27 02:37 PM | del]
مەن توي قىلغىلى 8ئاي بولدى، توي قىلىپ 6ئاي بولغاندا قوسقۇمدا قىلىپ 2ئايلىقتىن ئاشقاندا  ئۆزى چۈشۈپ كەتتى. بالا چۈشۈپ كىتىپ  1ئاي بولغىچە قوسقۇمنىڭ 2يىنى ئاغرىدى . ھەم ھەيزە كىلىش ۋاقتى كەلگەندە ھەيزە كەلمىدى .دوختۇرخانىغا بارساق  داس بوشلۇغى ياللۇغى ئغىرراق ،تۇربا يولى ياللۇغى ۋە تۇخۇمدان ياللۇغى يىنىكرەك دەپ 5 كۇن ئاسما  ئاستى.  لىكىن يەنىلا  قوسقۇم ئاغىرىۋاتىدۇ.  بۇنىڭغا مىللى تىبابەتتە قانداق چارە قىلسام بولا يول كۆرسۇتۇپ بەرسىلە بوپتىكەن.پەرىز تۇتىدىغان  قانداق  ئشلار بار .پايدا  قىلدىغان قانداق يىمەكلىكلەر بار
回复قايتۇرماujun[2011-04-26 01:29 AM | del]
مىنىڭ دائم قپىقىم تارتىدىغان بۇلۇپ قالدى ھەرقىتىم تارت قاندا 2-3- كۆن داۋام لىشىدۇ . يەنە تۇتىۋېلاش قابىلىتىم تۆۋەنلەپ ئۇنۇتقاق بۇلۇپ قالدىم   جىم جىت ۋاقىتا قۇلىغىمدا زاۋۇت ماڭغان ئاۋاز چىقىدۇ  قۇلۇم پۇتۇمنىڭ ئوچى خۇدى چىمدىگەندەك جىمىلدايدۇ ، بۇ ئەھۋال يۆبەرگىلىى 6  ئاي ئەتىراپىدا بۇلدى   يامان يىرى قاپىقىم بۇلۇپ قالدى ماڭا چۇقۇم مەسلىھەت بەرسىڭىز،     ئاللا ئىگەم ئەجىرڭىزنى بەرسۇن
回复قايتۇرماujun[2011-04-26 01:13 AM | del]
مەن ياردە سۇرايمەن
回复قايتۇرماkareem[2011-04-24 08:27 PM | del]
موماينڭ ئۆمرىنى ئوزۇن قىلسۇن ،بېراق كچدە ئويقۇ ئاز بولسا ئاسانلا دېۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چقىرىدۇ ، شوڭا كچە كچىلەپ ئېبادەتنى تەشۋىق قلىمىغايلا تەقىسىر ، موۋاپىق ئېبادەت ، موۋاپىق ئارام ، ئويقۇ ، ساغلام ، ئوچۇق كۆڭۈلىنڭ بولشى ئوخشاشلا موھىم ....ياشانغانلاردا بولىدىغان دېۋەڭلىك كېسلى توغرلىقمۇ ئاز تولا ئېزىدىنپ باققان بولسىلا ، ھازىر ئويغۇرلاردا بەكلا كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ دېۋەڭلىك كېسىلى ...
回复قايتۇرماtarih[2011-04-23 10:28 AM | del]
بۇنچە كۆپ تۇمۇر ھەرىكەتلىرىنى تىبابەتتىن خەۋىرى يوق ئادەتتىكى تورداشلار بىلىپ كىتەلمەيدۇ. شۇڭا بۇنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىپادىلىسەك ياخشى بۇلاتتى ئەسلى.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.