كۈدە ئارقىلىق ئائىللەردە كېسەل داۋالاش-رېتسىپلار
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-04-21
كۈدە تەركىبىدە ۋىتامىنC ۋە كالتىسىي،فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. ھەر 100گرام يېڭى كۈدە تەركىبىدە 39مىللىگرام ۋىتامىنC، كالتىسي 84 مىللىگرام،43مىللىگرام فوسفور،8.9مىللىگرام تۆمۈر بولىدۇ، بولۇپمۇ ۋىتامىنCنىڭ مىقدارى پېدىگەننىڭكىنىڭ 4 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
كۈدىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ،بۆرەكنى ئىللىتىپ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تالغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ،خىلىتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، قاننى تەڭشەيدۇ. كۈدىنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە جىگەرنى ئاسراپ، تال-ئاشقازاننىڭ قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.
كۈدە قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش ۋە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولىغا ئىگە بولۇپ،يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. كۈدە يەنە تېرە تۈك خالتىسىدىكى قارا پېگمىنىتنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە تېرىدىكى ئاق داغنى يوقىتىدۇ، چاچنى قاپقارا ۋە پارقىراق قىلىدۇ.
كۈدىنى سوقۇپ شىرنىسىنى چىقىرىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىپ ھوشسىزلىنىشقا شىپا بولىدۇ. كۈدىنى ئوتقا قاقلاپ قىزىتىپ، كېسەللەنگەن جايغا سۈركەپ بەرسە، يەلتاشما(ئىشەك يېمى)غا شىپا بولىدۇ.
كۈدە ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ.
كۈدە جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ، دورا قامۇسلىرىدا ئۇ<<زەكەرنى قۇزغاتقۇچى گىياھ>> دەپ ئاتالغان، بۇ جەھەتتە ئۇ بۇگۈنكى كۈندىكى جنىسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغان زامانىۋى دورىلاردىن قېلىشمايدۇ.
كۈدە ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، ئادەت خارەكتىرلىك قەۋزىيەت ۋە ئۈچەي راكىنىڭ ئۈنۈملۈك راكىنى ئالىدۇ. كۈدە يەنە ھەزىم قىلىش يولىدىكى چاچ ، قۇم ،شىغىل، مىتال پارچىلىرى ھەتتە يىڭنىنى ئوراپ چوڭ تەرەت بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ<< ئۈچەي تازلىغۇچى چۆپ>> دىگەن نامى بار.
كۈدىنىڭ ئىچكى ئەزەلارنى ئىللىتىپ، يەلنى ماڭدۇرۇش، قاننى تارقىتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، بەدەننى ئىسسق ساقلاش، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
كۈدىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ، ئۇنى ھەم باشقا خام ماتىرياللار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ قورۇما قۇرۇشقا ئىشلەتكىلى ھەم تەم تەڭشىگۈچى ماتىريال ئورنىدا ئىشلەتكىلى ۋە قىيمىلىق تاماققىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
كۈدە ئەتىياز پەسلىدە ئىستېمال قىلىنسا جىگەرگە پايدىلىق بولىدۇ. باش ئەتىيازدىكى كۈدىنىڭ سۈپىتى ھەممىدىن ياخشى، كەچكۈزدىكىسىنىڭ 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، ياز پەسلىدىكىسىنىڭ ئەڭ ناچار بولىدۇ. شۇڭا<< كۈدىنى ئەتىيازدا يېسەڭ مەززىلىك تېتيدۇ، يازدا يېسەڭ سېسىق پۇرايدۇ>>دىگەن گەپ بار.
پىشۇرۇپ بىر كىچە تۇرۇپ قالغان كۈدىنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.كۈدە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئادەمنىڭ ئىسسقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ ھەم ئاسانلىقچە ھەزىم بولمايدۇ، شۇڭا مەنپىيىلىك زەئىپلىشىشتىن ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر، كۆز كېسىلى بارلار ۋە ئاشقازان-ئۈچىيى ئاجىزلاشقانلار كۈدىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
كۈدىنى ھەسەل، كالا گۆشى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
رېتسىپلار:
* پۇت تەمرەتكىسى داۋالاش قىيىن بولغان بىر خىل جاھىل خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكى بولۇپ ، بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچىلار بىر باغلام كۈدىنى يۇمشاق سوقۇپ ، داسقا سېلىپ يېرىم داس قايناق سۇ قۇيۇپ ، ئۈستىنى ھىم يېپىپ قويۇش كېرەك . سۇ پۇت كۆيمىگىدەك بولغاندا ، پۇتنى كۈدە سۈيىگە چىلىسا ، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ، ئەگەر بىر قېتىمدا ياخشىلانمىسا يەنە داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ . چىلىغاندا يېرىم سائەت چىلاش كېرەك .
* بوۋاسىر كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ھەر كۈنى كەچتە مەقئەتنى كۈدە سېلىپ قاينىتىلغان سۇدا يۇيۇپ بەرسە،بوۋاسىر ئاستا-ئاستا قورۇلۇپ ساقىيىدۇ.
* قۇلاققا كۇمۇتا كىرىۋالغاندا كۈدە بىلەن غولپىياز يىلتىزىنى يەنجىپ ،سۈيۈنى قۇلاقنىڭ ئىچىگە تېمىتىپ بەرسە ،كۈمۈتا ئۆزلىگىدىن چىقىپ كىتىدۇ.
* 500 گىرام يىلتىزلىق كۈدە بىلەن 30گىرام قارا شىكەرنى قايناق سۇغا چىلاپ يىسە ،قورساق ئاغرىغىنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ.
* ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا مەقئەتنى كۈدە شورپىسى بىلەن يۇيۇپ بەرسە ،مەددە كىسەللىگىنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ.
* مۇۋاپىق مىقداردىكى كۈدۈنى پاكىز يۇيۇپ ،قايناق سۇدا پۇشۇرۇپ كۈنجۈت يېغىغا مىلەپ ئىستىمال قىلسا ، بىلمەي يۇتۇپ تاشلىغان غەيرى نەرسىلەرنى چىقىرۋەتكىلى بۇلىدۇ.
* ئازراق يېڭى كۈدىنى توغراپ ياكى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، ھەر قىـتىمدا 200 مىللىلىتىر كۈدە سۈيىگە ئازراق قارا شىكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ،بۇرۇن قاناش كىسىلىگە شىپا بولىدۇ . بالىلار ئۈچۈن ئۇنىڭ يىرىمىنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ . بەدىنى ئاجىزلاپ قالغان ئىسسىقچان ئادەملەرگە ماس كەلمەيدۇ.
* كۈدە مانتىسى بەدىنى ئىششىپ ، تەرىتى راۋان بولمىغان كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ . چۈنكى كۈدە مانتىسى ئۈچەينى قۇۋۋەتلەپ ، بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ .
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۈدە
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
سۇلۇق قاپارتمىلىق قىچىشقاققا بىزنىڭ مىللىي تىبابەت يەرلىك رىتسىپلىرىمىزدىن قايسى رىتسىپلار ئەڭ ئۈنۈملۈك؟ مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز، رەھمەت.
جۈسەي 3-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسق تۇرسا .....سىز ئۇزىڭىز ئۈگىنىۋالغانما ماۋۇ تىبابىتىمز نى ؟؟